نۇرۇزلۇق تۇغۇلغان ئويلار
يوللانغان ۋاقتى :2011.04.15ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:15 viewsئىنكاس سانى :0
بىزگە نورۇز مۇھىممۇ ياكى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىمۇ ياكى روژىستىۋامۇ؟
ئاپتۇر:ئىزتىل
مانا بۈگۈن مەنمۇ ئىدارەمدىن بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ نورۇزلۇق بايرىمى ئۈچۈن تەييارلىغان «ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقايلى» تېمىسى ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ، نەق مەيداندا رەسىم سىزىش ماھارىتىمنى ئىپادىلىدىم ، ( نەق مەيداندا بىر مەن قۇراملىق دوستىمىزنىڭ باش سۈرئىتىنى سىدام سىزما قىلىپ سىزىپ بەرگەن ئىدىم ) ، سىزغان رەسىمىم بەلگىلەپ بېرىلگەن تېمىدىن تۇللۇق چەتنەپ كەتكەن ئىدى، «گەرچە ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش» ئاساسى تېما مەزمۇنى قىلىنغان بولسىمۇ مېنىڭ بۇنداق مەۋھۈم نەرسىنى ئەمەس بەلكى كۆز ئالدىمدىكى ئەمەلىي نەرسىنى سىزغۇم كەلدى .
ئەتىسى ئەتىگەندە مەن بازارلىق ھۆكۈمەتكە چاقىرتىلدىم ، ئىدارەمدىن مۇدىر ، سېكىرتارلارمۇ چاقىرتىلدى، بىزنىڭ سىزغان رەسىملىرىمىز كۆرگەزمە قىلىنىۋاتاتتى . بىردەمدىن كېيىن بازارلىق ھۆكۈمەتتىن بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە مەسئۇل رەھبەر كۆپچىلىكنى كۆرگەزمە زالىنىڭ ئوتتۇرسىغا يىغىپ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى . مەن 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىم . (1-دەرىجىلىك مۇكاپاتنى قېرىنداش مىللەتلىرىمىز ئالدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئەسىرى ھەقىقەتەن ئېسىل چىققاندى ، مەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئالدىغا چىقالمايمەندە ، ‹ مەن دېگەن مەخسۇس تەربىيلەنمىگەن تۇرسام ›) بىزنىڭ ئىدارە مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ، رەھبەرلىرىممۇ مەندىن خېلى مەمنۇن بۇلۇپ قالغاندەك، مۇكاپاتلاش ئاخىرلاشتى ، مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن كېيىن تېلۋىزىيە ئىستانىسىدىن كەلگەنلەر مېنى زىيارەت قىلغانمۇ بولدى . مەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتىمنى سۆزلىدىم ، بەلىكىم سىز مەندىن شۇ چاغدا نېمىنى ئويلىدىڭ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن ، مەن ھېچ ئىككىلەنمەي مۇنداق جاۋاپ بېرەلەيمەن .
ـــ ئىچىمدە كۈلدۈم ، زىيارەت قىلىنغىنىمغا ، ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمگە ئەمەس بەلكى مۇشۇ نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۇرۇنلاشتۇرۇلماي ئاشىق – مەشۇقلا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولسا بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە بىز مىللەتتىن قانچىلىك كىشلەر قاتنىشىپ كېتەر ئىدى – ھە ، يەنە كېلىپ ئەگەر راستىنلا شۇنداق بۇلۇپ قالغان بولسا مېنىڭ سىزغانلىرىم ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگەن بولار ئىدى – ھە ؟ بۇ يىلقى نورۇز بايرىمى مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كېتەرمۇ ئەمدى دەپ ئويلاپمۇ قالدىم ، تۇيۇقسىز ، ئەگەر راستىنلا مۇشۇنىڭ بىلەن بايرام تۈگىگەن بولسا بۇ بەكلا ئەھمىيەتسىز ئىش بولمامدۇ ؟ ئاشق- مەشۇقلار بايرىمىدا بىز ياشلار پۈتۈن بىر كۈن ئۆيىمىزگە قايتماي مەشۇقلىرىمىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش بىلەن ئاۋارە بۇلۇپ كېتىمىز ، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرىمىز ، نېمىدىگەن تېتىقسىزلىق ، ئۆزىمىنىڭ شۇنداق ئېسىل ئەنئەنىۋى بايرىمىزنى تاشلاپ ياتلارنىڭ سەنىمىگە دەسسەپ ئەسلىمىزنى كۈندىن كۈنگە ئۇنتۇپ كېتىۋاتىمز، ئۆزلىكىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتىمز ، نېمىدىگەن ئېچىنىشلىق ئىش بۇ !دېگەنلەرنى ناھايىتى قىسقا دەقىقە ئىچىدە كاللامدىن ئۆتكۈزدۈپ بولدۇم.
خەيىر ، ئاشىق – مەشۇق بايرىمىمىزنى شۇنداق ئاخىرلاشتۇردۇق ، ئەمدىكى گەپ نورۇزنى قانداق ئۆتكۈزەرمىز ؟ قېنى ئاشۇ ئوغلاق تارتىشلار ، قېنى شۇ ئات بەيگىسى، قېنى شۇ خوراز سۇقۇشتۇرۇش ، چاقپىلەك چۆرگىلەش ، قېنى شۇ ئەڭ ئېسىل نىمئەت- نورۇز ئېشىمىز ؟ نورۇزنىڭ خاسىيتى شۇنچىلىك چوڭ ئىدى ، بىراق بىز بۇنى تاشلىۋېتىۋاتىمىز .
نورۇز بىز تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ بايراملىرىمىزنىڭ بىرسى ، نورۇز بايرىمى ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن خەلقئارالىق بايراق قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، يەنە شۇ ھەريىلىقى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «دۇنيا تىنىچلىق كۈنى» قىلىپ بېكىتىلدى ، دېمەك نورۇزنىڭ خاسيىتىنى پۈتكۈل دۇنيا تۇنۇپ يەتتى دېگەن گەپ ، ئەمدى بىز يەنە قاچانغىچە مۇشۇنداق غەيرىلەرنىڭ ئاتالمىش ئاشىق –مەشۇقلار بايرىمى ، ئاللاقانداقتۇر روژۇستىۋا بايرىمىنى ئەتىۋارلاپ نەلەرگىچە ئاپىرارمىز ؟ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزغا نورۇزنى قالدۇرامدۇق ياكى ئاشىق –مەشۇقلار بايرىمى ، ۋەياكى ئاتالمىش روژۇستىۋا بايرىمىنىمۇ؟
مېنىڭ ئۆزەمنىڭ يېڭى يىلىنى شۇنداق داغدۇغلۇق كۈتۈۋالغۇم بار . دەل شۇ كۈنى مەن خاتىرە قالدۇرىمەن . كېيىنكى ئەسلىمىلىرمنىڭ يېڭى دەۋىرىنى شۇ كۈندىن باشلاپ ئېلىپ ماڭىمەن .
ئىنكاس يوق