ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ياستۇقۇمنىڭ يېنىغا قۇيۇپ قۇيۇلغان كۈندىلىك خاتىرەمنى قولۇمغا ئېلىپ ۋاراقلاپ كەتكىنىمنى ئۆزۈممۇ سەزمەيلا قاپتىمەن ، راۋاقلاپ يۈرۈپ بىر چاغلاردا يېزىپ قويغان مۇنۇ قۇرلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى -دە شۇنىڭ بىلەن دەرھال كومپىيۇتېرىمنى قوزغىتىپ بلوگىمغا يوللىدۇم ، مەقسەت شۇ بىرلا ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ئوقۇرمەنلىرىم ، دوستلىرىم بىلەن ئېسىل يازمىلارنى ئورتاق بەھىرلىنىش خالاس .
بىز ئەمدىلا باشلاۋاتىمىز
مەن كەلگۈسىنىڭ ئۆتمۈشتىن ياخشى بۇلۇشىنى ، شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ تارىختىكى سەۋەنلىك ۋەخاتالىقلار بىلەن مىكروبلانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن . بىز ھەممىمىز كەلگۈسىگە قارىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇ يەر بىزنىڭ كېيىنكى ھاياتلىق خاتىرىمىزنى يازىدىغان جاي .
ئۆتمۈش ئۆتتى ، ئۇ ئۆزگەرمەيدۇ . بىز قىلالايدىغان ھەر قانداق ئىش ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ . كەلگۈسى بىزنىڭ ئالدىمىزدا ، شۇنداقلا ئۇ ھەرىكەتچان ، بىز قىلغان ھەر بىر ئىش ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . بىز پەقەت مۇشۇلارنى چۈشەنسەكلا ، مەيلى ئائىلىدە بولسۇن ياكى خىزمەتتە بولسۇن ، ھەر بىر كۈنىمىز بىزگە نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ . ئىنساننىڭ قۇربى يېتىدىغان ھەر بىر ساھەدە ، بىز ئەمدىلا باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتىمىز .
خىزمىتىڭىزنىڭ ئاددى ، ئېرىشۋاتقىنىڭىزنىڭ ئاز بۇلۇۋاتقىنىدىن ئەندىشە قىلماڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، ئەنە شۇ چوڭ دەرەخ بىر چاغلاردا كىچىككىنە ئۇرۇق ئىدى ، خۇددى سىزگە ئوخشاش .
تۇللۇقلىما : بۇقۇرلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرەمگە يېزىلىشى بىر ۋاقتىلاردا ماڭا ئۆز – ئۆزەمنى تۇنۇشۇمغا بەكلا تۈرۈتكىلىك رول ئوينىغان ، بەلكىم بۇ قۇرلار ھېلىھەم دوستلىرىمغا ئىلھام ئاتا قىلالىسا مەن ھەقىقەتەن خۇرسەن بولغان بۇلاتتى .