ئويلاپ باقسام ئۇزۇن ۋاقتتىن بېرى ئۆزەمنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى ، تۇرمۇشتا كۆرگەن – بىلگەنلىرىمىنى ، تەرمىلەرنى بلوگىمدا يوللاپ « بلوگ يېزىش قىزغىنلىقى»غا ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ كەپتىمەن ، بىلگەنلىرىمنى نۇرغۇنلىغان يېڭىدىن بىلوگ ساھەسىگە قەدەم قويغانلاغا ئۆگىتىپ ياردەم قىلىپ كەپتىمەن ، ئەمما ئارمان بىلەن بۇ يۇرۇق دۇنيادىن خوشلاشقان ئەزىر قېرىندىشىم « ئاكام مەۋلانجان»( ئۇلۇغ ئىگىمىزدىن مەرھۇم ئاكامنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلىشىنى ھەر ۋاقىت تىلەيمەن ) نىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆيۈمدىكى خاس كىتاب ئىشكابىمنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە ساقلاپ كەپتىمەن ، تۈنۈگۈن كەچ بىر ماتېريالنى ئىزدەۋېتىپ ئاكامنىڭ خاتىرسى قۇلۇمغا چىقىپ قالدى ، ۋاراقلاۋېتىپ بۇ شېئىرنى يېنىش – يېنىشلاپ ئوقۇپ كەتتىم ، ئاخىرى بۈگۈن بلوگىمدا ئېلان قىلىشنى لايىق تاپتىم . ئوقۇرمەنلەرنىڭ لايىقىدا باھا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
دوستۇمغا مۇۋەششەھ
[ئاپتۇرى : مەۋلانجان موللامەت ئىزتىل]
كەتسىمۇ ئەجدادلىرىم قانداق تارىخ يېزىپ ساڭا ،
ئول قوشاق يازدىم يەنە قالدۇرغىنىم بولسۇن ساڭا .
ئويلىغىن ئۆزەڭنى ھەم ئۆزگىنى سەل چاغلىماي ،
ياتمىغىن ئۇخلاپ ئەبەد پايدا بەرمەس دۇنيا ساڭا .
تېلى شىكەر ، دىلى زەھەر ، ئەھۋالى ئاندىن بەتتەر ،
غېرىپ بىچارە شۇ دوستلىرىڭ كولايدۇ ئورا ساڭا .
يۈرسەڭ ئەگەر ساقلىق تىلەپ بىۋاپا جوھۇتلاردىن ،
ئاخىرى بىر كۈن گۇم بولارسەن تېپىلماس قەبرە ساڭا .
زەپەر پەيتى كەلدى يېتىپ ئۇيقۇدىن كۆزۈڭنى ئاچ ،
نەدە بولساڭ قورقما ھەرگىز ئەمدى نۆۋەت كەلدى ساڭا .
[ئەسكەرتىش] ئاپتۇر ھەققىدە : رەھمەتلىك ئاكام مەۋلانجان موللامەت ئىزتىل ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ خەنزۇتىلى تەرجىمانلىق كەسىپىنى پۈتتۈرگەن ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات كەسىپىنىڭ تۇلۇق كۇرۇس كەسىپىنى ئۆزلىكىدىن ئوقۇپ پۈتتۈرگەن .