ھايات
ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇ، بەزىلەر ئۇنى ئالتۇن قەدەھتە، بەزىلەر ئۇنى ساپال قاچىسىدا ئۇسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن قەدىھمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر بولسا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ.
سۇدا ھىچقانداق پەرىق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرىق پەقەت سۇ ئىچىدىغان سايماندا، قەلەندەر بىلەن پادىشاھنىڭ پەرقى سۇ ئۇسىدىغان «قاچا»دا.
پەقەت ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارىتقان كىشىلا سۇنىڭ تاتلىقلىقىنى ھىس قىلالايدۇ. قۇملۇق كىزىپ ئۇسسۇزلۇق ۋە ھارغىنلىقىنىڭ دەردىنى تارىتقان سەيياھ سۇنىڭ لەززەتلىك تەمىنى ھەقىقى تېتىيالايدۇ.
چىڭقى چۈشنىڭ ئاپتىپىدا يەر تېرىپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەن دېھقانلارلا سۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
يەنە بىرخىل كىشىلەر باركى، ئۇلار سالقىن يەردە ئولتۇرۋىلىپ نەپىس ئىستاكانلاردا قانچە يۇتۇم سۇ ئىچسىمۇ سۇنىڭ تاتلىقلىقىنى ھىس قىلالمايدۇ.
بۇ نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلار سەيياھتەك ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتمىغان، دېھقاندەك قاق چۈشتە يەر تېرپ باقمىغان،. شۇڭا ئۇلار سۇنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى ھىس قىلالمايدۇ.
مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ قانداق بۇلدىغانلىقىنى بىلمىسە، تاماق ۋە سۇنىڭ لەززىتىنىلا ئەمەس تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنىمۇ بىلمەيدۇ.
گەرچە بۇ ئۆزەم تەرجىمە قىلغان ئەسەر بولمىسىمۇ، بۇنىڭدىن يەتتەيىل بۇرۇن ئالى مەكتەپتىكى چېغىمدا مەلۇم بىر ژورنالدىن كۈچۈرۋالغان. ھازىر تېرىقچىلىقنىڭ ئالدىراش پەسلى بولغاچقا بىر نەرسە يازغىلى ۋاقىت چىقىرالماي ئورتاق بەھىرلىنىش مەقسىدىدە بۇ ئەسەرنى ھەرقايسى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىش يۈزسىدىن ھوزۇرۇڭلار سۇندۇم.
مەزكۇر ئەسەر ئاپتۇرى ئافغانىستانلىق : ئورفات ، ئەسەر ماڭا بەك تەسىر قىلغانلىقتىن كۆچۈرۈپ كەلدىم .