ھاياتىمنىڭ 26-پەسلىگە قەدەم قويغان، ھەممە ئەتىراپ يېشللىققا چۆمگەن بۈگۈن بايرام خوشاللىقىدىن ھەر قايسىڭلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم.
تۈنۈگۈن كەچ ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بۈگۈم سەھەر تۇلىمۇ چىرايلىق، ھاۋا شۇنچە ساپ ئىدى. ئۇزۇندىن بېرى بۇنداق ئارامبەخىش سەھەرنى كۈرۈپ باقمىغاچقىمۇ،تۈنۈگۈن كەچتىكى ھارغىنلىق ئاللىقاياقلارغا كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن بىز ياشلارنىڭ بايرىمى بولغاچقا كەيپىياتىم ئالاھىدە ياخشى.
ياشلىق دىگەن ئاجايىپ بۇلدىكەن، كىشىلەر ياشلىقىنى ھاياتنىڭ قايمىقى دىيىشىدۇ، لىكىن بۇ قايماقنىڭ تەمى ھەرخىل، چۈنكى كشىلىك ھاياتتىكى ياشلىقتا ھەر بىر ئادەمنىڭ كەچۈرمىشى ھەرخىل بۇلدىكەن. مەيلى قانداق بولسۇن ئۇ ھامان شۇ كىشىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز چاغلىرى.
ياشلار دىگەن جۇشقۇن، ئىجتىھاتچان، تىرىشچان ۋە جانلىق كىشىلەر تۇپى، بىراق ئەتىراپىمغا نەزەر سالغىنمدا كۆرگەنلىرىم بەزىدە مىنى تۇلىمۇ ئۈمىتسىزلەندۈرىدۇ. ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇشقان ھالدا كىملەرنىڭ بايرىمى ئىكەنلىكىنى بىلىشمەيلا ئويناۋەرگەن. ھاراق ئىچىپ ئەس-ھۇشىنى يۇقىتىشىپ ئورىشىۋاتقان، جىدەل تېرىپ كىشىلەرنىڭ نەپىرىتىگە ئۇچىراۋاتقان.
مەن بۇلارنى كۆرگىنىمدە ئىختىيارسىز ئالى مەكتەپتىكى چاغلىرىمنى ئويلاپ قالىمەن، ئۇ چاغلاردا ئەتىراپىمدىكىلەر شۇنداق جۇشقۇن، تىرىشچان ئىدى. بەزىدە بىرەر مەسلىنى تالاشقىنىمزچە ۋاقىتنىڭ قانداق ئۈتۈ پكەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي قېلىشاتتۇق، ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ماتىريال ئاختۇراتتۇق، بەزىدە ھەتتا قىزىرىشىپ قالاتتۇق تېخى. بىراق بۇلار مىنى سۈيۈندۈرەتتى، مەن ساۋاقداشلىرىمدىن، ئاشۇ ئىجىتىھاتلىق ياشلىرىمىزدىن پەخىرلىنەتتىم، ھەم ئۆز-ئۈزۈمگە سۇئال قۇياتتىم، ئۆز-ئۈزۈمىنى ئىلھاملاندۇراتتىم. ئاشۇ ساۋاقدىشىمدىن ئۇن نەچچىسى ئاسپىرانىتىق ئىمتاھانىدىن ئۆتكەندە مەن ئۇلار ئۈچۈن ھاياجانلانغان، خوشال بولغاندىم.
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن بۇنداق مەنزىرلەرنى قايتا ئۇچىراتماقنىڭ ناھايىتى تەسلىكىنى ئاستا-ئاستا ھىس قىلىشقا باشلىدىم. بەزىدە خىزمەتنىڭ ئالدارشلىق سەۋەبىدىن ئۆزەمنىمۇ يۇقىتىپ قويغان ۋاقتىم بولدى. بۇ چاغلاردا دوستۇم ئىزتىل ماڭا مەدەت بەردى، ياردەمدە بولدى. ئىككىمىز نۇرغۇن ئىشلاردا مەسلىھەتلىشىپ ئىش قىلدۇق. ئۇنىڭ ياردىمىدە مەنمۇ ئاستا-ئاستا ئۆزەمنى قايتىدىن تۇنۇدۇم. ئەتىراپىنى كۈزىتىشكە باشلىدىم. ھەم بىزنىڭمۇ بەزى ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى ھىس قىلدىم. بىر ئادەمگە تەسىر كۆرسىتەلىسەكمۇ بىر ياخشى ئىش قىلغىلى بۇلدىغانلىقىمىزنى تۇنۇپ يەتتىم.
ئۆزەمگە شۇنداق سۇئاللارنى قۇيغۇم كىلىدۇ، بۈگۈن كىتاپ كۆردۈڭمۇ؟ بىر دېھقانغا ياخشى ئىش قىلىپ بىرەلىدىڭمۇ؟ قانچىلىك كىشىگە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلدىڭ؟ دوسلۇرۇڭ بىلەن ئالاقىلاشتىڭمۇ؟ بۈگۈن قىلغانلىرىڭدىن ھىس قىلغىنىڭ قانچىلىك؟
مىنىڭچە بۇ ھەربىر ياش ئويلىندىغان سۇئال. ئاخىردا سىزدىن سوراپ باقاي:
بۈگۈن سىز قانداق ئەھمىيەتلىك ئىش قىلماقچى؟