[تەرجىمە ئەسىرىم]مانا بۇ ئەرلەر، مانا بۇ ھەقىقى ئەرلەر دۇنياسى

تۇرمۇش ھىس قىلىشقا، ئەرلەر چۈشىنىشكە، ئاياللار كۈينىشكە، ھەقىقى مۇھەببەت بولسا پەرۋىشكە مۇھتاج. ئەگەر بىر ئايال بەخىتىنى تۇرمۇشتىن تاپماقچى بۇلدىكەن، ئۇنداقتا ئەر بىلەن ئورتاق چۈشىنىش ھاسىل قىلىشى، ئەرلەرنى چۈشىنىشى كېرەك. ھەممىز ئەرلەر بىلەن باراۋەر بۇلۇش، ئۇلار بىلەن خۇشال-خورام بىللە ئۈتۈشنىڭ ئاياللارنىڭ بەخىتلىك بۇلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى ئوبدان  بىلىمىز.

ئەرلەرگە ئەزەلدىن كۈچلۈكلەر دەپ باھا بىرىلىپ كەلگەن، ئاجىزلىق  ئۇقۇمى ئەرلەر دۇنياسىغا يات نەرسە. ئەرلەر قەلبىدىكى نازۇكلۇقنى بولسا ئاشكارلىسا بولمايدۇ. ئۆز قەلبىدىكى ئاشۇ نازۇكلۇقنى قاتمۇ-قات ساختا جاسارەت بىلەن چىڭ ئورىۋىتىش، ئۇلارنى باشقىلارغا سەزدۈرمەسلىك بولسا ئەرلەرگە بىرىلگەن ھوقوق.

ئەمەليەتتىچۇ؟ ئەمەلىيەت شۇنداقكى ئەرلەرنىڭ قەلىب دۇنياسى ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ نازۇك، بىراق جەمىيەتنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن تەبىرى ئۇلارنى ئۆز ئىرادىسىدىن نەچچە ھەسسە، ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە ئارتۇق بولغان بېسىمنى كۈتۈرمىسە بولمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان، ئەپسۇسكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئۇلارغا كۈيۈنۈپ تەسەللى بىرەلەيدۇ خالاس. بىز كۆپلىگەن سورۇنلاردا مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلايمىز : «سىز دىگەن ئەر كىشى تۇرسىڭىز…….». ئەر دىگەن بۇ سۆز مۇنداقچە ئېيىتقاندا «خاسىيەتلىك ئادەم» دىگەن بىلەن تەڭداش بۇلۇپ قالغاندەكلا.  بىراق باشقىلار ئەرلەرنىڭ «دەردى»نى قانچىلىك چۈشىنەر؟ ئەرلەر ئىھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى كىممۇ بىرەلەر؟

خىزمەتتە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بىر ئەركىشىگە نىسبەتەن ئەگەر خىزمىتى كۆرىنەرلىك بولماي ئىشتىن ھەيدەلسە، بۇ ئاشۇ ئەر ئۈچۈن ئەڭ زور ھاقارەت. بىر ئەركىشى خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالدىكەن، بۇ ئاشۇ ئەرنىڭ تۇرمۇشنىڭ تۈۋرۈكىدىن ئايرىلىپ قالغىنى بىلەن باراۋەر، شۇنداقلا بۇنىڭغا ئەگىشىپ كىلدىغىنى: تۇرمۇشنىڭ تەڭقىسلىقى، كەلگۈسىنىڭ غۇۋالىشىشى، ئۆز قەدىر-قىمىتىنىڭ گۇمىران بۇلىشى قاتارلىقلار.

ئەگەر ئەر كىشى خىزمەت جەھەتتە كىرزىسقا دۇچ كىلدىكەن، ئۇ چاغدا تۇرمۇش، ئائىلە، نىكاھ قاتارلىق تەرەپلەدىنمۇ تەڭلا كىرزىسقا دۇچ كىلىدۇ. ئايال كىشى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئائىلىدە ئائىلە ئايالى بولسا ھىچكىم ئۇنى مازاق قىلمايدۇ. ئەگەر ئەركىشى ئۇنداق بۇلۇپ قالسا، ئۇچاغدا ئۇ تۈگەشتى دىگەن گەپ. ئۇ چاغدا باشقىلار ئۇنى مازاق قىلىشتىن سىرىت ئۇنى «بۇ ئەركىشى راستىنلا يارىماس ئىكەن» دەپ ئەيىپلىشى تۇرغانلا گەپ. ئەرلەرنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى «يارىماس» دەپ ئەيىپلىشى. پەقەت خىزمەتتىلا ئاندىن ئۇ ئۆزىنى «ياراملىقلىق»ئىكەنلىكلىكىنى، ئۆز قەدىر-قىممىتىنى نامايەن قىلدۇرالايدۇ.

جەمىيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلە بولسا ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىھتىياجى، ئۇلارنىڭ ئائىلىگە تەلپۈنىشى ئەرلەرنىڭ ئائىلىگە تەلپۈنىشىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق دىيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىرخىل خاتا چۈشەنچە. ئەمەلىيەتتە ئەرلەرنىڭ ئائىلىگە بولغان تەلپۈنىشى، ئىھتىياجى ئاياللاردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق. ئەرلەرگە نىسەتەن ئېيىتقاندا، ئائىلە ئۇلارنىڭ پاناھگاھى ئەمەس بەلىكى كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزىدىغان ئارامبەخىش بېغى. ئەپسۇس بۇنى قانچىلىك ئايال چۈشىنەر، بەزىلىرى ھەتتا ئۇلارنىڭ دائىم ئۆيگە كىلىپلا ھۇرۇنلىشىپ ھىچقانداق ئىشقا قول تىقماي ھۇرۇنلىشىپ كەتكىندىن ۋايسايدۇ، ئۇلارنىڭ سەھەر چىقىپ كەچ كىرگىنىدىن، ئالدىراشلا يۈرگىنىنى كۈرۈش بىلەن ئاچچىقى كىلىپ ئۇلاردىن ئاچچىقىنى چىقىرىشقا ئالدىرىشىدۇ، « ئۆينى مىھمانخانا دەپ قالدىلىمۇ»، « ئۆي ئىشلىرنى قىلىپ بىرەيمۇ دىمىگەن» «خىيالىڭىزدا ما ئۆي بارمۇ-يوق» دىگەندە گەپلەر بىلەن ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە ئاران تۇرىدۇ.

بىراق ئاشۇ ئايال ئېرىنىڭ جەمىيەتتىكى ئاشۇ تىنىمسىز كۆرەشلەر-تىرمىشىشلار ئىچىدە ھەر مىنۇتىنىڭ ئاشۇ ئىجتىمائى ئالاقە ۋە كەسىپ تەرەققىياتى، ئەڭ ئاددىسى ئادەتتىكى خىزمەت توغرىسىدا ئويلايدىغىنىنى ئەسلا چۈشەنمەيدۇ. ئەر كىشى بىخۇدلىق قىلىشىتىن، ئۆز ئائىلىسىنى تېرەپ تۇردىغان تۈۋرۈكتىن ئايىرىلىپ قېلىشتىن ئەڭ قورقىدۇ، شۇڭا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بۇنداق كىرزىسلارغا تاقابىل تۇرىدۇ. ئۇ ئائىلىگە قايتىپ كەلگەندە بىردىنبىر ئويلايدىغىنى ئۆزىنى ئارام تاپقۇزۇش، ئاشۇ گادىرماچ ئىجتىمائى ئالاقە، خىزمەت بېسىمى دىگەنلەرنى ئاللىقاياقلارغا تۇرمۇشنىڭ قۇۋناقلىقىدىن بەھرىمەن بۇلۇش، ئۆز كەيپىياتىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت. شۇنداق بولغاچقا ئەلەر ئائىلىگە قايتىپ كەلگندىن كىيىن ھۇرۇنلىشىپ ئىش خوشياقمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ، ھەتتا گەپ قىلىشمۇ خوشياقمايدۇ، بۇنى نۇرمال ئەھۋال دىيىشكە بۇلىدۇ (چۈنكى خەلقىمىزدە بىر ھارغانغا، بىر ئاچقانغا گەپ قىلماڭ دىگەن سۆز بار). ئەپسۇسكى بەزى ئاياللار بۇنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇنى ھۇرۇنلۇقتا ئەيىپلەيدۇ، ھەتتا ئازىغىنە ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈن كوتۇلداپ توختىمايدۇ، توختىماي ئاغرىنىدۇ، ئەرنىڭ ھارغىنلىقى ئۈستىگە قىلىنغان بۇ ئىشلار ئۇنى ئارام ئېلىشتىن مەھرۇم قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىردا «دۇنيا ئۇرىشى» پارتىلايدۇدە، ئائىلە تىراگىدىيسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەرلەر ئائىلىگە ئىھتىياجلىق بۇلۇپلا قالماستىن بەلىكى ئۇلار ئاشۇ ئۈن-تىنسىز سۈكۈت ۋە چىدام ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئائىلىگە بولغان تەلپۈنىشى ۋە مۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىشىنى ئاستا-ئاستا يۇشۇرۇپ قالىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان «كۈيۈنۈش» دىگەن بۇ سۆز ئاياللار بالىلار ۋە ياشانغانلارغا قارىتىلغان سۆز دەپ قارىلىپ ئەرلەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقدەكلا ئېيتىلىپ كەلدى. شۇڭلاشقا بۇرۇن بەزىلەر «ئەرلەرمۇ كۈيۈنۈشكە مۇھتاج ، ھەتتا ئاياللارغا قارىغاندا بەكرەك مۇھتاج» دىگەندەك سۆزلەرنى ئوتتۇرغا قويغان.

ئەرلەرنىڭ ئەتىراپىدىكى  ھەرخىل ئىشلار ئۇلارنغا خىلمۇ-خىل باش تارتىش مۇمكىن بولمايدىغان تۈرلۈك مەسئۇليەتلەرنى يۈكلىگەن، بۇ مەجبۇريەتلەرنىڭ ئەرلەرگە بولغان تەلىپى ئاشقانسىرى، ئەرلەردە بۇ مەسئۇليەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چقىش بىلەن بىرگە توختىماي جان تىكىشكە مەجبۇر قىلىدۇ، ئەنە شۇنداق جان تىكىشلەر ئىچىدە ئەرلەر باشقىلارىنىڭ كۈينىشىگە، بۇلۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئۆزىگە كۈينىشىگە تۇلىمۇ ئىنتىزا بۇلىدۇ. ئەرلەر قەلبىدىكى نازۇكلۇق، ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئىھتىياج، ئەرلەر ئىھتىياجلىق بولغان بارلىق كۈيۈنۈشلەرگە ھەل قارالغاندا، ئۇلار پەقەت پەۋقۇلئاددە بولغان جەسۇرلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇلار بەزىدە چىشىنى چىڭ چىشلەپ تۇرۇپ چىدايدۇ خالاس.

 ئەرلەر ئۆزىىڭ ئاجىزلىقىى، نازۇكلىقىنى ئاشكارلاپ قويسا قەتئى بولمايدۇ، ئەگەر شۇنداقلا بۇلدىكەن باشقىلارنىڭ مەسخىرسىگە، مازاق قىلىشىغا ئۇچىرايدۇ. 

شۇڭا كەڭ خانىم-قىزلىرىمىز، ئەگەر سىز ئەققىللىق ئايال بولسىڭىز، ئۆزەڭلارنىڭ ئاشۇ ھالال جۈپتىڭلارنى، ئۆزەڭلار يۈرىكىڭلاردىن سۆيگەن ئاشۇ قەددى-قامىتى كىلىشكەن يىگىتىڭلارنىڭ خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلى سىلەرگە  كۆڭۈل بۈلەلمەي قالغىنىنى توغرا چۈشىنىڭلار، ئۇلارنى چۈشىنىكە تىرىشىڭلار، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قوللاڭلار، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار.

ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنداق جاپا چىكىپ جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىشى پەقەت ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، ھەممىسى ئائىلىسى، ئۆز ئائىلىدىكلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن. چۈنكى ئۇلار ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، بۇ «تۈۋرۈك» چۇقۇم مەزمۇت تۇرىشى، ھەرگىزمۇ قىيسىيىپ ياكى يىقىلىپ قالماسلىقى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى، ئۆز-ئۆزىنى توختىماستىن كۈچلەندۈرىشى كېرەك. بۇلار پەقەت خىزمەتتە نەتىجە قازىنىش ئارقىلقلا ۋۇجۇدقا كىلىدۇ( بۇ يەردىكى خىزمەت ھەر قايسى ساھەنى كۆرسىتىدۇ) شۇڭا ئاياللار بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلارغا كۆڭۈل بۈلۈشى، كۈيىنىشى، دەردىگە-دەرمان بۇلىشى كېرەك). چۈنكى كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسىدا ئاشۇ ئەرنى تۇختىماي قوللاپ كەلگەن بىر كۈيۈمچان ئايال بۇلىدۇ.

ئەگەر يولدىشڭىزنىڭ. يىىتىڭىزنىڭ ئەنە شۇنداق ئۇتۇق قازاغانلاردى بۇلىشىنى ئۈمىد قىلدىكەنسىز، ئۆزىڭز ئاشۇ قوللىغۇچىلاردىن بۇلۇشقا تىرىشىڭ. سىز ھىچنىمىگە پەرۋا قىلماستىن ئۇنى قوللىسىىىڭز، ئۇنىڭغا كۈيۈنسىڭىز چۇقۇم ئويلاپ باقمىغان ئاجايىپ نەتىجىگە ئىرىشىسىز.

يازما ئاپتورى:

ئىزتىل گۇرۇپپىسىنىڭ يازغۇچىسى ھەم ئىزتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى . نۇپۇزلۇق ژۇرناللاردىكى ئىلغار ئىدىيىدىكى يازمىلارنى تەمىنلەيدۇ . ئاساسىي قاتلامدا مېھنەتكەش دېھقانلىرىمىز ئۈچۈن جاپا چېكىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ......





باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif