ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەر بۇرۇن ئىشخانامغا كىرىپ ئولتۇرۇپ مۇنۇ يازمىنى يازايمۇ يازمايمۇ دەپ ئويلۇنۇپ ئولتۇرۇپ ، ئاخىرى قەتئىي يېزىش قارارىغا كەلدىم ، ئەسلى ئىش مۇنداق :
تۈنۈگۈن ئىدارىمىزدە جىددى يىغىن ئېچىلىپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش توغرىسدا كەڭ تۈردە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى . يىغىندا بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ ( ئەتىگەنلىك گىمناستكىدىن كېيىن ، ھازىر بىز مەكتەپلەردىكىدەكلا ئەتىگەنلىك گىمناسىتكا ئوينايمىز .) تۆۋەنگە چۈشۈپ ئاممىغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى باشلاش ئوتتۇرغا قۇيۇلدى . بۈگۈن ئەتىگەن ئىشقا كېلىپلا كومپىيۇتېرىمنى ئېچىپ قۇيۇپ بىلوگىمنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرۋەتكەندىن كېيىن ئىشخانىدىكىلەر بىلەن بىرگە تۆۋەنگە چۈشۈپ ، تەۋەلىكتىكى ئاممىنىڭ بوللىرىنىڭ يامغۇر سۇلىرى سەۋەبىدىن ۋەياكى ئاللىقانداقتۇر باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇزۇلۇپ كەتكەن جايلىرىنى ئوڭشىماقچى ، بۇ قېتىمقى ھەركەتكە ئاممىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرمەكچى بولدۇق ، دېگەندەك ، تەۋەلىكتىكى ئاممىمۇ بۇ قېتىمقى ھەركىتىمىزگە بىردەك ئاۋاز قوشتى ، نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ماڭىدىغان يول ئەمەسمۇ ؟ ! بۇيەردىكى يوللار شەھەر ئىچىدىكى ئاساسلىق قاتناش يوللىدىن باشقىلىرى ئاسفالىتلاشمىغان . شۇ سەۋەبدىن ئاممىنىڭ يول مېڭى قولايسىز بۇلۇپ كەلگەن ئىدى . مانا بۈگۈن بىز ئاخىرى يول ياساشتىن ئىبارەت ساۋابلىق ، ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلدۇق ، ئاممىمۇ خۇشال بۇلۇشتى ، بىزمۇ قىلغان ئىشىمىزدىن رازى بۇلۇشۇپ قالدۇق . ئەممە مېنى ئويغا سېلىپ قويغان بىر ئىش شۇ بولدىكى مۇشۇ جەرياندا ياشانغان ئاياللار ، ئۈندىمەستىن قوللىرىدىكى گۈرجەك ، كەتمەنلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقان بولسا ، بىر قىسىم ياش ، پۇت-قوللىرىنىڭ جېنى بار ئەركەكلىرىمىز يول ساقىسىدا تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ ئولتۇرىشىدۇ … بۇ مەنزىرنى كۆرۈپ ئىچىم بىر خىل ئاچچىق بۇلۇپ قالدى ، بىزدىكى ئەركەكلىك بارا – بارا يوقاپ كېتىۋاتقاندەك ، ئەركەكلىرىمىزنىڭ جىسمىنى بىر خىل سېھرى كۈچ زەئىپلەشتۈرۋاتقاندەكلا بىلىنىپ كەتتى …
بولدىلا باشقا مەنزىرلەرنى تەسۋىرلىمەيلا قۇياي . ئىچىم تېخى ئاچچىق بۇلۇپ كەتكۈدەك ……