ئادەتتە تۇرمۇشتا سۇئال سوراقتىن يىراق تۇرالمايمىز . ھەرخىل سۇئاللارغا ھەرخىل جاۋابلار بېرىلىپمۇ تۇرۇدۇ ، بۈگۈن بىرقانچە ھەزىل سۇئال ئۇچىراپ قالدى ، ئەمدى مۇشۇ سۇئاللارغا ھەزىل جاۋاب كېرەك ، بەس – بەستە بىر جاۋاب بېرىپ باقمايمىزمۇ ؟
1. كونىلاردا « قىيىن ئىش يوق ئالەمدە ،كۆڭۈل قويغان ئادەمگە » دېگەن ھېكىمەتلىك گەپ بار ، بىر خىزمەتدېشىم بۈگۈن شۇنداق سوراپ قالدى « تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئاسان ئىش ئىزدەپ يۈرۈيمەن ، لېكىن دائىم قىيىن ئىشقا دۇچ كېلىپ قالىمەن ، شۇڭا كونىلارنىڭ گېپى خاتامۇ ياكى ماڭا ئاسان ئىش ئۇچۇرمىدىمۇ ؟ » .
2.بىر تۇنۇشۇمنى باشقىلار «ئۈجمە كۆڭۈل» دېيىشىدۇ ، ئۈجمە دېگەن مېۋىسى شىرىن ، ساغلاملىققا پايدىلىق مېۋە تۇرسا ، ۋاپاسىزلارنى ئۈجمىگە ئوخشاتسا ئۈجمىگە ئۇۋال بولماسمۇ ؟
3.كونىلاردا« سامان ئارلاشمىسا لاي بولماس ، ھارام ئارلاشمىسا باي بولماس » دەيدىغان ماقالە بار ئىكەن . « ھارام » ئارلاشمىسا راستىنلا باي بولغىلى بولمامدۇ ؟
ئەسكەرتىش ؛ يۇقارقى سۇئاللارغا پەقەت ھەزىل جاۋابلارنى قۇبۇل قىلىمىز . ماقال – تەمسىللەرنىڭ يېشىمى كېرەك ئەمەس .