ALI.UG — بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مېدىيا تورى!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار…

سىلەرمۇ ماڭا ئوخشاش پات-پات yoku, tudou, 56 دېگەندەك مېدىيا توربەتلىرىگە چىقىپ تۇرامسىلەر؟ پات-پات ئۇ توربەتلەرگە مېدىيا يوللاپ تۇرامسىلەر؟

مەن ھەردائىم شۇ توربەتلەرنى ئېچىپ ئولتۇرغىنىمدا كاللامدا شۇنداق بىر سوئاللار پەيدا بولاتتى. يەنى قاچانمۇ بىزنىڭ كىشىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇنداق كەسپىي مېدىيا توربېتىنى ۋۇجۇدقا چىقىرا؟ ياكى بولمىسا مەن بىرقانچە كەسىپداشلىرىمنى يىغىپ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرايمۇ؟….دېگەندەك…..

مانا بۈگۈن توردۇنياسىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ALI.UG تورىدىن بۇ سوئالىمغا جاۋاب تاپالايمىز.

ئالىي ئۇيغۇر تورى — بىز ئۇيغۇرلاردىكى كەسپىي مېدىيا توربېتى بولۇپ، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى تورداشلارغا ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان كەڭ تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

ئۇنداقتا بىز تۆۋەندە مەزكۇر بېكەت بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

 

مەزكۇر بېكەتنى قۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەت:


  • ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇش.
  • تور زىيارەتچىلەرنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يىڭى يول ئىچىش، ئۆز ئارا ئۇچۇر ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇش سەھنىسى ھازىرلاش. 
  • بىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمىز ناخشا – مۇزىكىلارنى يوللاش ئەمەس. تورداشلارغا ئۆزىنى دۇنياغا نامايەن قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش. 
  • دەرىسلىك فىلىملەرنى يوللاپ ، دوستلارغا بىلىم ئىگەللەيدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش.
  • داڭلىق كىشلىلەرنىڭ ئادەمنى قايىل قىلدىغان نۇتۇقلىرىنى يوللاپ ، ئۇيغۇرچە ئۇچۇق دەرىسلىك تۈزۈشكە يول ئېچىش.

مەزكۇر بېكەتنىڭ ئالاھىدىلىكى:


  • بەتنىڭ كۆرۈنىشى كۆركەم ، ئاددىي ، ئىخچام ، سۈرئىتى تىز.
  • فىلىم يوللاش ، قۇيۇش قۇلايلىق ، تىز.
  • يوللانغان فىلىملەرنى باشقا مۇنبەر بىلوگ تور بىكەتلەرگە يوللاش قۇلايلىق.
  • ھەرقايسى فىلىمنىڭ ئاستىدا فىلەش كودى بار. فىلەش قوللايدىغان ھەرقانداق يەرگە يوللىغىلى بولىدۇ.
  • يوللانغان فىلىملەرنى سۈزۈكلىكى يۇقىرى ، بارلىق فىلىملەرنى mp4 شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ ، ئۆزىمىزنىڭ بوشلۇقىدا ئۆزىمىزنىڭ قويغۇچىسىدا قويىدۇ.
  • يانفۇن نۇسخىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلاردا نۇرمال قۇيۇلىدۇ.
  • بىكەت بىخەتەرلىكى يۇقىرى ، يوللانغان فىلىملەر تەستىقلانغاندىن كىيىن باش-بەتتە كۆرۈنىدۇ. ئېلخەت ئادرىسى جەزىملەش تۈزۈمى بار. تىزىملاتقاندا ھەقىقىي ئېلخەت ئادرىسىنى تولدۇرۇڭ . 
  • تېخنىكا جەھەتتە ئىشلەتكەن تېخنىكىلار باشقىلارنىڭكىدىن ھەرگىز قېلىشمايدۇ . 

قېنى تورداشلار سىلەرنىڭمۇ ھەم ئۆزىمىزنىڭ مېدىيا تورىنى قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

يازما ئاپتورى:

مەن ئىزتىل- تور دۇنياسىدا ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتىنى كۆزۈتۈش جەريانىدا بايقىغان ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىكا ئاجىزلىقلار، جەمئىيەتشۇناسلىق،ئۆگىنىش تەسىراتلىرىم قاتارلىق تەرەپلەردىكى كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمدىن بىر ئىزناسىنى قالدۇرۇپ مېڭىۋاتىمەن ! ! قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ مەن يەنە مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى





6 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • قوللايمىز ، لىكىن قانچىلىك مەۋجۈت بولۇپ تۇرالا ؟

    • ئىزتىل جاۋاب

      گەپ دەل مۇشۇ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش-تۇرالماسلىقتا .

  • بلوگىمغا يۆتكەپ ئېلان قىلسام بولامدۇ؟ ئەلبەتتە مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويىمەن ;-)

  • ناھايتى ياخشى يوللاپسىز بۇ تېمىنى :smile: يەنە مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز يەنە كېلىمەن
    سىزمۇ بىز تەرەپكە ئۆتەرسىز :arrow:

    • ئىزتىل جاۋاب

      بلوگىمغا پات-پات كېلىپ تۇرسىڭىز نەپ تېگىىدىغان تېمىلار ئۈزۈلمەيدۇ .

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif