ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپمۇ دۇنيانىڭ ئۇ تەرىپىدىكىلەربىلەن ئېنگىلىزتىلىدا بىمالال پىكىرلىشەلەيسىز
يوللانغان ۋاقتى :2011.07.17ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:16 viewsئىنكاس سانى :2
ئېنگىلىزتىلىنى ئۆگەنگىلى شۇنچە ئۇزۇن بولغان بولغان بولسىمۇ ئۆزەمنىڭ ھازىرقى مۇھىتىدىن كۆپ زارلىنىپ كەتمىدىم ، چۈنكى مەن ياشاۋاتقان مۇھىتتا ( ناھىيىمىزنى دېمەكچى ) ئېنگىلىزتىلى پەقەتلا ئىشلىمەيدۇ ، سىز بۇيەردە ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قالسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇنداق بىر تىلنى ئۆگىنىپ قالغانلىقىڭىزدىن ئېچىنىسىز ، بىراق مەن دەسلەپتە ئۆزەم ئۈگەنگەن تىلىنى ئىشلىتەلمەي پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىشىمدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن ، خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن خىزمىتىم ئالدىراش ھەم جىددى بولسىمۇ لېكىن خىزمەت شارائىتىم ياخشى ئىدى، كۈندە نورمال تورغا چىقالايمەن ، خىزمەتتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا بلوگ يېزىش ياكى بلوگگىرلارنىڭ بلوگلىرىنى زىيارەت قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىمەن ، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىزدەپ يۈرۈپ چەتئەللىكلەر بىلەن نورمال پىكىرلەشكىلى بولىدىغان بۇ سورۇننى بايقاپ قالدىم ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزەمنىڭ ئېنگىلىزتىلى كەسىپىمنى يەپ كېتىشىمدىن ئانچە بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتمىدىم ، بۇ قانداقتۇر بىر ئالاھىدە دېتال ئەمەس كومپىيۇتىرىىڭىزغا چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھاجەتسىز ، تور مۇھىتىدا تۇرۇپلا تىزىملىتىپ كىرىپ نورمال پاراڭلىشالايسىز ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئېلخەت ئادىرسىڭىز بۇلۇشى كېرەك ( مېنڭىچە بۇ ھازىر كەڭ دائىرىدە ئوموملىشىپ كېتىپ بارىدىغۇ دەيمەن ) ، مەن بۇنى پەقەت ئۆزەمنىڭ قىزىقىشى ئاساسىدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن ، ئېنگىلىزتىلى ھەۋسكارلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئېنگلىزتىلى سەۋىيسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ، سىز تۆۋەندىكى ئادىرستىن كىرىپلا ئېلخەت ئادىرسىڭىز بويىچە تىزىملىتىپ بىر نامغا ئېرىشىپ خالىغان بىر توپنى تاللاپ پاراڭغا چۈشسىڭىز بۇلىدۇ . ئادىرىس مانا بۇيەردە :
ئەجەپ ياخشى .بىزگە پايدىلىنش قىممىتى بار يازما سۇنغانلىقىڭىزغا رەھمەت.
مۇبارەك قەدىمىڭىزگە مەرھابا ، بلوگىمدىكى مەزمۇنلاردىن سىز رازى بولغان بولسىڭىز ، مەن ھازىر قىلغان ئەمگىكىمدىن رازى بولغان بۇلىمەن ، دىققىتىڭىز داۋاملىق ئىزتىل بلوگخدا بولسۇن ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ نادىر يازمىلار ھۇزۇرىڭىزدا بۇلىدۇ !