بىرلەشكەن بىلوگلار تەشكىلاتى توپى ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ BBT دەپ ئېلىنىدۇ ) پارتىگۇرۇپپىسدىكى بىر قىسىم غوللۇق بلوگگىرلارنىڭ بىردەك ئاۋاز قۇيۇپ ماقۇللىشى ، كېڭىششى ، ۋە ئۇزۇن مۇنازىرلىشىشى ، پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق مەخسۇس ۋورپرەس ئۇسلۇبى تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ تەڭشەپ ھەقسىز تارقىتىشنى نىشان قىلغان ، يېڭىدىن بىلوگ ساھەسىگە قەدەم بېسىۋاتقان بلوگگىرلارغا قولايلىق ھەم ئۆگىنىش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ساھەسدىكى « پۈتۈنلەي ھەقسىز » بولغان ئۇسلۇب بازىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ ، « ئىتتىپاقلىق + تىرىشچانلىق + ئۆز ئارا ئۆگنىش + بىرلىشىش = غەلبە » دىن ئىبارەت ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلغان « ئىزچى » نامىدىكى گۇرۇپپا قۇرۇلدى .
« ئىزچى» گۇرۇپىسى BBTتەرىپىدىن تەستىقتىن ئۆتكەن قانۇنلۇق گۇرۇپپا ، ھەرقانداق شەخسىنىڭ ئۆز قارىشىنى ساقلاپ قېلىش ئەركىنلىكى ۋە ھوقوقى بۇلىدۇ ، بىراق گۇرۇپپىمىزغا قارىتا بۆلگۈنچىلىك ، قۇتىراتقۇچىلىق قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، ئەگەر BBTدىكى ئەزالاردىن بىرەرسى ئۆز مەنپەئىتىنى دەپ گۇرۇپپىمىزغا قارىتا بۆلگۈنچىلىك كەيپىياتىنى تەسىر قىلىسا كەڭچىلىك قىلىنمايدۇ .ئەزا بۇلۇشنى خالايدىغانلار ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئەزا بولسا بۇلىۋېرىدۇ . گۇرۇپپىمىزغا قېتىلىشنى خالايدىغانلارنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز . بىز ئۆزلەشتۈرگەن ئۇسلۇبلار بىردەك شەرتسىز ھالدا ھەقسىز تارقىلىتىدۇ . گۇرۇپپىمىزنىڭ ئادىرىسى :
http://bbs.uyghurbeg.net/forum.php?mod=group&fid=65 گۇرۇپپىمىزنى تېخىمۇ كۆپ بلوگ ئاتامانلىرىغا تەشۋىق قىلىپ ھەقىقى « ئىزچى» ئەتىرتى قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ چىقىرايلى .
قىسقىچە ئەسكەرتىش
گورۇپپىنىڭ مەقسىدى ھەقسىز ئۇسلۇبلارنى كۆپلەپ تارقىتىش ئارقىلىق 2012- يىلىنى بلوگ يىلىغا ئايلاندۇرۇش!
گەرچە نەچچە يىللاردىن بىرى ئىزچىل بلوگ يېزىپ كېلىۋاتقان قېرى بلوگگىرلار بولسىمۇ،تېخنىكىلىق مەسىلە ۋە ئۇسلۇب مەسىلىسى كۆپلىگەن يېڭى بلوگگىرلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ قويۇۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە،بىز يېڭى بلوگگىرلارغا تېخىمۇ قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن بۇ گورۇپپىنى قۇرۇشنى قارار قىلدۇق.
گورۇپپىغا كىرگۈچىلەرگە قويۇلىدىغان كىچىككىنە تەلەپ بار:
1-ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولۇشى، خەت باسقاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك(ئىملا تەھرىرلىگۈچ ئىشلەتسە بولىدۇ)
2- كۈچلۈك ئۇيۇشۇش روھى بولۇشى، قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق ھۈنىرى بولسا ئايىماسلىقى كېرەك.
3- تاپشۇرغان ۋەزىپىگە نىسبەتەن ۋاقىت بەلگىلىمىسى يوق، شۇنداقتىمۇ يازدا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى قىشقا قالدۇرماسلىقى كېرەك!
ھازىرچە مۇشۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلار گورۇپپىغا كىرىشكە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.گورۇپپىغا كىرگەندىن كىيىن ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئۆز سەۋىيىسىگە ئاساسەن خىزمەت تەقسىملىنىدۇ.
گورۇپپا ئەزالىرى بەھرىمەن بولىدىغان ئىمتىيازلار:
تەرجىمە قىلىنغان ئۇسلۇبنى ئەڭ ئاۋۋال سىناش-ئىشلىتىش ھوقۇقى بولىدۇ.ئەمما گورۇپپا نامىدا تەرجىمە قىلىنغان ئۇسلۇبنى ھەرقانداق شەكىل ياكى ۋاستە ئارقىلىق ئۈچىنچى بىر شەخىسكە ھەقلىق تەمىنلەشكە بولمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا گورۇپپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن سىرت كۈچ تەشكىللىنىپ،ھەر قايسى بلوگلاردا«تەشۋىق» قىلىنىپ ئىككىنچى بلوگ يازالماس جازاسى بېرىلىپ سازايى قىلىنىدۇ.
گورۇپپا ھەقسىز تارقاتقان ئۇسلۇبلارنى ھەر قايسى ئۇسلۇب تەمىنلىگۈچى بېكەتلەر گورۇپپىنىڭ نامىدا ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلىسە بولىدۇ.
BBT ئىزچى گۇرۇپپا ھەيئىتى
2012-يىلى 2-ماي