دەم ئېلىش كۈنلىرىمدىن پايدىلىنىپ ئالىي مەكتەپتە ئىشلەتكەن كىتابلىرىمنى بىر قۇر رەتلىۋېتەي دەپ بىر كىتابنى شۇنداق قولۇمغا ئېلىشىمغا بىر پارچە خەت سىيرىلىپ چۈشتى ، ئەسلىدە بۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتتىكى بىر دوستۇمنىڭ ماڭا يازغان خېتى ئىكەن ، ئوقۇپ باقسام خېلى مەزمۇنلۇق ، ئاخىرى بۇ خەتنى ئاشكارلاشنى لايىق تاپتىم . خەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق :
سالام دوستۇم ، كۈندىلىك پىلانىڭ قانداق ؟
ھەي ، ئويلاپ باق ؟ مەن ھازىر نىمە ئىش قىلىۋاتىمەن ؟ نېمە ئويلاۋاتىمەن؟ كۈندىلىك ئىش – ئىزلىرىم قانداق كېتىۋاتىدۇ ؟ ئۆگىنىش پىلانىمچۇ ؟ ئۆزەمگە ، ئاتا – ئانامغا ، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىمغا ، سەبئىي گۆدەك چاغلىرىمغا ، چېچەن ، ئۆتكۈر ، سەگەك كاللامغا يۈز كېلەلەمدىم ؟ ھەر كۈنى دەرسىتىن چۈشكەندىن كېيىنكى بىكار ۋاقىتلىرىم قانچىلىك ؟ مەن شۇ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېتەلىدىممۇ ؟ ئۇلۇغ راھەتتىن يىراق ، جاپاغا يېقىن مېھرىبان ئاتا – ئانامنىڭ مىڭ بىر جاپادا ئىشلەپ ، ئۆزى ئىچمەي ، كىيمەي ، بالام دەپ سالغان پۇللىرىغا لايىق ئۆگىنىش قىلدىممۇ؟ مېنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۈنلىرىم ۋە ئالتۇندەك قىممەت ۋاقتىم يەنە كېلەمدۇ – يوق ؟ مەن زادى قانداق ئوقۇغۇچى ، ۋەياكى مېنىڭ بېقدىغان ئالتە كالام، يەتتە بالام بارمىدى ؟ ئۆگىنىدىغان ، بىلىم ئالىدىغان ، قاتتىق رىقابەتلىشىدىغان تەمكىن ياشلىق ۋاقتىم قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ ؟ پۇل – مالنى تاپقىلى بۇلىدۇ ، لېكىن ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىمنى تاپالامدىم ؟ مېنى زادى قانداق سېھرى كۈچ ئېزىقتۇرۋاتىدۇ ؟ كاللامنى ئىككىگە چېچىۋاتىدۇ ؟ مەن ئۆزەمنى كونتىرول قىلالمىغۇدەك دەرىجىگە چۈشۈپ قالدىممۇ ؟ كۆڭۈلنى راستىنلا زادى كونتىرول قىلغىلى بولمامدۇ ؟ ئۇنداقتا بىز ساراڭمۇ ؟ كاللىمىزدىن ئېزىپ قالدۇقمۇ ؟ ساراڭ بولساق نېمە ئۈچۈن ئالىي مەكتەپكە كېلىمىز ؟ كېيىم – كېچەكنى جايىدا كېيىپ ، ئاش – تاماقنى ۋاقتىدا يەپ ئۇرۇنلاشتۇرۇپ كېتەلەيمىزغۇ ؟ باشقىلار بىزنى نورمال كاللىسى بار دەپ ئاتايدىغۇ ؟ بىز ئۆزىمىزگە قانداق ؟ سىز بىلەمسىز ؟ دۇنيادا نېمە ئەڭ قاتتىق ، بىلىشىڭىز بىلمەسلكىڭىزدىن كۆپ ، چۈنكى سىز بۇ توغىرلۇق ئويلاپ باقمىغان ياكى ئويلاپ تېگگە يېتەلمىگەن ، سىزگە دەپ بېرەي ، دۇنيادا ئەڭ قاتتىق ، ئەڭ رەزىل نەرسە تۇرمۇش . تۇرمۇش بۇدۇنياغا يارالغانلىكى ئىنسانغا ھەرخىل . بەلكى بۇ سۆز بىر ئېغىز سۆز بىر ياكى ئىككى تىنىق بىلەنلا ئېيتىلسىمۇ ئەمما ئۇ ھەر بىر يارالغۇچىغا رەھىمسىز ۋە سىرلىق كۆرۈنىدۇ . بىراق بۇ يەردىكى مەسلە سىزنىڭ ئاشۇ تۇرمۇشنى قانداق ئۆتكۈزىشىڭىزدە ۋە ئۇ يولنى قانداق مېڭىشىڭىزدا .
سىز ئويلايسىز ، مەن ئۇنى چۇقۇم بويسۇندۇرۇپ ماڭىمەن دەپ ، يەنە ئويلاپ قالغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن ، بىراق بىزمۇ بۇ تۇرمۇش يولىنى قانداق مېڭىۋاتىمىز ؟ تۇرمۇش بىزگە قانداق پوزىتسىيىدە بۇلىۋاتىدۇ ؟ مەن ئەسلى قانداق ئوقۇغۇچى ئىدىم ، ھازىر قانداق بۇلۇپ قېلىۋاتىمەن ؟ مەن ۋە سىز بۇنى بەلكىم ئويلاپ بۇلالماسلىقىمىز مۇمكىن ، خەقنىڭ بالىلىرى قانداق ئۆگنىۋاتىدۇ ؟ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۋاتىدۇ ؟ بىزمۇ شۇلار كىيگەن كىيىمنى كىيگەن ، شۇلار يىگەن تاماقنى يىگەن ، شۇلار خەجلىگەن ھەر – ھەر تۇڭگۇز تولاق پۇللانى خەجلىگەن ، ھېچ بىلەلمىدىم ، ئۇلار قانداق ، بىز قانداق ؟ ھەر دوستلار ، ئاداشلار ، بىزمۇ ئۇيقۇمىزنى ئاچايلى ، ھەش – پەش دېگۈچە بىر يېرىم يىل ئۆتۈپ كەتتى ، بىراق نە ئامال ئۇ ۋاقىتلارنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بۇلامتى ؟ بىز مۇشۇ مەكتەپكە نە ئۈمىد نە ئارزۇلارنى قىلىپ كەلگەن – ھە ؟!
بىز مۇشۇ مەركىزى شەھەردىكى مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن ئاتا- ئانىمىز ، ئۇرۇق-تۇغىقانلىرىمىز قانچىلىك كۆز يېشى قىلىپ ، نە ئارزۇ – ئۈمىدلەر بىلەن بىزنى يولغا سالمىغان-ھە ؟!
مەن مۇشۇلارنى ئويلىغانسىرى نېرۋام قالايىقانلىشىپ ، كۆزلىرىم بىرخىل غۇۋالىشىپ قېلىۋاتىدۇ ، دوستۇم ، بولدى ، مۇشۇنچىلىك يازاي ، مەن ئۆزەمنى شۇنچىلىك تۇنۇپ يېتەلىدىم ، شۇكرى ، ئويلاپ باقسام تېخى ساق ئىكەنمەن ، ساراڭ بۇلۇپ قالماپتىمەن .
مەن ئەتە ئەتىگەندىن باشلاپ يەنى ( 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ) تۈزۈك قەدەملەر بىلەن سىنىپقا كىرىشىم كېرەك ، سەن سىنپتىكى دوستلارنى ئالدىدا ئوقۇۋاتىسەن ، مەن سېنىڭ تىرىشچانلىقىڭىغا قايىل ، سەندە ھەقىقەتەن تەمكىنلىك ، مېھرىبانلىق ، تىرىشچانلىق ، شۇنداقلا سەمىمىيلىكتىن ئىبارەت ئېسىل خىسلەت بار ، بۇنىڭدىن كېيىن دەرسىلەردە ۋە باشقا جەھەتلەردە تەڭ ھەمكارلىشىپ كېتەلىشىمگە ئىشىنىمەن ، دوستۇم سېنىڭ بىر ئېغىز گېپىڭ ھېلىھەم قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ :« بىز ئەسلىمىزنى ۋە ئۆز نەسلىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسللىقىمىز كېرەك، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ئاندىن كېيىن كەلگۈسىمىز ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشالىساق شۇنچىلىك تىرىشىپ باقايلى ، قېنى قانچىلىك تىرىشالايمىز ؟» گېپىڭىنىڭ تېگىگە ئەمدى يېتىۋاتىمەن دوستۇم ، رەھمەت ساڭا، تۇنۇگۈن كەچتە سىنىپتا سىېنىڭ ئوقۇۋاتقان كىتابىڭغا قاراپ ئۆزەمنىڭ يەنىلا تېخى قۇدۇق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلدىم ، سەن مېنى يەنە بىر قېتىم ئىلھاملاندۇردۇڭ ، ياشاپ كەت ئوغۇل بالا …
ئاخىردا ئۇلۇغ ئاللاھدىن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ، ئاتا – ئانىلىرمىزنىڭ ، ئۆزەمنىڭ ، سېنىڭ ، دوست – بۇرادەرلىرىمىزنىڭ سالامەتلكىنى ، بەختىنى تىلەيمەن .
دوستۇڭ : (؟) دوستۇمنىڭ ئىسىمنى ئەينەن ئېلىشنى لايىق تاپمىدىم .
2006-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ، كەچ .
خەت مۇشۇنداقلا يېزىلغان ئىدى ، بۇ خەتنى ماڭا يازغان دوستۇم بىلەن ئىككىمىز ھازىر ئىككى ۋىلايەتتە . ئەمما بۇ خەت شۇ چاغلاردا بىر ياتاقتا بىرگە 5 يىلنى ئۆتكۈزگەن دوستلىرىمنى ، ساۋاقداشلىرىمنى ، سىنىپتىكى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمىنى ئېسىمگە سېلىپ قويدى ، خەيىر ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەم بەختىنى تىلەيمەن .