يىل بېشى قاتتىق قار بىلەن باشلاندى ، ئونسۇ بازىرى ئاق لىباستىن تون كىيگەن ، جىمى ئەتراپ شۇنچىلىك گۈزەللىشىپ كەتكەن ، ھەقىقەت ئۇزۇن ئۆتمەي قاتتىق قارمۇ ئېرىپ تەبىئەت بارا-بارا ئۆزىنىڭ باھار پەسلىنى باشلاپ كەلگىلى تۇردى ، كۈنلەر شۇنداق داۋاملىشىپ ئاخىرى باھار پەسلىمۇ كەلدى …
مارتنىڭ 12-كۈنى كۈتۈلمىگەندە « مەركىزى تىياتىر ئۆمىكى » بىلەن « شىنجاڭ كۈي سۆيەر تىياتىر ئۆمىكى » نىڭ بىرلەشمە مۇزىكا كېچىلىكى « گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسىدىكى كېچىلىكىنىڭ ئاقسۇ بېكىتىدىكى كېچىلىكىنىڭ بېلىتى قولۇمغا تېگىپ قالدى ، بۇ قېتىمقى كونسېرتتا بۇرۇن ئاڭلىغان ھەم يېڭىدىن چىققان ئون نەچچە مۇزىكا نەق مەيداندا ئۇرۇندالدى ،داڭلىق دېرىژور نۇسىرەت ۋاجىدىن كۆپ قسىم مۇزىكىلارغا دېرىژورلۇق قىلىدى ، بەلكىم بۇنداق مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىش پۇرسىتى كېيىنكى ئۆمۈرۈمدە يەنە كېلىپ قالار .
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ناھىيىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن « تەڭرىتاغقا يۈرۈش» تېمىسىدىكى 8 كىلومېتىر مۇساپىدىكى يولدا يۈرۈش ئەتىرتىگە قاتنىشىپ قالدىم ،بىزنىڭ ئەتىرەتنىڭ نامى « تۆمۈر چوققغا يۈرۈش» ئەتىرتى بۇلۇپ بېكىتىلدى . ھازىر بۇ پائالىيەتكە قاتتىق تەييارلىق قلىۋاتىمەن .
5-ئاپرېل ناھىيىمىزنىڭ مەمىلكەتلىك سۈنئىي كۆكەرتىلگەن « كۆكيار ئىكىلوگىيىلىك 1000 مولۇق بېغى»دا ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى بۇلۇۋاتىدۇ ، ئىدارىمىزدىن بۇ ئىككى پائالىيەتكە بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىردەك قاتنىشىمىز ، كۈنلەر شۈنچىلىك ئالدىراشچىلىك ئىچىدە ئۆتىۋاتىدۇ …
يەنە بىر ئىش ئايرىلىپ قاپتۇ تېخى ، 1-ئاپرېل « خەلقىئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىدارىمىزدا چوڭ كۆلەملىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلمەكچى ، بۇ پائالىيەتكىمۇ مەجبۇرى قاتناشتىم ، ھەر قايسى مۇسابىقىلەرگە رېپىرلىق ۋەزىپىسى ئۈستۈمگە يۈكلەندى .
مانا تېخى بايا جىددى يىغىن ئچىلدى ، يىغىندا بىر نەپەر ئاز سانلىق مىللەت كادىر بىلەن بىر نەپەر خەنزۇ كادىر جېجىياڭ ئۆلىسىگە 15 كۈنلۈك ھەقسىز ساياھەتكە ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى ، بارلىق چىقىم ھۆكۈمەتتىن ، قارىمامسىز بۇ پۇرسەتمۇ ماڭا تېگىپ قالدى دېسە .
شۇنداق قىلىپ بۇ يىل مۇشۇ كۈنگە كەلگۈچە ئۆز تەسەۋۋۇرۇمدا ئاز بولمىغان خۇشاللىق ماڭا نىىسىپ بوپتۇ ، تەبىئەتنىڭ ياز پەسلى ئەمدى باشلاندى ، كېيىنكى كۈنلەردە يەنە قانداق خۇشاللىق نىسىپ بۇلاركىن.