بىزنىڭ بېشىمىزنى قايدۇرىۋاتقىنى خىزمەتنىڭ ئېغىرلىقى ئەمەس ، بەلكى ئۆزىمىزگە تەۋە قانچىلىق خىزمەتنىڭ بارلىقى ۋە قايسسىنى بۇرۇن قىلىشىمىز لازىملىقىنى بىلمىگەنلىكىمىزدۇر .
خىزمەت قىلىشتىكى بىرىنجى خىل ئوبدان ئادەت :
ئىش ئۈستىلى ئۈستىدە چېچىلىپ ياتقان بارلىق قەغەزلەرنى يىغىشتۇرۋېتىپ ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر تەرەپ قىلىۋاتقان مەسلىگە مۇناسىۋەتلىكلىرىنىلا قالدۇرۇش .
ئىش ئۈستىلى ئۈستىدە دۆۋىلىنىپ ياتقان جاۋاپسىز خەتلەر ، دوكىلاتلار ۋە خاتىرە دەپتەر قاتارلىقلارنىڭ ئۆزىلا كىشىدە پاراكەندىچىلىك ، جىددىيلىك ۋە قايغۇرۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. تېخىمۇ يامىنى شۇكى ، ھەمىشە « قىلىشقا تېگىشلىك كۈرمىڭ ئىشنىڭ سىزگە قاراپ تۇرغانلىقى ، ئەمما ئۇنى قىلىدىغانغا ۋاقىت يوقلىقى » نى ئويلاۋەرسىڭىز باش قېتىنچىلىقى ئىچىدە جىددىيلىك ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلىپلا قالماي ، بەلكى قان بېسىمى ، يۈرەك كېسىلى ۋە ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بۇلۇپ قالىسىز .
خىزمەت قىلىشتىكى ئىككىنچى خىل ئوبدان ئادەت : ئىشلارنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە ئىشلەش .
ئۇزۇندىن بۇيانقى تەجىربەمدىن شۇنى بىلىۋالدىمكى ، ئادەم ھەممىلا ۋاقىتتا ئىشلارنىڭ تەرتىپىنى ئۇنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە بەلگىلەپ كېتەلمەيدۇ ، ئەمما شۇنىمۇ بىلىۋالدىمكى، پىلان بويىچە ئىش قىلىش ـــ مەقسەت – پىلانسىز ھالدا ئالدىغا ئۇچىرىغان ئىشنىلا قىلغاندىن كۆپ ياخشى .
خىزمەت قىلىشتىكى ئۈچۈنچى خىل ئوبدان ئادەت : بىرەر مەسلىگە يۇلۇققاندا ، بۇ ھەپتە بىر قارارغا كېلىشكە توغرا كەلسە ، ئارسالدى بۇلۇپ يۈرمەي ، نەق مەيداننىڭ ئۆزىدىلا بىر قارارغا كېلىش .
خىزمەت قىلىشتىكى تۆتىنچى خىل ئوبدان ئادەت : قانداق تەشكىللەش ، قاتلام بويىچە مەسئۇل بۇلۇش ۋە نازارەت قىلىشنى ئۆگنىۋېلىش .
مېنىڭ خىزمەتكە ئۇرۇنلىشىپ مۇشۇ كۈنگە كەلگۈچە يەكۈنلىگەنلىرىم مۇشۇنچىلىك بوپتۇ ، بەلكىم بۇلارنىڭ سىلەرگە ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .