ئائىلىلەردە ، سودا سارايلاردا ، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا چىرايلىق بېزەلگەن ئەخلەت ساندۇقلىرى بولغاندىن سىرت ، كومپىيۇتېردىمۇ كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىلىۋېلىش پونكىتىنىڭ بارلىقى ھەممىمىزگە ئايان ، « ئەخلەت» دەپ قارالغان تاشلاندۇقلار ساندۇقلارغا توشقان ھامان بەلگىلەنگەن ئۇرۇنغا تۆكۈلۈپ بىكارلىنىدۇ . بىزنىڭ پىسخىكىمىزغىمۇ بىلىپ – بىلمەي نۇرغۇن«ئەخلەت» لەر يىغىلىپ قالىدۇ . مانا بۇ ئەخلەتلەر يىغىلىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە ، ئىچىڭىز تىتىلداپ بىئاراملىق ھىس قىلىپ، خۇشاللىقنىڭ سىزىن بارغانسېرى يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز . بۇنىڭدىكى سەۋەپ ، سىزنىڭ پىسخىكىلىق ئەخلەتلەرنى يىغىشنىلا بىلىپ ، ئۇنى ۋاقتىدا تازلاشنى بىلمىگەنلىكىڭىزدە .
پىسخىكىلىق ئەخلەت دېگىنىمىز زادى نېمە ؟
پىسخىكىلىق ئەخلەت ــــ قەلىبنىڭ ئىچىكى قىسىمىدا يۇشۇرۇنغان ، سالامەتلكىككە ۋە روھىي ساغلاملىققا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدىغان كۆڭۈلسىز ئەسلىمە ، ناچار خاھىشلار تەسىرىدە بارلىقققا كەلگەن پاسسىپ كەيپىيات، ئاممىبابراق قىلىپ ئېيىتقاندا ، قەلبىڭىزدە ساقلانغان تۇرمۇش ، خىزمەت جەريانىدا يۇلۇققان نۇرغۇن ئازاپلىق كەچۈرمىش ياكى خاتىرلەرنى كۆرسىتىدۇ .
پىسخىكىلىق ئەخلەت يۇشۇرۇن ، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرگە ئىگە ، تەكرار ، مۇرەككەپ بۇلۇشتەك ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇلۇپ ، كىشلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى زىيانغا ئۇچۇرتىدۇ . شۇڭا ئۇنى ۋاقتىدا تازلاپ تۇرۇش كېرەك . ساغلاپ پىسخىكىغا ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك :
بىرىنچى : مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ زۆزۈر . مېڭىگە ئوكسىگىن يېتەرلىك بولغاندىلا كەيپىيات تۇراقىلىشىپ ، پىسخىكا ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بۇلىدۇ ، مەسلەن ، كۆڭلىڭىز بىئارام بولغاندا يالغۇز سىرتلارغا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ ، ئاددى بولغان كېرىلىش ھەركەتلىرىنى قىلىپ بەرسىڭىز ، كەيپىياتىڭىز تەبئىي ھالدا كۆتۈرلۈپ ، ئازادىلىك ھېس قىلىپ قالىسىز .
ئىككىنچى ، قەلبىڭىزدە بىر قۇتا تەييارلاپ ، تۇرمۇشتا ، خىزمەتتە يۇلۇققان ئاۋارىچىلىك ، زېرىكىشلىك ھېس قىلغان پاسسىپ كەيپىياتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئاغىزىنى مەھكەم ئېتىپ ، ئۇنى دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە تاشلىۋېتىڭ . شۇندىلا ئۆزىڭىزنى يىنىك ھېس قىلىسز .
ئۈچۈنچى ، ئۇرۇندۇقتا كۆزنى يۇمۇپ تىك ئولتۇرۇپ ، بىر نەچچە قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېتىپ ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەش ئارقىلىق ئىچكى كەيپىياتنى تەڭشەش كېرەك .
تۆتىنچى ،ئازابلانغان ، دېمى سىقىلغان ، دەرد- ئەلەمگە تولغان ۋاقىتلاردا قىسقا ئارلىققا يۈگۈرۈش ، جىمجىت جاينى تاللاپ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بېسىمنى يىنىكلىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ پىسخىكىلىق ئەخلەتلەرنى تازلاش كېرەك .
بەشىنچى ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ، ئاسان ئەستە قالىدىغان ھېكىمەتلىك سۆز- ئىبارىلەرنى يادىلاش ، دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق روھىي كەيپىياتنى تەڭشەپ ، پىسخىكىلىق ئەخلەتلەرگە قارىتا تازلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك .
ئالتىنچى ، قىيىنچلىق ، مەغلۇبىيەت ئالدىدا ئاكتىپ ، خۇشال پوزىتسىيە تۇتۇش ، « بۇمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ » دېيىش ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللى بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىش تولىمۇ مۇھىم .
دېمەك ، ھەر بىر ئىشنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك بۇلۇپ كېتىشى ناتايىن ، شۇڭا ھەر قانداق ئەھۋالدا روھىي ئازادىلىك تولىمۇ مۇھىم . ئەخلەت ساندۇقىڭىز توشۇپ قالغان بولسا ۋاقتىدا تازلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ .