كىشلەر تۇرمۇشنى «بىر پارچە كىتاب» دەيدىكەن ، ئۇنداقتا كىشلىك ھاياتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا « بىر پارچە كىتاب»تۇر . كىشىلىك ھاياتتىن ئىبارەت بۇ كىتابتىكى نەرسىلەرنى سىز دەرسلىكلىرىڭىزدىن تاپالمايسىز . باشقىلارنىڭ جىسمىدىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر دەرسىلىكلرىڭىزدىكى بىلىمنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ . كىتابتىن ئۆگەنمەك ئاسان بولغاچقا ، نۇرغۇن كىشلەر كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن بىلىم ئېلىشقا ناھايىتى ئاز ۋاقتىنى سەرىپ قىلىدۇ . نېمىلا بولمىسۇن خىزمەت ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىمىزدا كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى ئىنتايىن زور . شۇڭا كىشلەر « كىتاب دېگەن ئالتۇق قەسىر » دېيىشىدۇ .
لېكىن خىزمەتنىڭ بېسىمى ناھايىتى ئېغىر بولغاچقا ، ھەر كۈنى بىز كىتاب دېڭىزىدا ئۈزۈپ بېقىشقا ئىنتايىن ئاز ۋاقىت چىقىرالايمىز . ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئاشۇ چەكلىك بىلىمنى بېيىتقىلى بۇلىدۇ؟ بۇ ھەقتە ھەرقايسىڭلار بىلەن سىرداشقۇم بار .
بىرىنچى ، زېھنىمىزنى ئەھمىيەتسىز كىتابلارنى ئوقۇشقا ئىسراپ قىلمايلى. ھازىر كىتاب ناھايىتى نۇرغۇن ، مەزمۇنى كەڭرى . ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنىڭ ئىدىيىسى پاسسىپ ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ماھىيەتلىك مەزمۇنىمۇ يوق دېيەرلىك . كىتاب ئوقۇشتىن مەقسەت – بىلىم ئېلىش ، ئۆزىمىزنى بېيىتىش . ناۋادا قولىڭىزدىكى كىتاب مۇشۇ ئېھتىياجىڭىزدىن چىقالمىسا ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى چكرۈپ تاشلاپ ، ئۆزىڭىزگە پايدىلىق كىتابنى تاللاڭ .
ئىككىنچى ، بىر پارچە كىتابنى تۈگىتىپ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ . كىتاب كۆرگەندە ئادەم ھارىدۇ ، بۇ مۇقەررەر . لېكىن ناۋادا شۇنىڭلىق بىلەن كىتابنىڭ يېرىمىنى ئوقۇپ چۆرۈپ تاشلاپ باشقا ئىشقا تۇتۇنسىڭىز ، كىتابتىكى مەزمۇنلارنى قانداقمۇ تۇلۇق چۈشۈنەلەيسىز ؟ كىتاب ئوقۇشتەك تىرناقچىلىق ئىشتىمۇ يېرىم يولدا بەل قۇيىۋەتسىڭىز ، قانداقمۇ چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلالايسىز ؟
ئۈچۈنچى ، كىتابنى نىشانلىق ئوقۇڭ . شۇنداق قىلىسڭىزلا ئوقۇغان كىتابىڭىزدىن مول مەنپەئەت ئالالايسىز . كىتابنى نىشانسىز ئوقۇش ۋاقت ئۆتكۈزۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . بۇ ھەم ئادەمنى ھۇرۇنلاشتۇرىۋېتىدۇ .
يەنە شۇ نەرسە يادىڭىزدا بولسۇن ، نېرۋىڭىز چارچاپ قالغان چاغلاردا پۈتۈن زېھنىنى يىغمىسا چۈشەنگىلى بولمايدىغان كىتابلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەرگىز ئوقۇماڭ . ناۋادا نېرۋىڭىز چارچاپ قالغان چاغلاردا ئاشۇنداق كىتابلارنى ئوقۇسىڭىز ، ئۇنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى بولمايدۇ . بۇنداق كىتابلارنى چۇقۇم روھىڭىز كۆتۈرەڭگۈ ، زېھنىڭىز ئوچۇق چاغلاردا ئوقۇڭ . بۇ دىققىتىڭىزنى يىغىشقا پايدىلىق . ھازىر كىتاب- ماتېريال تاپماق ناھايىتى ئاسانلىشىپ كەتكەچكە نۇرغۇن كىشلەر كىتابنى ئانچە ئەستايدىل ئوقۇپ كەتمەيدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا سىز جەمئىيەتكە قدەم قويغاندىن كېيىنمۇ يەنە كىتابتىن ئۆگىنىشكە موھتاج بولىسىز . ئاشۇ چاغدا كىتابنى قانداق ئوقۇش ھەققىدە بىر نەچچە ئاددى تەكلىپ بېرەي :
1. جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن سىزنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى كىتاب ئوقۇشقا چىقىرىشىڭىز ھازىرقىدە ئانچە زۆرۈر بۇلۇپ كەتمەيدۇ . چۈنكى خىلمۇ – خىل ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىڭىز ئارقىلىق ئۇچۇر توپلاپ ، بىلىمىڭىزنى بېيىتسىڭىز كىتاپ ئوقۇغاندىن مەنپەئەتلىكرەك بولىدۇ.
2. كىتاب ئوقۇشنى ئىچ پۇشۇقىڭىزنى چىقىرىشىڭىزنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالماي ، ئۆزىڭىزگە مەنپەئەتسىز كىتابلىرىڭىزنىبالدۇرراق بىر تەرەپ قىلىۋېتىڭ .
3. پۈتۈن زېھنىڭىزنى بىر تېمىغا يىغىپ ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇڭ .
ناۋادا يۇقىرىقى نۇقتىلارغا ئەمەل قىلالىسىڭىز ، كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن كۈنىگە جىق ئەمەس پەقەت ئوتتۇز مىنۇتلا ۋاقىت چىقارسىڭىز شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە .