بىرەيلەن ياردەمگە موھتاج بولسا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئىنساننىڭ تەبئىي ئىنكاسى ، بۇلۇپمۇ ياردەمگە جىددى موھتاج كىشىگە ۋاقىت ئالتۇندىنمۇ قىممەت بۇلىدۇ. شۇڭا ياردەم قىلىپ باشقىلارنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ قېلىش ، خاتا چۈشەنچە بېرىپ قۇيۇش قاتارلىقلارنى ئويلاشقا كىمنىڭمۇ ۋاقتى يېتىدۇ دەيسىز .
بەزىلەر ھەمىشە ياخشى ئىش قىلىمەن دەپ ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، يېقىندا توختىماي ئاق كۆڭۈل كىشلەرنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلىپ زىيان تارتىۋاتقانلىقىدەك خەۋەرلەر تارقىلىپ جەمئىيەتتە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى . ئەمەلىيەتتە ئاق كۆڭۈل كىشلەرنىڭ ياخشىلىق قىلىپ ، ئۇۋالچىلققا ئۇچۇرغانلىقىدەك مىساللار ئانچە كۆپ ئەمەس ، مەن يەنىلا « ياخشىلىققا ياخشىلىق »يانىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
چوڭلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ، چوڭلار بالىلارغا ياخشى ئۈلگە بۇلۇشى كېرەك . ياردەم قىلىش مۈشكۈل ئىش ئەمەس ؛ كۆپ سانلىق ئادەملەر يەنىلا ياخشى ، ياخشىلار ياخشىلارنى مۈشكۈلاتتا قالدۇرۇپ قويمايدۇ .
شۇنداق بولغاندا ئويلاپ باقايلى ، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنىمۇ ئارتۇق ئويلاش كېتەمدۇ ؟