ئاڭلاپ قۇيۇڭ !
يوللانغان ۋاقتى :2011.04.17ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:12 viewsئىنكاس سانى :0
ئەڭ بۇرۇنقى رادىئو ئاڭلىتىش
1906-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم سىمسىز رادىئو ئاڭلىتىلغان . ئامېرىكا پېتىسبۇرگ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىروففىسورى رېگناد فسېندېن ماسسا چۇستىس شىتاشى بلۇنېت تېغىدىكى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئېلىكتىر ئۈسكىنلىرى شىركىتىنىڭ ئېگىزلىكى 128 مېتىر كېلىدىغان رادىئو مۇنارى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم رادىئو پىروگىراممىلىرىنى تارقاتقان . رادىئو پىروگىراممىلرى « ئىنجىل » دىكى روژىستۋو قىسسىلىرى ، ئىسكىرىپكا مۇزىكىسى قاتارلىقلار بولغان ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گېرمانىيەلىك مۇزىكانىت ھاندىر ئىشلىگەن«،مۇڭلۇق كۈي» ناملىق مۇزىكا ئاڭلىتىلغان. كىشلەر قىزىقارلىق رادىئو پىروگىراممىلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھەيرانلىق ھىس قىلغان . بۇنىڭدىن ئىلگىرى پىروفېسسۇر فىېندىن 1900-يىلى بىر قېتىم رادىئو نۇتىقى سۆزلىگەن بولسىمۇ ، ئاۋازى ئېنىق بولمىغاچقا ،ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغانىدى .1902-يىلى ئامېرىكىلىق نىسان ستپرفىلىدمۇ كېنتاككى شىتاتىنىڭ مۇرلى شەھىرىدە سىناق تەرىققىسىدە بىر قېتىم رادىئو ئاڭلىتىلغان.
سىتورفىلد پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئوقۇغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئېلىكتىر ئۈسىكىنىلىرىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا ، كېيىن كەشپىياتچىغا ئايلانغان.1886-يىلى ئۇ ژۇرنالدىن گېرمانىيەلىك خېسىنىڭ ئېلىكتىر دولقۇنغا ئائىت سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، ئۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ ، ئېلىكتىر دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ ئاڭلىتىشنى سىناپ باقماقچى بولغان . سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇلۇپ ، بارانات ستورفىلد دۇنيادىكى تۇنجى رادىئو دىكتورى بۇلپ قالغان ھەمدە «رادىئو ئاتىسى » دەپ ئاتالغان . ھازىر كېنتاككى شىتاتىنىڭ مۇرلى ئۇنۋېرسىتىتىدا ئۇنىڭ خاتىرە مۇنارى ئابىدىسى بار .
«شىنجاڭ ياشلىرى » 2010-يىللىق 10-سانىدىن ئېلىندى .
ئىنكاس يوق