ئېنگىلىزتىلى ئۆگەنگەننىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟

يوللانغان ۋاقتى :2011.05.19ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:19 viewsئىنكاس سانى :2

ئېنگىلىزتىلى ئۆگەنگەننىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، ھازىر چەتئەل تىلى ئۆگىنىش بىر دولقۇنغا ، مودىغا ، دەۋىر ئېھتىياجىغا ئايلاندى،،مېنىڭچە بۇ ناھايتى ياخشى ئەھۋال،جەمئيەتنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ، بۇھەم بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 21-ئەسىردىكى دەۋىر تەقەززاسىغا قايتۇرغان ئانچە-مۇنچە ئىنكاسىمىز بولسا كېرەك. ئانا تىلنىلا بىلىپ باشقا مىللەت تىللىرىنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ كۈنى ھازىرلا ئەمەس ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تەسلىشىدۇ.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە چەتئەل تىلى ئۆگىنىدىغانلار ۋە ئۆگىنىۋاتقانلار ئەڭ كۆپ ساننى ئىگەللىسە كېرەك، شۇنچىۋالا تىل تەربىيلەش كۇرۇسلىرىغا قارىسىڭىز تىزىپ قويغاندەك مىغ-مىغ ئادەم . خۇددى كوچىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممسى كۇرۇسقاكىرىھالغاندەك،شۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، يۈزدە 90% سىتۇدېنت ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىپ باقىدۇ، ئەڭ كامىدا يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى ياكى كانبىرىج ئېنگىلىزتىلىنىڭ بىرىنجى قىسىمىنى بولسىمۇ تۈگىتىدۇ، ئەممە شۇلاردىن قانچىسى شۇ تىلنىڭ نېنىنى تېپىپ يىگۈدەك بولالايدۇ؟ شۇلاردىن نەمە زادى نېمە ئۈچۈن چەتئەل تىلى ئۆگنىسىز ؟ چەتئەل تىلى ئۆگەنگەننىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟ دەپ سورىسىڭىز ھەر خىل جاۋاپلارنى بىرىشى مۇقەررەر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەنبە-يەكشەنبە،دەرستىن سىرىتقى قىممەتلىك ئارام ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ تىل ئۆگىنىشتىكى مۇدداسىنى مۇنداق بىر نەچچە سەۋەپكە يىغىنچاقلىشى مۇمكىن.

1.ھازىرقى دەۋىر ئۇچۇر دەۋىرى، ئېچىۋېتىلگەن دەۋىر. تىل ئۆگىنىش ھازىرقى زۆرۈرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زۆرۈرى، شۇڭا چۇقۇم مەلۇم خىل چەتئەل ئۆگىنىش كېرەك، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە خىزمەت ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۆگىنىمەن.

2. ئۆيدىكىلەرنىڭ ، ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن ئۆگىنىمەن.

3. بىكار تۇرساممۇ تۇرىدىكەنمەن ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ، كۇرۇسلاردا يېڭى دوست تۇتۇش ئۈچۈن ئۆگىنىمە.

4. راستىنى ئېيتسام نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىۋاتقانلىقىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن ، باشقىلار ئۆگىنىۋېتىپتۇ. شۇڭا مەنمۇ ئۇلاردىن قالماي ، مودا ئۈچۈن ئۆگىنىمەن.

ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك « ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشنى قانداقتۇر جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىك ئەمەس ، بەلكى جەمئىيەت تەقەززاسىنى ئەمدى تۇنۇپ يەتكەنلىكىڭىز خالاس» ئېنگىلىزتىلىنى ئۆگەنگەن ئادەم ئايغا چىقىپ كەتمەيدۇ، ئۆگەنمىگەن ئادەممۇ ئاچ قېلىپ ئۆلمەيدۇ.ئەممە بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسلە  بار ، ئۇ بولسىمۇ ، ياشاش ، ياشىغاندىن كېيىن ئوبدانراق ياشاش ، سۆرەلمە پالاسدەك سۆرۈلۈپ ئەمەس ، باشقىلارغا يېتىشىپ بىللە ياشاش ، ھەتتا ئۇلارنى باشلاپ مېڭىش ، تىل ئۆگىنىشمۇ شۇنداق ، ئۆگىنىش ، ئۆگەنگەندىن كېيىن راۋۇرۇس ئۆگىنىش، بولمىسا شۇ ئېنگىلىز تىلىنى ئۆگخنىشكە قاراتقان ۋاقىت ، سەرىپ قىلغان ئىقتىساد ۋە زېھنى كۈچنى باشقا قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى ، دەرھال ئۈنىم بېرىدىغان ، جانغا ئەسقاتىدىغان باشقا كەسىپ-ھۈنەر ئۆگىنىشكە قاراتقان تۈزۈك، چۈنكى ئۆزىنىمۇ باقالماي ئاچ يۈرۈپ ، دەۋىر بىلەن بىللە مېڭىش ئۈچۈن زادى ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىمەن دېيىش ئەخمىقانىلىق ، شۇنداقلا ۋاقىت، پۇل ۋە زېھنى كۈچنى بەرگەنگە چۇشلۇق ھاسىلاتقا ئېرىشەلمەسلىك، ئېرىشىشنىمۇ كۈتمەسلىك ئادەمنى ئېچىندۇرماي تۇرمايدۇ.

شۇڭا ھازىرقى ئېنگىلىزتىلى ( ياكى باشقا چەتئەل تىلى )( ئۆگىنىۋاتقانلارغا دەيدىغىنىمىز ، ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىڭ ، ئەممە راۋرۇس ئۆگىنىڭ ، قارغۇلارچە ئەمەس ، مەلۇم مەقسەت- مۇددىئا بىلەن ياخشى ئۆگىنىڭ، شۇندىلا ئۆگەنگىنىڭىزنىڭ نېنىنى  يېيەلەيسىز. 


تەرمە ئەسەر ، مەنبەسى تور دۇنياسى.
2دانە ئىنكاس
  1. تەمكىنسۆز قالدۇرغۇچى :2011-05-2017:11 قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ مەزمۇنى شۇنداق ياخشى ئىكەن، تۇلىمۇ ياقتۇردۇم.لىكىن يازمىدا ئىملا خاتالىقى خېلىلا ئېغىر ئىكەن . مەسىلەن:
    ئەسلى ئەسەردىكى سۆز تۈزەتكەندىن كىيىنكى سۆز
    كىرىھالغاندەك كىرىۋالغاندەك
    مۇددئىا مۇددىئا
    سەۋەپكە سەۋەبكە
    ئۆگخنىۋېتىپتۇ ئۆگىنىۋېتىپتۇ
    ئۆگنگەن ئۆگەنگەن
    ئەممە ئەمما
    پالازدەك پالاستەك
    ئۆگخنىشكە ئۆگىنىشكە
    قاراقتقان قاراتقان
    بەرگەنە بەرگەنگە
    جاۋاپلارنى جاۋابلارنى

    • ئىزتىلسۆز قالدۇرغۇچى :2011-05-2022:45 قايتۇرۇش

      رەھمەت سىزگە ، مەن كېچىدە يازغاچقا كۆپ دىققەت قىلىپ كەتمەپتىمەن ، تەھرىرلەپ قوياي، بىلوگىمنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرىشىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمەن .

ئىنكاس يوللاش

*

*

7 + 9 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif