ئادەم تىنىدىكى نېرۋا تۈگۈنلىرى پۈتۈن بەدەنگە تارقالغان بۇلغاچقا، ئوپىراتسىيە جەريانىدىكى ئەڭ كىچىك جاراھەتمۇ ئادمنى چىدىغۇسىز ئازاپلايدۇ. تىبابەت تارىخىدا، ئوپىراتسىيە جەريانىدا، سەزگۈر بولغان نېرۋىنى قانداق ناركوز قىلغاندا بىمارنىڭ ئازابىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يىنىكلەتكىلى بۇلىدۇ دىگەن مەسلە، ئىزچىل تۈردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوختۇرلارنىڭ بېشىنى ئەڭ قاتۇرغان.
1984-يىلى، ئامىرىكىدىكى مەلۇم بىر تىببىيات مەكتىپى (تىببىي ئونۋىرىسىتىت-تەرجىمە قىلغۇچى) ئىككىنچى يىللىىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى موردىن ئوپىراتىسيە ناركوز تەجىربىسىنى ئىشلەش جەريانىدا، بىر خىل ئېفىر دەپ ئاتىلدىغان دورىنى كەشىپ قىلدى. بۇخىل دۇرىنىڭ ئادەمنىڭ نېرۋىسىغا قارىتا كۈچلۈك بولغان مەس قىلىش رۇلى بار ئىدى. بۇ مىدىتسىنا ساھەسىدىكى زور كەشپىيات بۇلۇپ، تاشقى كىسەللىكلەر تارىخىدا دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
ئېفىرنىڭ ئادەمنىڭ نېرۋا سېستىمىغا كۈچلۈك مەس قىلىش رولى بولغاچقا، ناھايىتى ئاز مىقداردا ئىشلەتكەندىمۇ بىمارنى ھۇشسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئاغرىق ۋە قىچىشىشنى ھىس قىلدۇرمىغاچقا بۈگۈنگە قەدەر ئېفىر ھەر خىل ئوپىراتىسىيلەردە ناركوز قىلىشتا ئالدىن تاللىندىغان دورا بۇلۇپ كەلمەكتە. بىراق ئىنسانلارنىڭ يەنە بىر خىل «نېرۋا سېستىمىسى»ـــ ئېرىشىش ۋە مەھرۇم بۇلۇش سەۋبلىك كىلىپ چىققان خۇشاللىق ۋە ئازاپلىرىنى ناھايىتى زور مىقداردا ئېفىر ئىشلىتىپمۇ ناركوز قىلغىلى بولمايدۇ.
ئەينى چاغدا موردىن ئېفىرنى كەشىپ قىلغۇچى سالاھىيتى بىلەن ئامىرىكا ھۆكۈمىتىگە پاتىنىت ھوقوقى ئىلتىماس قىلغان چاغدا، ئۇنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى ۋېرىس ۋە ئىلگىرى ئۇنىڭ تەجىربىسىگە ئىلھام بەرگەن خېمىيە پىروفىسورى جېكسون قاتارلىقلارمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن نام-مەنپەئەت تالىشىپ، ئەڭ ئاخىردا سوتقا چىقىدۇ. بۇ ئۈچەيلەنننىڭ ھەممىسىلا ئۆزلىرىنى ئېفىرنى كەشىپ قىلشى خىزمىتى جەريانىدا مۇھىم بولغان خىزمەتلەرنى ئىشىلىدۇق، قان تەر ئاققۇزدۇق دەپ ھىساپلىشىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ بىر مەيدان دەۋا نەچچە يىللار داۋاملىشىدۇ. ئېفىرنى كەشىپ قىلغۇچىلىق سالاھىيتىدىن مەھرۇم بولغانلىق سەۋەبىدىن كەلگەن ئازاپ ئۇلارنى توختىماي ئازاپ سەۋەبىدىن، بۇ قېتىمقى داۋا شۇنچە يىللار داۋاملىشىپمۇ ھىچبىر نەتىجسى چىقمايدۇ. ئەڭ ئاخىردا جېكسون ئېلىشىپ قالىدۇ، ۋېرىس ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ، موردىن بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە مىڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلىدۇ.
ئەسلىدە بىمارلارنىڭ ئازابىنى يەڭگىلىىتىش مەقسىدىدە، بۇ ئۈچى بىرلىكتە خىزمەت قىلىپ، بىمارلارنىڭ نېرۋىسىنى مەس قىلىپ ئازابىنى يەڭگىللىتىدىغان ئېفىرنى كەشىپ قىلىغاندى. بىراق ئېفىر بۇ ئۈچىنىڭ مەنپەئەتكە بىرلگەن نەپسىنى مەس قىلالمىدى، ئېفىرنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كەلگىنى ئاغىرق ئازابىدىنمۇ ئېغىر بولغان كىشىلىك ھايات تىراگىدىيسى ئىدى.
كۆپ چاغلاردا مەنپەئەتپەرەسلىك ئېلىپ كەلگەن ئازاپ ئوپىراتسىيە ئېلىپ كەلگەن ئازاپتىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېغىر بۇلىدۇ. ئوپىراتسىيە ئېلىپ كەلگەن ئاغرىق ۋاقىتلىق بۇلىشى مۇمكىن، ئۇنى ئېفىر ئارقىلىق ناھايىتى ئاسانلا مەس قىلغىلى بۇلىدۇ، بىراق مەنپەئەتپەرەسلىك ئېلىپ كەلگەن ئازاپ-ئۇقۇبەت ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە ئۇزۇن بۇلىدۇ، ھەتتا جانغا زامىن بۇلىدۇ. ھازىرغا قەدەر ھىچكىم ئۇنى مەس قىلالايدىغان دۇرىنى كەشىپ قىلالمىدى.
مەنبە: خەنزۇچە «ئوقۇرمەن’ ژورنىلى 2007-يىللىق سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.