بىر زامانلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ، داڭلىق پىئانىنۇ ئۇستىسى ، داڭلىق مۇزىكانت رېچارد كېلايدىرماننىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇندىغان مۇزىكىلىرى ھېلىھەم بىزنى پىنھانلىققا ، ياشلىقىتىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىزگە ، كەلگۈسىدىكى غايىۋانە گۈزەل كېلىچەككە باشلاپ بارىدۇ . مانا مۇشۇنداق يېقىملىق مۇزىكىنى كىممۇ ئاڭلاشتىن قاچسۇن ؟ كىممۇ ئاڭلىمايمەن دەپ رەت قىلالىسۇن ، بەلكىم سىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسىڭىز مۇشۇ مۇزىكا بىلەن تەڭ باشلانغۇسى ، بەلكىم سىز مۇشۇ مۇزىكىنى ئاڭلاۋاتقىنىڭىزدا ئىلگىرىكى ئۆتكەن ئاچچىق ئەسلىمىلىڭىزنى بىر قېتىم ئەسكە ئېلىڭ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات مۇساپىڭىزدە ھەر بىر قەدەمنى تەمكىن ، سالماقلىق بىلەن بېسىپ مېڭىشنى ئىزدىشىڭىز مۇمكىن ، قانداق يۈرىكىڭىز ئېغىپ كېتىۋاتامدۇ ؟ ئەمسە تېخىمۇ جىم ئولتۇرۇپ مۇزىكىلارنى تۇللۇق ئاڭلاپ باقايلى :