ۋاقىتنىڭ توختىماستىن ئۆتىشى ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ئاجايىپ ئۆزگىرىلەرنى ھاسىل قىلدى. ئوخشاش بىر جايدا بولساقمۇ تەقدىر-قىسمىتىمىز ئوخشاشمايدۇ. بەلىكىم تەغدىر بىلەن كۆرەش قىلىش كېرەكتۇ. ئەمما ھەر ئىككىمىز تۇرمۇشتىكى ئاشۇ ئەڭ قىيىن بولغان ئايرىلىشقا دۇچ كەلگەندە، ئاددى كىشىلەر بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەغدىرگە بويسۇندۇق. مەن ھەمىشە ئۆزەمنى ئىنتايىن ئىلاجىسىزدەك، ئۆز-ئۆزەمنى يۇقۇتۇپ قويغاندەكلا ھىس قىلىمەن.(سەندىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن تېخىمۇ شۇنداق ھىس قىلدىغان بۇلۇپ قالدىم ) .
ئويلاپ كۆرسەم ئەينى چاغلاردا نۇرغۇن ئوي-خىيالىرىم ۋە ئىنتىلىشرىم بىلەن بىرگە كۈرۈنمەس، بۈسۈپ ئۈتۈش مۇمكىن بولمايدىغان تۇسۇقلار تۈپەيلى سىنى رەنجىتكەن بۇلىشىم مۇمكىن. گەرچە ھازىرقى ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىشكە مۇمكىن بولمىسىمۇ، سىنىڭ ئىلگىركى چاغلاردا ماڭا ھەمراھ بولغانلىقىڭغا، ھاياتىمغا گۈزەل ئەسلىملەرنى قالدۇرغىنىڭدىن مىننەتتدارمەن.
ئايرىلىپ كەتتتۇق دىمەكلىك ئارىمىزدا ئەمدى سۆزلەشكۈدەك ئىشلار قالمىدى دىگەندىن دېرەك بىرىدۇ. سىنىڭمۇ ئاڭلىغۇڭ يوق ، مىنىڭمۇ ھەم سۆزلەشكە رايىم يوق. ساڭا قايتا-قايتا يالۋۇرۇشنىڭ ئەسلا ئەھمىيىتى يوقلىقىنى سەن ماڭا ئاخىر چۈشەندۈرۈپ قويدۇڭ. ھەممە مۇشۇ جايدا ئاخىرلاشتى.
سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى مەن چۇقۇم ئىسىمدە تۇتىمەن، سەن ياخشى كۈردىغان ئىشلارنى، سەن ئۆچ كۈردىغان ئىشلارنى چۇقۇم ئىسىمدە تۇتىمەن، بىراق سىنىڭ چىرايىڭنى ئىسىمدە تۇتۇپ بۇلالماسلىقىم مۇمكىن.
بۇرۇن ياخشى كۈرۈشكەن بولۇشقان بولساق نىمە بوپتۇ، مەن رومانلاردىكى باش قەھرىمان ئەمەس، مىنىڭ ياشاۋاتقىنىم ئاپتۇرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ۋەقەلىك ئەمەس بەلىكى ئۆزۈم ئۆزۈم ئۈچۈن كۈرەش قىلدىغان ھەقىقى رىئال تۇرمۇش. سىنىڭ تۇرمۇشۇڭدا ئۆز تاللىىشىڭ، ئۆز غايەڭ، ئىنتىلىشىڭ، سەن قوغلىشىدىغان بارلىق نەرسلەر بار، مىنىڭمۇ ھەم شۇنداق.(ئىلگىرى سەن تۇرمۇشۇمدىكى ھەممە ئىدىڭ ھازىر پەقەت ئۆتمۈشۈمدىكى گۈزەل ئەسلىمىدىن ئىبارەت) .
شۇنداق بىر كۈنلەردە ئۇچىرشىپ قېلىپ سىنى تۇنىيالمىسام ياكى تۇنىمىغانغا سېلىپ ئۈتۈپ كەتسەم مەندىن ھەرگىز رەنجىمە، ناۋادا سەن شۇنداق قىلساڭ مەنمۇ قىلچە رەجىمەيمەن.
ئەمدى خەيرىلىشىدىغان چاغ كىلدى. بىراق خەيىر دىگەن بۇ سۆز سەن ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزەمنىڭ ئاشۇ تېڭىرقاش ئىچىدە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمگە قارىتىلغان، چۈنكى خەيىر دىگەن بۇ سۆزنى سەن ئاللىقاچان ماڭا سوۋغا قىلغان، مىنىڭ ساڭا قايتا دىيىشىمنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق.
ئەسلىمىرىڭ ئىچىدە مەن بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىمەن خۇددى ئەسلىمىلىرىم ئىچدە سەن بولغاندەك.
سەن ئۈچۈن ھەرقانداق تىلەك تىلىمەيمەن، چۈنكى سەنمۇ ماڭا ئوخشاش ئۆز بەختىڭ ئۈچۈن ئۈزۈڭ تىلەك تىلە!
تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن باشلايمەن. ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن سىنى تۇرمۇش سىمفۇنيەمنىڭ بىر قىستۇرما مۇزىكىسى دەپ قارايمەن. سەن بولمساڭمۇ مەن يەنىلا ناھايىتى ياخشى ياشايمەن. چۇقۇم ياخشى ياشايمەن.
خەيىر! مەن ئىشىنىمەن ئەتە چۇقۇم قۇياش پارلاپ چىقىدۇ.