بىر ياشانغان كىشى مۇنداق بىر ئۆزگىچە سىناق ئۆتكۈزگەن : دوسكىغا بور بىلەن چەمبەر سىزىپ ، سىنالغۇچىدىن بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان .
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا بالىلار ئادەتتىن تاشقىرى جۇشقۇنلۇق بىلەن:‹‹چىكىت››،‹‹ئاي››،‹‹قازان نېنى››،تىكتاك توپ››،«مۇئەللىمنىڭ غەزەپلىك كۆزى» ، «بىزنىڭ ئىشىكتىكى مارىلاش تۆشۈكى» دەپ جاۋاب بېرەتتى .
تۇلۇقسىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن سورىغاندا ، بىر ئەلاچى ئوقۇغۇچى قول كۆتۈرۈپ :«نۆل» دەپ جاۋاب بەرسە ، ئۆگخنىشتە كەينىدە تۇرىدىغان بىر ئوقۇغۇچى ۋارقىراپ «ئېنگىلىز يېزىقىدىكى O » دەپ ، مۇئەللىمنىڭ تەنقىدىگە ئۇچۇرىدى؛
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن سورىغاندا ، ئۇلار قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ ، پەقەت كالۋالارلا جاۋاب بېرىدىغان بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى ؛
ئورگان كادىرلىرىدىن سورىغاندا ، ئۇلار ئالاقىزادە بۇلۇشۇپ ، قۇتقۇزۇشنى تىلىگەن نەزەر بىلەن سورۇندىكى رەھبەرگە تەلمۈردى ، رەھبەر خېلى ئۇزۇن تۇرىۋېتىپ : « مۇزاكىرلەشمەي تۇرۇپ ، سۇئالىڭغا قانداقمۇ خالىغانچە جاۋاب بېرەلەيمەن ؟» دېدى .
ئەمدى سىز جاۋاب بېرىپ بېقڭچۇ ، تەسەۋۋۇر كۈچى زادى قانداق يوقالدى ؟