ئەلقىسسە ئالدىنقى يىلدىكى بىر قاتار ئالدىراشچىلىك كۈنلىرىم ئاخىرلىشىپ بۈگۈنگە ئۇلاشتىم ، قانداقلا بولمىسۇن بلوگ يېزىۋاتقىنىمغىمۇ ئاز كەم بىر يىل بۇلاي دەپ قاپتۇ ، بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تەجىرىبە ساقلارنى يەكۈنلىدىم ، نۇرغۇن بىلىملەرنىمۇ ئۆگەندىم . مۇشۇ ئۆگەنگەنلىرىم ئاساسىدا بۈگۈن بىر كۈن ئولتۇرۇپ بۇ ئۇسلۇبنى ئاخىرى ئۆزلەشتۈرۈپ پۈتتۈردۈم ، ئەمما نۇرغۇن جايلىرىدا خاتالىقلار بۇلىشى ئېنىق ، چۈنكى مەنمۇ يېڭىدىن ئۆگەنگۈچى ، ئەگەر قىزىققۇچىلار بولسا مۇناسىۋەتلىك يازما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرسا ، تەمىنلىنىدۇ . بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئىقتىدارلىرى خېلى تۇللۇق ئىكەن ، بەش خىل رەڭلىك شەكىلى بار ئىكەن ، ئەمما مەن پەقەت سۈكۈتتىكى ئۇسلۇبىنىلا ئۆزلەشتۈردۈم ، باشقا رەڭدىكىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئېھتىياجىڭلارغا ئاساسەن ئۆزگەرتىۋالساڭلاربولىدۇ . خەتلىك ۋە رەسىملىك لوگو چىقارغىلى بۇلىدۇ . يازما ئۈستى ، ئاستىغا خالىغانچە ئېلان قىستۇرالايسىز ، ئاكتىپ كېسەكچىلەر رەسىمى قىستۇرمىسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان .
ئۇسلۇبقا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر تۆۋەندىكىچە :
يازما مۇناسىۋەتلىك ئۇسلۇبنىڭ ئەسلى تىلدىكى چۈشۈندۈرلىشىى بۇ ئادىرىستا :
http://www.weisay.com/blog/wordpress-theme-weisay-simple.html
، خۇلاسە : ئەگەر يۇقارقى ئۇسلۇبقا قىززىقسىڭىز مۇناسىۋەتلىك يازما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ . ئالدىنقى بەش نەپەر ئىنكاس قالدۇرغۇچىغىلا تەمىنلىنىدۇ .
بلوگ ئادىرسىمىز :