تەمەخورلۇق

يوللانغان ۋاقتى :2011.04.15ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:16 viewsئىنكاس سانى :0

ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار

1. تەمەخورلۇق

   تەمەخورلۇق – ئىنسان پىسخىكىسىدىكى غەيرى نورمال روھى ھالەتنى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئاتالغۇ.

   «تەمە» – مەلۇم ئادەمنىڭ پىسخىكىسىدىكى مېھنەت سەرىپ قىلماي ، ئەقلىنى ، زېھنىنى ئىشلەتمەي، ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغان بايلىق، ئىقتىدار،ھوقوق- ئىمتىيازنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىگە بۇلۇشنى قوغلىشىش روھى ھالىتىگە قارىتىلغان. تەمەخور- تەمە پىسخىكىسىنى يۇقتۇرۋالغان ھەم ئۇنى ھەركىتىدە ئىپادىلىگەن ئادەمنى كۆرسەتسە؛«تەمەخورلۇق» تەمە پىسخىكىسىنىڭ مەلۇم ئادەم تەرىپىدىن ئىش – ھەرىكەتكە ئايلانغانلىقنى كۆرسىتىدۇ.

  ئىنسانلار پەيدا بولغان دەسلەپكى چاغلاردا تەمە ۋە تەمەخورلۇق بولمىغان . كېيىنكى زامانلاردا غەيرەت- شىجائىتىگە تايىنىپ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، ئۆز كۈچى ، قابىلىيىتى، تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ماددى بايلىق يارىتىدىغان  ئادەملەر بىلەن بىللە ، غايىپتىن ، تەبىئەتتىن بايلىق تەمە قىلىدىغان ئادەملەر پەيدا بۇلۇشقا باشلىغان . ئالدىنقى خۇسۇسىيەتتىكىلەر ئىنسانىيەت ئۈچۈن بايلىق ياراتقان بولسا ، كېيىنكى خۇسۇسىيەتتىكىلەر تەييار تاپلىق ، ھۇرۇنلۇق بىلەن ياشىغان . ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ مۇرەككەپلىششى ھەم ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە  ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى  نادانلىقتىن  پەيدا بولغان تەمە كۆپ قاتلاملىق  تەمەخورلۇقنىڭ بىزدىكى پىسخىك ھالىتىگە قاراپ ، ئۇنى تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىشقا بۇلىدۇ:

(1)  غايىىپ ( تەڭرى،ئىلاھ)تىن تەمە قىلىش؛

(2)  تەبىئەتتىن تەمە قىلىش؛

(3)  پۇلدارلاردىن تەمە قىلىش:

(4)  باشقۇرغۇچىلاردىن تەمە قىلىش؛

(5)  بويسۇنغۇچىلاردىن تەمە قىلىش؛

(6)  ھەر قانداق ئادەمدىن تەمە قىلىش؛

   تەمەخورلۇق- ئادەم تەبىئىيتىدىكى روھى ئاجىزلىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بۇلۇپ ، « تەمە كېسىلى»گە گىرپتار بولغان  ئادەمنىڭ تاللىشىدا ئىش- ئەمگەكنى سۆيۈش ئېتىقادى، ئالغا ئىنتىلىش غايىسى ، يېڭىلىق يارىتىش- بايلىق يارىتىش تىرىشچانلىقى، ئۆزىگە (ئىقتىدارى)غا تايىنىش غورورى ئاجىز ياكى يوق بۇلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ خۇي – پەيلى ۋە سۆز- ھەرىكەتلىرىگە خۇشامەت ، تەخشىكەشلىك ، قاششاقلىق ، بەدقىلىقلىق، ئىككىيۈزلىمىلىك ، ئاچكۆزلۈك، بەدنىيەتلىك ، بېخىللىق، ھارامخورلۇق، قانائەتسىزلىك قاتارلىق ئىللەتلەر مۇجەسسەملەنگەن بۇلىدۇ.

   ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئۇچىرايدىغان تەمەخورلۇقنىڭ ئىپادىلىرى ھەر خىل بۇلىدۇ . بىر قىسىم پارازىتلار ئەزگۈچىلەردىن ئىقتىساد، ھوقوق ئىمتىياز تەمە قىلىپ ، ئەمگەكچىلەرگە زورلۇق – زومبۇرلۇق قىلغان . يەنە بەزىلىرى ھوقوق ، بايلىق ياكى ھاۋايى – ھەۋەسنى قاندۇرۇش تەمەسىدە ئۆزگىلەرگە ، ياتلارغا ، زالملارغا ياللانغان ، ھەتتا بەزىلىرى ھوقوق ، بايلىق تەمەسىدە دۈشمىنىگە باش ئەگكەن.

ھازىرقى دەۋىردىكى تەمەخورلۇقنىڭ ئىپادىلىرى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە رەزىل بولۇپ ، بۇنى  مۇنداق ئىپادىلەردىن كۆرۈشكە بۇلىدۇ :

يالغانچىلىق ، چېقىمچىلىق ھۈنىرىنى تۆھپە ساناش ؛ سوۋغات ، داستىخان تۇشۇپ قىلتىقىغا ئىلىندۇرۇش ؛ بويسۇنغۇچىلاردىن داستىخان ، پارا ئېلىش ؛ قۇبۇل قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەل قىلىشنى  باھانە قىلىپ پارا ئېلىش ؛ ئەمەلدارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋراڭ قىلىپ ئۆزىگە بويسۇنۇشنى تەمە قىلىش؛ داستىخان سېلىپ نەپ ئېلىش؛سالاھىيىتى، سالاپىتىنى دەسمايە قىلىپ نەپ ئېلىش ؛ يامانلىق ، زىيانكەشلىك قىلىپ باش ئەگدۈرۈش؛ كىچىككىنە ئىشقا چوڭ ئىلتىپات ئېلىش ؛ قىل ئۆتكۈزمەي پىل ئېلىش؛ ھال – كۈنى ياخشى تۇرۇپ كەمبەغەلدىن«زاكات»ئېلىش قاتارلىقلار . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نائۇستا ھۈنەرنىڭ كور خېرىدار تىلىشى؛ يالغانچىنىڭ دۆت بىلەن دوست بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىشى؛بىلىمسىز خوجايننىڭ  خادىمىنىڭ دۆت بۇلىشىنى، نادان بۇلۇشىنى كۈتۈىشى؛كۆتەڭنىڭ ئىككى مىسرا شېئىر ئوقۇپ شائىر ئاتىلىشىنى كۈتۈشى؛ بەدنىيەتلەرنىڭ ئۆز قىلمىشىنىڭ قانۇنلۇق سانىلىشىنى تىلىشى؛ ئۆزىنىڭ باي بۇلۇشىنى ، ئۆزگىنىڭ  نامىراتلىشىشىنى كۈتۈشى؛ ئۆزىنىڭ سالامەت، ئۆزگىنىڭ بالا – قازاغا ئۇچۇرىشىنى تىلىشى ؛ ئاچكۆزنىڭ ئاش يەپ پۇل بەرمەسلىكى ؛ ھارامخورنىڭ خەقنىڭ مۈلىكىنى تارتىۋېلىشى ۋە غايىبانە بايلىق ئۇچۇرتىشىنى خىيال قىلىشى قاتارلىقلار .

تەمەخورلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى رەزىل ۋە مۇرەككەپ بۇلىدۇ، بەزى تەمەخورلار كۈتكەن مەقسىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ، بىر مەھەل ئالىيجاناپ قىياپەتكە  كىرىۋالىدۇ . بىراق « تەمەخورنىڭ قازىنى تولماس» دېگەندەك ، تەمەخورلار ئۆزىنىڭ تەمەسىنى قاندۇرغان ئادەمنى« نان» دىن قۇرۇق قالدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.

تەمەخورلۇقنىڭ كەلتۈرىدىغان  ئاقىۋىتىمۇ بىر- بىرىدىن پەرىقلىق بۇلىدۇ. غايپتىن ، تەبىئەتتىن تەمە قىلىش ئادەمنى نادانلىق، قالاقلىق ھەم خۇراپاتلىق ئازگىلىغا ئىتتىرىدۇ. پۇلدارلاردىن ، ھەرقانداق ئادەمدىن تەمە قىلىش ئادەمنى ھارامخورلۇققا ، قانائەتسىزلىككە ، ئاچكۆزلۈككە مۇپتىلا قىلىدۇ. باشقۇرغۇچىدىن ، بويسۇنغۇچىدىن تەمە قىلىش ئادەمنى خۇشامەتكۇيلۇققا ، بەدنىيەتلىككە  باشلاپ ، ئاخىرىدا ھىيلە- مىكىر، سۈيقەست ئىشلىتىشكە ئېلىپ بارىدۇ.

تەمەخورلۇقنىڭ مىللەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىمۇ چوڭ بۇلۇپ، ئۇ ، مىللەت ئەزارلىرىدىكى گۈزەل ئەخلاقنى ئاجىزلىتىپ ، ساختىپەزلىكىنى ئۇلغايتىدۇ. مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاجىزلىتىپ خاس ئۆرۈپ-ئادەتنى يوقىتىدۇ. ئاخىرىدا مىللەت ئەزالىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېتىقادى ، تۇرمۇش ئېتىقادى يوقىلىشقا يۈزلىنىپ ، ئىقتىسادىي سەۋىيىسى تۆۋەنلەيدۇ . دېمەك ، تەمەخورلۇق مىللەتنىڭ تېنىگە چاپلاشقان مەنىۋى راك ھۈجەيرىسى بۇلۇپ ، مىللەتنىڭ قەلبىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ ، ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ ، غورور، غايە ۋە ئېتىقادتىن مەھرۇم قىلىپ ئادەمنى خارلىق چۆلىگە تاشلايدۇ.

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

0دانە ئىنكاس

ئىنكاس يوق

ئىنكاس يوللاش

*

*

4 + 8 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif