تەتۈرلۈك ( كۈلدۈرگە )

  مەن ئىنسان ئۆمرىنى ئۇزارتقۇچى ، ھاياتلىق چىرىغىنى ياندۇرغۇچى دوختۇر بولىمەن . يېقىندا مەن ئىشلەيدىغان بۆلۈمگە بىر ئەر كېسەل كۆرسەتكىلى كەلدى . مەن بىمارنى تەكشۈرۈپ ، كېسىلىگە دورا بېرىش ئۈچۈن : « – ئۇرۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇڭ» دېدىم . ئەمما ئۇ ئۆڭگەن ھالدا : « نېمىشقا ئولتۇردىكەنمەن ، سىز مېنىڭ ئولتۇرماسلىق ھوقوقىمنى تارتىۋالماقچىمۇ ؟ » دېدى . ئارقىدىن ئۇ يەرگە شالاققىدە تۈكۈردى ، مەن دەرھال ئۇنىڭغا : « يەرگە قالايمىقان تۈكۈرمەڭ » دەپتىمەن ، ئەمما شۇنداق دېگەن ئاغزىمغا بىر نەچچە كاچات ئۇرغۇم كەلدى . چۈنكى ئۇ ئادەم گېپىمنى ئاڭلاپلا : « تۈكۈرسەم يەرگە تۈكۈردۈم ، نېمە چاتقىڭىز ؟ سىز تۈكۈرشۈمنىمۇ باشقۇرامسىز ؟ قالايمىقان تۈكۈرمەڭ دەيسىز ، ئۇنداقتا تەرتىپلىك تۈكۈرسەم بولامتى ؟ » دەپ كايىپلا كەتتى . مەن ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان قايناق سۇ قۇيۇپ بەردىم – دە : « قايناق سۇ ئىچىڭ» دېدىم . ئۇ كىشى : « سىزنىڭ بۇ گېپىڭىز پۈتۈنلەي سەپسەتە ، بىر تەرەپلىمىلىك قاراش ، قايناق سۇ بىلەن سۇنىڭ مەنىسى بىر ، سۇنىڭ ھەممىسىنىلا ئىچكىلى بولامدۇ ؟ » دەپ سەكرەپلا كەتتى . مەن ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ : « بۇ سۇغا زەھەر سالمىدىم ، خاتىرجەم ئىچىۋېرىڭ »دېدىم . ئۇ كىشى : « كىم سىزنى زەھەر سالدى ، دەپتۇ ، مەن سىزگە زەھەر سالدى ، دەپ تۆھمەت چاپلىغان ئوخشىمامدىمەن ؟ » دەپ تېخىمۇ ئۈنلۈك ۋارقىرغىلى تۇردى . مەن : « بۈگۈن ھاۋا خېلى ئوچۇق – ھە » دېدىم گەپنى باشقا تەرەپكە بۇراش ئۈچۈن . ئۇ كىشى دەرھاللا :« ئاغزىڭىزغا كەلگەننى جۆيلۈمەڭ، بۇ يەردىكى ھاۋا ئوچۇق بولغىنى بىلەن دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى ھاۋانىڭ ئوچۇق بۇلۇشى ناتايىن » دېدى . كېسەل كۆرسەتمەكچى بولغان باشقا كىشلەر ئىشىك ئالدىدا ئۆچۈرەت تۇرۇۋاتاتتى . مەن چىدىماي ، ئۇنىڭغا :« بۈگۈن ئۆيىڭىزگە قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىپ ، ئەتە ئەتىگەندە كېلىڭ » دېدىم . ئۇ ماڭا « سىزنى ماڭا ‹ ئۆيىڭىزگە قايتىپ كېتىڭ › دەيدىغان ھوقوقىڭىز يوق . بۇ ج خ ئىدارىسى ئەمەس ، مىلتىق بىلەن ئېتىپ تاشلاش تېخىمۇ قولىڭىزدىن كەلمەيدۇ . مەن ھەرگىز كەتمەيمەن » دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىپ تۇرۇۋالدى . ئاخىر ئۇ باشقا دوختۇرلارنىڭ نەسىھەتى بىلەن بۆلۈمدىن چىقىپ كەتتى .

   تۈنۈگۈن كەچتە كىنوغا بارغاندىم ، ئاغىزى بېسىقماي سۆزلەيدىغان  بىر كاسكاسنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ قاپتىمەن ، كىنو باشلىنىشى بىلەن تەڭ بۇ ئادەمنىڭ گېپى باشلاندى . يېنىدا ئولتۇرغان لايىقى بولسا كېرەك ، ئۇ قىزچاققا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا باشلىدى :

   ــــ سۆيۈملۈكۈم ، سىزنى ئويلىسام كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ ، مۇھەببەت ئوتىڭىز پات – پات يۈرىكىمنى كاۋاپ قىلىپ ، پۇچلايدۇ . سىز گۆش بولسىڭىز مەن ياغ ، سىز تاغ بولسىڭىز مەن بارغ ، سىز شىمالىي قۇتۇپ بولسىڭىز مەن جەنۇبى قۇتۇپ ، سىز ئاچقۇچ بولسىڭىز مەن قۇلۇپ ، ئىككىمىزنىڭ بىرىكمەسلىكى تەبئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ . ئەقىل – ھوشۇم جايىدا بولغاچقا ، سىزدەك چايغا چىلاپ ئىچىۋالغۇدەك چىرايى ، ئاي دېگۈدەك كۆزى ، ۋاي دېگۈدەك يۈزى بار چىرايلىق قىزنى قولغا چۈشۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتىمەن . بۇ مەن ئۈچۈنلا شەرەپ بولماستىن ، خەلقىمىز ئۈچۈنمۇ زور شەرەپ . بىز « ئېلىشمىغۇچە تېپىشماس » دېگەندەك ، بىر – بىرىمىزگە كۆيۈشۈپ ، مۇھەببەت دەرياسىدا  بىللە ئۈزۈشۈپ تېپىشقان تېپىلماسنىڭ خورمىلىرىمىز . شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، مەن سىز ئۈچۈن پىچاق بسىدەك تىك تاغلارغا چىقىشتىن ، يېلىنجاپ كۆيۈۋاتقان ئوت دېڭىزىغا كەينىچىلەپ سەكرەشتىن ، ئوكيانلاردىكى تەتۈر قاينامغا غەرق بۇلۇشتىن يانمايمەن. سىزنىڭ پەرىزاتتەك ھۆسىن-جامالىڭىز مېنى خۇددى ماگىنىت مەيدانىدەك ئۆزىگە تارتماقتا . سىز ئۈچۈن ھەر قانداق بالا – قازا بېشىمغا كەلسە يېڭىشكە تەييارمەن . ئالدىمىزدىكى شەنبە سىزنى چۇقۇم يوقلاپ بارىمەن ، مۇبادا يامغۇر يېغىپ قالمىسىلا …

   مەن تاقەت قىلالماي ، ئاخىر :« ئۇكام ، پارىڭىڭلارنى كىنو تۈگىگەندە قىلىشساڭلار قانداق ؟» دېدىم . كاسكاس يىگىت ئوتنىدىن تۇرۇپلا : « پاراڭلىشامدۇق ، كىنو كۆرەمدۇق ، قايتىپ كېتەمدۇق ئۆزىمىزنىڭ ئىشى ، ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارلاشماي ، كىنويىڭىزنى كۆرۈۋېرىڭ !» دېدى . مەن ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۇنىڭ ھېلىقى كۈنى كىسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدىم .

يازما ئاپتورى:

مەن ئىزتىل- تور دۇنياسىدا ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتىنى كۆزۈتۈش جەريانىدا بايقىغان ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىكا ئاجىزلىقلار، جەمئىيەتشۇناسلىق،ئۆگىنىش تەسىراتلىرىم قاتارلىق تەرەپلەردىكى كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمدىن بىر ئىزناسىنى قالدۇرۇپ مېڭىۋاتىمەن ! ! قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ مەن يەنە مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى





3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • بۇنداق تەتۈرلەر ھازىر كۆپىيىپ قالدى ، بىز خەقتە بۇرۇقتىرۇملۇق كېسىلى يوقتۇ دېسەم ، بىزدىمۇ باركەن ھە، كۈلەي دېسە تىخى ، يىغلاي دېسە تىخى ……

  • مېنىڭ بىلوگىم قېنى؟
    بىرلىشىمىز دەپ تازا قاينايسىز ، مېىنىڭ بىلوگىمغا ئورۇن بەرمەپسىزغۇ ؟

    • ئىزتىل جاۋاب

      مانا ھازىرلا . بىرلىشىمىز !

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif