مەجرۇھ قىزنىڭ بەختى

يوللانغان ۋاقتى :2011.07.01ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:22 viewsئىنكاس سانى :0

مەجۇرۇھ  قىزنىڭ بەختى

(ھىكايە)

    دىكابىر  ئېيى ئوتۇرلاشماستىنلا  قەھرىتان سوغنىڭ ئاچچىق  نەشتىرى يۈزگە سانجىلىپ   كىشىنى  تولىمۇ ئەندىكتۈرەتتى.
    كوچىدا ماڭا ئوخشاش  بۈگۈنلىگىنى بۈگۈن تېپڭپ ،ئەتىنىڭ غېمىدا تىپىرلاپ يۈرگەن  باقالار،ئاندا -ساندا تېلىفۇن كارتىسىنى قوللىرىغا قاتار ئۆتكۈزۋېلىشىپ،بوش قولىدا    
    ياقىللىرىنى ھىملاپ پۇتلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇرۇشۇپ ئۇيان -بۇيانغا تىنىمسىز  قارىشىۋاتقان بىرقانچە بالىلار.گاھىدا ئىسىل نوركا پەلتو.قاما قۇلاقچىلىرىنى چۆكۈرشۈپ كىيىۋېلىشقان
   ئىسىل زادە خېنىملار،ئاۋايلاپ دەسسەپ تېيىلىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ مېڭىشماقتا.شۇنچە ئادەمنىڭ ئازلىغىغا قارىماي يولۇمنى توسۇپ تۇرۇشقان كىرا ماشىنا  شوپۇرلىرى…
   -ھەي! مەن نىمانچە  شور پىشانە ،دەيمەن.
    -شۇنچە ۋاقىتتىن ،قىمەتلىگىدە-  جىقاراق مالمۇ ئاللمىغان ئىدىم.ئەمدى باھاسى چۈشۈپ خوشاللىغىمدا  شۇنچە جىقمۇ ئاپتىمەن.
     ئالغان ئاپلىلسنىلىرىمغۇ ھەر ھلدا بىر مەزگىل ساقلاپ ساتقىلى بولىدۇ،ئەمما ماۋۇ باننان دىگەن بىر نىمە  يا ساقلىغىلى بولمىغان  مانا  ئۆلۈشكۈن ئالغان مال قارداپ سېسسڭشقا باشلىغان،بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بۇنى يېمىسە بولمايدىغاندەك .بىر بۇلۇڭدا پاتتاڭ قىسىپ تۇرغان ئاننار،نەشپۈتلىرىمىزگە قارارغا كۆزى يوق.ئاندا-ساندا سوراپ قويىشىدى-يۇ.پۇل سانىمايدۇ.  بەزىدە ئەژداتلىرىمىزنىڭ  ئەقلىگە بارىكاللا  ئېيتماي تۇرالمايمىز،ماننا بۇ نەشپۈت ئانارلىرىمىز جايىدىن چىقىپ قولۇمدا تۇرغىلىمۇ ئاي بولدى،ئۈستىگە تور پاختىنى  يېپىپ قويساقلا ھىچنىمە  بولمايدۇ.
سوغۇقتا ئادەمنىڭ قوسىغى بەكلا  ئاچامدۇ  بىلمىدىم،  مېھرىبان ئاللا ھېلىمۇ قىشنىڭ  كۈنىنى قىسقا  يارىتىپتىكەن.يازدا كۈن ئۇزۇن بولسىمۇ سۇ بىلەن نان بولسىلا خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى ئۆتىۋېرىدۇ.
   ئۆز-ئۆزەمگە غودىراپ قوساقنى ئەستەرلەش،مۇھىمى ئاز-تولا  ئسىنىۋىلىش ئۈچۈن باققال ھارۋامدىكى مىۋىلەرنى پۇختىلاپ يېپىپ قويۇپ ،  ئۇدۇلدىكى سودىسى دىگەندەك ئېقىپ كەتمىسىمۇ.ئۆزى  مۇلايىم كېلىشەڭگۈ  مىجەزلىك ،مۇھىمى پۇلى، ھەر ھالدا مۇۋاپىق چۆپلىرگىمۇ ئادەمنىڭ قوسىغى تويىدىغان ئاشخاننى كۆزلەپ ماڭدىم.
   ئاشخانا ھاممامدەك  ئىسسىق.مېزىلىك تاماقلارنىڭ پۇرىغى بىر ئالغان.ئىسسىز كۆمۆر چىڭداپ سېلىنغان مەشنىڭ قىززىغىدا ئۈستىدىكى چەينەكلىرنىڭ جوغىسىدىن ھور پۇقىراپ
چىقماقتا.
     -كەلسىلە.كەلسىلە،مېھمانجان: بۈگۈن بۇ ھاۋانىڭ پەيلى بەكلا يامانغۇ؟!
     -قانداق،ئاز -توللا سودا  قىللالىلىمۇ؟
    -ھاي!باللا  ،مېھمانجانغا چاينى يېڭىلاپ قىززىق  بىر چەينەك  چاي  ئەكىلىڭلار!
  شۇنداق دەپ  بالىلرنى بۇيرۇپ بولۇپ دائىم  ئۆزى  ئولتۇردىغان  غەللە   ئۈستىلىدىن  يېنىدىكى بوش  ئۈستەلگە ،ئورۇن كۆرسەتتى.
   – نەدىكىنى دەيلا ،بۈگۈن پەقەتلا  سودا  يوق.  كەچكىچە  خۇدايىم  بېرە.
-راست دەيلا،كەچ  قويمىغان  خۇدايىم بەندىسىنى ئاچ  قويماس. بۈگۈن بولمىسا  ،ئەتە بوپ قالار.
-كۆڭەللىرى نىمە  تاماققا  تارتىدۇ؟بۈگۈن پولو بەك  ئوخشىدى ،ئازىراق  يەپ باقاملا؟!
-  بولىدۇ،  گۆشسىز  پولودىن بىر قاچا  بەرسىلە! سوغۇقتا  شورپا بىلەن پولودىن ياخشىسى يوق!
-ھاي !   سەمەتجان  بالام،مېھمانجان  ئاكاڭغا  سەۋزىلىك  يېرىدىن  ئۇسۇپ  بىر  قاچا سۇ  پولو  !
   شۇنداق دەپ  تاڭجاڭ  بالىغا  بۇيرۇپ بولۇپ،ئۈستەلگە يېڭىلا ئەكىلىپ قويغانچە چەينەكتىكى چاينى پىيالىگە لىقلاپ  قۇيۇپ ،ئالدىمغا سۈرۈپ قويۇپ ،خېرىدار سۇنغان تاماق پۇلىنى
  غەللە  ساندۇغىغا  سالغىلى نېرىغا كەتتى.
     ھايال  ئۆتمەي ،   مۇلازىم بالا  ھورى چىقىپ ،رەڭگىدىن ئوخشىغانلىغى  بىلىنىپ تۇرغان بىر  تاۋاق  پولونى ئالدىمغا  قويدى.
      قوسۇغۇممۇ    خېلىلا  ئاچقان   ،  ئۇستام  دىگەندەك  ،بۈگۈنكى  پولو  ھەققىقەتەن   ئوخشىغان   ئىدى.
  تاماقنى  يەپ  بولۇپ  ،ئاتنىڭ قېنىدەك   قىزىرىپ تەمى چىققان  چاينى  ئىچىپ خېلىلا  ئىسسىپ  قالدىم. خېرڭدارمۇ    خېلىلا  سېلىككەن  بولغاچقا  ،ئىسلىشىپ  كەتكەن بۇ  چوڭ  ئاشخانە  بوشاپ قالغان .ئەمدى   چىقاي دەپ  تۇرسام ،ئاشخانىىغا   ئىككى     خېرىدار  كىرىپ  كەلدى .
بىرى  ھاسا  تاياقنى   قولتىغىغا   قىستۇرۋالغان  يىگىرمە  ئالتە ،يەتتىلەردە بار  چىرايى  ئاق  سېرىق  كەلگەن ،بىر  قاراشتىلا  كىشىگە ھەي!چىرايلىق،پاكىزمۇ  :قىزكەن  ھەجەپمۇ  بىر  بوپ قاپتىكەن ،دەپ  ،ئىچ  ئاغىرتقىدەك   بىر  ئاجىزە. ئۇنى بىر  قولىدا، قولتۇغىدىن  يۆلىۋالغان،يەنە  بىر  قولىدا  ئېغىر  بىر  سومكىنى  كۆتىرۋالغان  بەستەلەك تۇرقىدىن ئوتتۇز  نەچچە  ياشلار  چامىسىدىكى بىر ئەر  ،ئىككەيلەن  كىرىپ كەلدى.  

بىز   ئۇيغۇرلارنىڭ  ئەركەكلىگىمىز   بەك   كۈچلۈكمۇ  ،ياكى بىزنىڭ  خانىملىرىمىزنىڭ   بىزنى  كۆڭۈل  قويۇپ كۈتۈشى ، ئۆزگەرمەس  پىرىنسىپمۇ    دائىم كۆرۈپ  تۇرغان ،كۆنۈپ كەتكەن  كۆرۈنۈشلەر  دېقىتىمىزنى  تارتالمايدىكەن.  ئەمما  كۆز   ئالدىمدىكى  بۇ   ئەرنىڭ  ،ئورۇندۇقنى  
ئاۋايلاپ  سۈرۈپ  ،ھەمرايىنى  ئاۋايلاپ  ئولتۇرغۇزۇپ   خېلىلا  كونۇراپ كەتكەن  قېلىن  پەلتۇسىنى  سېلىشى  ،بوينىغا  ئورۇغان قېلىن شارپىسى بىلەن قوشۇپ  قاتلاپ  بوش  ئورۇندۇققا  ئاۋايلاپ  قويىشى ،بۇ  ئىشلارنى  قىلىپ كۆنگەنلىگىنى  بىر  قاراپلا  بىلگىلى بولاتتى.  بۇ   ئەرنىڭ  ئۆزىنىڭ  ئۆسۈپ كەتكەن چاچ   ساقاللىرى  ،كىرلىشىپ كەتكەن  كونا   كىيىملىرى  ھەم  قارا   ئۆڭىگە  قاراپ.بىر خىل  تەسىر  قالدۇرسا ،ھەمىرايىغا بولغان  مېھرىبانلىغىىغا  قاراپ  يەنە  باشقىچە   تەسىر   بېرەتتى.
   مۇلازىم  بالىنىڭ  ئەكەلگەن  پىيالىسىنى  بۇ ئەر   ئاۋال  چاقاپ  ھەمرايىغا   قىززىق بىر  پىيالە قۇيۇپ ،ئاندىن  ئۆزى  ئولتۇرۇپ .ئاشخانىغا  زەن  سېلىشقا  باشلىدى.
     شۇ-  ئان،  يۈرۈگۈم  چىم  قىلىپ قالدى،بۇ  ئاجىزەنىڭ   سول  قولىمۇ  بېېغىشىنىڭ  ئۈستىدىن  يوق  تۇرمامدۇ،ھەي!خۇدا  بۇ بىچارىنىڭ پۇتىغۇ  يوق  بولسۇن،قولىمۇ  بولمىسا….
      ئۇستاممۇ  ماڭا   ئوخشاشلا  زەڭ  سېلىپ  تۇرغان بولسا  كېرەك  ،بۇ ئىككەيلەننىڭ   ئلدىغا  كېلىپ  ، قىزغىن  تىچلىق سوراشتى -دە،  ئۆي  ۋاقىدىكىلىرىنى سوراشتۇردى . ئۆزى  تولا  دەملەپ  ئىچىدىغان  بەزىدە  ئارلاپ بىزگىمۇ
      سېلىپ  بېرىدىغان   نوكچە   سېرىق   ناۋاتتىن  ئايىماي    ،ئارا  چىنىدىن ئىككىگە  سېلىپ  مەش ئۈستىدىكى ھورى چىقىپ تۇرغان   چەينەكتىن چاي  قۇيۇپ  بۇ  ئىككى  مېھماننىڭ ئالدىغا  ئاۋايلاپ قويۇپ.ئۇستام،بۇلار بىلەن   كونا   تونۇش بولسا  كېرەك.
  -  باللىرىم،چايغا  كېلىڭلار!  كۆڭلىڭلار  نىمە   تاماق   تارتىدىكىن؟!
   ئۇستامنىڭ  بۇ  ئىشىدىن   تولىمۇ  سۆيۈنۈپ  ،يۈرۈگىمگە  ئىللىق  بىر  سېزىم  تارىغاندەك  بولۇپ.ئىچىمدە

<<خۇدا  سودىڭىزغا  بەركەت بېرەر>> دەپ  تىلەپ  كەتتىم.
    بۇ  ئەر  مۇلايىمغىنا   ھەمىرايىدىن   ،<<نىمە  يىگۈڭ  بار؟>>  دەپ   ،سورىدى،  
-  لەغمەن   يەيمىكىن،،،،،  قىز   سەل  تارتىنىپ.قوشۇپ  قويدى.
-سىز  نىمە   يىسىڭىز   مەنۇ  شۇنى  يەي!
-كۆڭلىڭدىكىنى  دىدىڭ! مەن لەغمەننى ياخشى  ئېتەلمەي سېنى  لەغمەندىن  چىقىرۋەتكەچكە  لەغمەن  يىگۈڭ  باركەندە،
  قىز   ئاۋال  .ئەر  كەينىدىن  كۈلۈپ كەتتى.
    ئەر   ،ئۇستامغا  قاراپ  :
- ئۆي  لەغمىنىدىن   ئىككى  قاچا  .كاۋاپتىن… . يىگىت قىزغا    سوئال  نەزىرىدە قارىۋىدى ،قىز  ئىككى زىخ  ،دىيىشىگە : يىگىت-
  -ئۇنداق  بولسا  ،  ئاكا  لازا  سالماي.ئىككى كويلۇك كاۋاپلىرىدىن ئۈچ  زىخ  يەيلى  .،دىدى.
ئۇستام  .تاماق  جورىغىلى ئىچكىرگە  ئۆزى كىرىپ  كەتتى.ئادەتتە  ئەزىز  مېھمانلارلا  بولمىسا  ،جايىدىن مىدىرلىمايلا  مۇلازىم باللىلارغا  بۇيرۇيتى.
    بۇ  ئىككەيلەننىڭ  بايامقى  قىسقا  چاخچىغىدىن ، دەسلەپ  سىڭلىسى   ئوخشايدۇ،دەپ  ئويلىغان  بولسام. ئەمدىلىكتە  بۇ  قىزنىڭ كۈلكىسى،ھەم بۇ يىگىتنىڭ قىزنىڭ  كۆزىنىڭ  ئىچىگە  قارىشىدىن    سەل   گۇمانلىنىپ  قالغان   ئىدىم.
  مېنىڭغۇ   باشقىلارنىڭ ئىشىغا   قىزىقىدىغان  ئادىتىم يوق ئىدى،بىراق  بۈگۈن نىم  بولدۇمكى،بۇ  قىزنىڭ  ئاجىزلىغى.ھەم بۇ يىگىتنىڭ كۆرىنىشتىكى مېھرىبانلىغى،مېنى  قىزىقتۇرۇپ
قويغان ئىدى.
     ئۇستام  ئالدىدا ،مۇلازىم بالا كەينىدە بىر قاچىدىن لەغمەن  ئەكەلىپ   مېھمانلارنىڭ  ئالدىغا  قويدى.
   يىگىت    چوكىنى ئېلىپ   قىزنىڭ قولىغا  تۇتقۇزۇپ قويدى.  بۇلارنىڭ  ئالدىغا  قويغان   لەغمەن ھەرگىزمۇ   ئۆي  لەغمىنى بولماستىن ،ئايرىم گۆشلۈك  لەغمەن ئىدى.
   بۇنىڭدىن  ئۇستامنىڭ  بۇلار بىلەن خېلىلا   تونۇشلىغىنى قىينالمايلا بىلگىلى بولاتتى.
  - ئۇستام!كىرمەيلى دىسەك   كۆڭلىمىز  ئۇنىمايدىكەن.كىرسەك  دائىم مۇشۇنداق   ،   خىجىل قىلىپ  قويىسىز،ياخشىلىقلىرىڭىزنى  قاچانمۇ  قايتۇرارمىز؟!
-  بالام  !  ماننا  ،قايتۇرۋاتىسەنغۇ.ئايالىڭغا  ،ئاپاڭغا  ياخشى   قاراۋاتىسەن! سېنى بىلگەن ھەممە  ئادەم  سەندىن خۇرسەن.ئلللامۇ سەندىن رازى  بولسۇن.
-سېنى   پات-پات كۆرۈپ  تۇرسام،كۆڭلۈم تەسكىن  تېپپ قالىدىكەن.بولمىسا،تونۇش -بىلىشلەردىن   سېنى سوراپ  تۇردۇم،شۇنچە -دەيمەن بولمىسا: شەھەرگە كىرساڭلار ماڭا  يولۇقۇپ ئۆتىڭلار دەپ.
-ھېلىمۇ،ئون  قېتىم   كەلسەڭلەرمۇ،ئاشخانامغا  بىر قېتىم كىرمەيسىلەر.
- بىزنىڭمۇ  ئوتتەك  كىرگىمىز  بار.كىرسەك   سىزگە   جاپا  سالىدىكەنمىز.يا،پۇل  ئالغىلى  ئۇنىمىسىڭىز.
-ئەدەم  خىجىل  بولۇپ قالىدىكەن.
- ھەي!باللىرىم ،   مەن    شۇنچە   دەيمەن .   ئاللا! سودىمىزغا   بەركەت   بەرمىسە  مىڭ تاپقان   بىلەن  بېكا! ئۇنىڭ  ئۈستىگە  پۇلنى  ئۆزىمىزنىڭ  ئېھتىياجى،خوشاللىغىمىز  ئۈچۈن
  سەرىپ   قىلىمىز   ئەمەسمۇ. ئاكاڭلاردا   جىق  ئەمەس  ،ئاللانىڭ  بەرگىنىدە   ئاز-تولا  بىرنىمە بار،شۇ  يېتىدۇ.ھەرگىز  ئۇنداق  ئويلىماڭلار!  شەھەرگە  كىرسەڭلارلا  مېنى  يوقلاپ
تۇرىڭلار، نەچچىلىك  ئۆمىرىمىز  بار  دەيسىلەر.ھەممە  ئىش  تىرىكلىكتە   ئەۋزەل.
مۇلازىم  بالا   كاۋاپنى  ئەكىلىپ  ئىككىسىنىڭ  ئالدىغا  قويۇپ قويدى،ئۇستام  ئۇلارنىڭ  چىنىسىگە  چاي   جىقلاپ  قويۇپ ،خېرڭدارغا   پۇل قايتۇرۇش  ئۈچۈن غەللە  ساندىغى بار ئۈستەلگە  كەتتى.
  مەن كۆز  ئۈزمەي  بۇ  ئىكىكىسىگە  قاراپ  ئولتۇرىمەن،ھەر  ھالدا  كاللامدىكى تۈگۈچنىڭ بىرسى  يېشىلگەن ئىدى.بۇ  ئاكا -سىڭىل  بولماستىن ،ئامىراق بىر جۇپلەر  ئىدى.
  يىگىت  ئايالىغا  زورلاپ  دىگىدەك   ئىككى  زىخ  كاۋاپنى  يىگۈزۈپ  ،ئۆزى  بىر زىخ  يەپ بولدى  قىلدى.
    مېنى  كۆرگەنلا  نىمىگە  ھەيران  قالىدىكەن دېمەڭلار،مەن كۆرمىگەن ئىشلار  ئاز  قالدى.بولمىسا  ماڭا  ئوخشاش  ھارۋا  سۆرەپ  كوچىمۇ-كوچا  ،شەھەر مەمۇريىتى ساقچقلقرىدىن
قورقۇپ  تېنەپ-تەمتىرەپ.يۈرسەڭلار.بۇلۇڭ   پۇچقاقتىكى   بىر تۈزۈك  ئادەملەرنىڭ  قىلىشىپ  يۈرگەن ئىشلىرىنى  ،مىڭ   كۆرمەسكە  سېلىۋالسىڭىزمۇ  كۆرمەسكە  ئامالىڭىز  يوق.
   كوچىدىكى  كۈندە  نەچچە  خىل   چىقىدىغان،شاخلىنىپ  ئاۋال  ھىكايىگە.كېيىن  ئەپسانىگە ئايلىنىپ  كېتىدىغان  شۇ   پەسكەش  پاراڭلارنى  ئاڭلىماسلىققا  تىرشسىڭىزمۇ  ئاڭلىماسلىققا  ئامالىڭىز  يوقتە.
  مېھرى-مۇھاببەت،دىيانەت پەقەتلا  كىنولار بىلەن مەتبۇئاتلاردا  ئاندا-ساندا  چىقىپ  تۇرغان بىلەن  تۇرمۇشتا  ھەقىقەتەن  تولۇمۇ  سۇسلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى  كۈندە كۆز  ئالدىمدىكى   بۇ  بىر  جۇپلارغا  قاراپ   جىق   ئىشلارنى  ئويلاپ  كەتتىم.
  بۇ  بىر  جۇپلار  تاماقنى  يەپ  دۇئا   قىلىشتى،شۇندىمۇ كۆزۈم  شۇلاردا  ،مەنمۇ  دۇئاغا  قول  كۆتۈردۈم.
     كۆزۈم  يەنىلا  بۇ  قىزدا،  ئۇنىڭ ساق  قولىنى تىرەپ تۇرغاندەكلا كۆرىنىدىغان ناكا  قولىغا  قاراپ  ئىچىمدە  بۇ ئىككىسىنىڭ  تېننى سالامەت  مۇھابىتىنى زىيادە  قىلىشىنى چىن دىلىمدىن  تىلىدىم.
   يىگىت  ئاۋالقى  مېھرىبانلىغى  بىلەن   قىزنىڭ  پەلتولىرىنى كەيدۈرۈپ.شارپىسىنى ياخشىلاپ چىگىپ.ئۇستام  بىلەن خوشلۇشۇپ  ئاشخانىدىن چىقىشتى.ئۇستاممۇ  ئۇلارنى  ئۇزۇتۇپ
   نىمىلرنىدۇ  جېكىتلەپ   ئاشخانىدىن  ئۇزۇتۇپ  چىقىپ  كەتتى
ئۇستام بۇ ئىككىسىنى  ئۇزۇتۇپ  چىقىپ  خېلى  ھايالشىپ  كىردى ،مەن  قىزىقىشىمنى  يوشۇرالماي لا
-  ئۇستام  ،بۇ  ئىككىسى  سىزنىڭ   تۇقانلىرىڭىزمۇ  -نىمە؟ دەپ  سورۇدۇم.
   ئۇستام  ماڭا  قاراپ  : ياق! مېھمانجان،بۇ  بالىنىڭ  ئسمى  تۇرسۇن. مەن ئۇنىڭ  دادىسىنى  تونۇيتۇم.
ئۇ   ياخشى  ئادەم  ئىدى، سىز  كىچىك  بىلمەيسىز.ئاشۇ  قاتتىقچىلىق زامانىدا
  ماڭا   ئارلاپ   ئوتۇن   ئەكىلەتتى،شۇ  زامانلار .  ئۇستام  تۇرۇپ كېتىپ  ئۆز-ئۆزىگە  دىگەندەك<< ئاللاھ! بەندىلىرىڭگە  ئۇ  كۈنلەرنى  كۆرسەتمىگەيسەن!!>>
  شۇ  زامانلاردا   ئۈلپەتداش  بولۇپ قالغان.بىچارە  شۇنچە  زورلىساقمۇ تاماق  يىگىلى  ئۇنىمايتى،نىمىشقا  دەمسىز؟! شۇ  ئۆيىدىكى  ئاتا -ئانىسىغا  قىسىنىپ گېلىدىن ئوتمەيتى .ئاش-نان ،نەدىمۇ   بۈگۈنكىدەك  كەڭرى  بولسۇن،شۇنداقتىمۇ  ئېپىنى  تېپىپ  ئاز  -تولا  بىرنىمىلەرنى  تىقىشتۇرۇپ  بېرەتىم. بۇ  ئادەم   مەنتەڭگە   زاغىرنى  چىلاپ  تويغىدەك  بىر  يەۋالسا
خوش   بولۇپ كېتەتتى.  شۇ   ھارۋا -ئېشەكمۇ كامىنانىڭ  ،ئەكەلگەن  ئوتۇنى  ،شۇ ۋاقىتلاردا  سەككىزمو   دىسىلە،شۇ  پۇلنىمۇ  ئەتىرەتنىڭ  باشلىقلىرى  بىلەن  ئۆلەشىدىغان  تۇرسا،
  بۇ  بىچارىگە  نىمە  قالاتتى.شۇنداقتىمۇ  ئانچە-مۇنچە بىرنىمىلەرنى بېرىپ  تۇرىدىغان.
    كېيىن   مەنمۇ   ئونسۇر ئاتىلىپ  تارتىپ   چىقىرىلدىم،بۇ يۇرۇتتا  تۇرۇشقا  ئىمكان بولمىدى.شۇ  بىر  بېلەن  تەمىنلەش  كوپىراتۋىدىكى  خىزمىتىمنى تاشلاپ.تاغ  ئارىسىغا  قاچتىم.
   شۇ بىر   قاچقانچە  -تۇرپان،غولجا،ئۈرۈمچى  بولۇپ  جان  ساقلاش   ئۈچۈن     يەتتەيىل  سەرگاردان  بولدۇم.
كېيىن  جاھان  تۈزەلدى،شۇندىمۇ  پۇلنى قوغلاپ  يەننە  سەككىز  يىل جاھان   كەزدىم.ئىلگىرى-ئاخىر  بولۇپ   ئون بەش  يىلدەك  قاڭقىپ  يۈرۈپ.كىملەر   كېتىپ  ،كىملەر   قالدى. بۇنى   بىلەلمىدىم.ئارلاپ.تاپقان تەرگىنىمنى  ئۇدۇللۇق  ئۆيدىكىلەرگە
   يەتكۈزۈپ  تۇردۇم،ئۇزۇن  ئۆتمەي  ئاۋال   ئانام  كېيىن ئاتامدىن ئايرىلدىم.شۇنداق   قىلىپ   كېيىن سەككىز  يىلنى  ئاسمىنى  كەڭ ، يۇرتنىڭ  گۈل تاجى ئۈرۈمچىدە  ئۆتكۈزۈپ  شۇ  يەردە   ئۆيلۈنۈپ   بالا-چاقىلىق  بولۇپ  تۇرۇپ قالدىم.  بالىلارنىڭ   بېشىنى ئوڭلاپ  ،ئۇھ!  دەپ . يۇرتقا قايتىپ  كېلىپ  ئاشخانا  ئېچىۋاتقىلىمۇ  خېلى  بىر زامان بولدى.
     تۆت  يىلنىڭ   ئالدىدىغۇ   دەيمەن،تۇيۇكسىز   گەپ  ئىچىدە ، شۇ   بايامقى  تۇرسۇننىڭ   ئانىسىنى  تونۇپ قالدىم،  ئۇ  مەزلۇمنىڭمۇ  كېسىلى  خېلى  باركەن.  تۇرسۇن  توي  قىلىپلا
خوتۇنىنى  تاشلاپ قويۇپ  ئىچكىرگە  پۇل تاپىمەن   دەپ   چىقىپ  كېتىپ ،پۇل   تېپىش   بىر  ياقتا  تۇرسۇن.تۈرمىدە  ئىككى  يىل  يېتىپتۇ.بۇ  بىچارا ئىككى  مەزلۇم يىغلا-قاھشا
   يامان  كۈنلەرنى   بېشىدىن ئۆتكۈزىپتۇ.بىچارە  كېلىنچەك  قېيىن ئانىسىنىڭ  خىزمىتىنى  بىجاندىل  قىلىپ.ئۆيىدىكىلىرىنىڭ   دوسلىرىنىڭ  ئاجىرشىپ  كېتىشىگە  قىستاشلىرىغا باش
  ئەگمەي   .قېيىن ئانىسىنىڭ   ئۆيىدىن  چىقماي  دۇئاسىنى   ئاپتۇ.
     خەقنىڭ   گەپ  تېپىشىدىن   قورقۇپ  شەخىسلەرگە  ئشلىمەي.ھۆكىمەتكە  ئىشلەيمەن  دەپ.بىر  پاختا  زاۋۇتىدا

  ۋاقىتلىق  ئىشلەپتۇ.چارچاپ كەتكەنمۇ،نىمىسى-نىم   بولغان
پۇتىنى  چىغىرىق  ئەكىرىپ  كەتكەن،يىقىلغاندا   ھوشىدىن  كەتكەنمۇ  قولىنىمۇ   پۇتى بىلەن  تەڭ   زاۋۇت  يىگەن.
  شۇ   كېلىنىگە  قاراپ  دوختۇرخانىغا  تاماق  توشۇش   جەريانىدا  تۇرسۇننىڭ  ئانىسىنى  ئۇچىرتىپ  قېلىپ

دوختۇردىن  چىققىچە  بەزىدە  ئۆزى  كەلدى  بەزىدە  خىجىل بولدىمۇ ،كەلمىگەن   چېغىدا باللاردىن  تاماق  چىقارتىپ  تۇردۇم.
تۇرسۇن  ،ئىچكىردە  كۆرمىگەننى  كۆرۈپ ھەممە قازاندا  پىشىپ قايتىپ  كەلسە  بۇ  ئىش.دەسلەپ  پەقەتلا چىدىماپتۇ.  
يۇرۇت  -جامائەت.دوس  -يارەنلىرى   ئايالىنىڭ  ئانىسىنى  قانچىلىك  كۈتكىنىنى،شۇ  ئۆينى  باقىمەن دەپ  ناكا  بولغىنىدىن تارتىپ  ھەممىسىنى  دەپتۇ،ھەتتا   ئاتا  -ئانىسىنىڭ  ئۆيىگىمۇ   قېيىن   ئانىسى بىلەن  بىللە بارىدىغانلىغىنىمۇ.سۆز-  چۆچەكتىن قورقۇپ   ئىپىتىنى  ساقلاپ تالا-تۈزگىمۇ   تۈزىكىرەك  چىقمقغانلىغىنى  ئاڭلاپ  تۇرسۇن   قەۋەتلا   خوش
  بولۇپ.مانا   كۆردىڭىز،ئايالىنى   خانىشنى  كۈتكەندەك  كۈتۈپ   شۇنداق    ياخشى  ئۆتىۋېتىپتۇ.
   تۇرسۇن   ئۆينىڭ  بارلىق   ئىشىنى  قىلىپ  ھەم  ئۇنىڭدىن  ئېشىنىپ  ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئشىنىمۇ  قىلىپ  ئۈلگىرىدىكەن.  ماننا   ھازىر  ئوماق   بىر   ئوغلى  بار.
بۇيىل   يېڭىلاپ   ئۆي  سېلىۋاپتۇ،ئانىسىنىڭ  ھالىدىن  ياخشى  خەۋەر  ئېلىۋېتىپتۇ.بۇنى  ئۇقاندىن  كېيىن  بۇلار  كۆزۈمگە  بەك  ئىللىق  كۆرىنىدۇ،خۇددى ئۆز  باللىرىمنى  كۆرگەندەك.
  بۇلار   خىجىل   بولامدۇ  بەك   ئاز  كېلىدۇ. بەلكىم  قۇدۇرتى  ئۇلۇغ  ئاللا  بۇلارنىڭ  مېھرىنى  ئۆزى   سالدىمىكىن،بۇلارنى كۆرسەم  ئىچىم  ئېچىلىپ  قالىدۇ.شۇ بىچارە   قىزنى  كۆرسەم   ئىچ   ئاغىرغى  تارتىپ  نەچچە   كۈنگىچە خىيالىمدىن  چىقمايدۇ.
    ئۇستامنىڭ  گەپلىرىنى  ئاڭلاپ  ،بۇ   ئىكىكىسىنىڭ   كەچمىشلىرىنى  ئاڭلاپ  كۆڭلىمدىكى  تۈگۈنچەك  يېشىلگەندەك  يىنىكلەپ قالدىم.
    كونىلارنىڭ<<قارغۇنى،ھاساسىدىن  ئايرىمايدۇ>>  دىگەن  ھېكمەتلىك  سۆزىنى  ئەسكە  ئالدىم.
      تۇرۇپ   ئويلاپ     قالدىم   ،تەن-دۇرۇس،جىمى نەرسىسى  تەل   ئادەملەرمۇ،گاھىدا  ئۇنچىلىك   بەخىتلىك  بولماس.
      يىگەن  تامىغىمنىڭ    پۇلىنى  ،ئۇستامنىڭ   ئۇنىمىغىنىغا   قويماي  تۆلەپ ،خوشلۇشۇپ سىرتقا  چىقتىم.مېزىلىك تاماققا   قوشۇلۇپ  ئىسسىق  مەشنىڭ  ھارارىتى  تېشىمنى
    ئىسىتقان    بولسا،تەسىرلىك  بايانلار   بىلەن  بەخىتلىك  ئىككى  ياشقا   قاراپ   ئىچىم   ئىللىپ  قالغان  ئىدى.
  بۇ   تاپتا   ماڭا   دىكابىرنىڭ   سوغىغى  ،كۇزنىڭ    سەلكىن شامىلىدەك  بىلىنمەكتە .

0دانە ئىنكاس

ئىنكاس يوق

ئىنكاس يوللاش

*

*

6 + 10 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif