مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ھەركۈنى كەنىتكە چۈشۈپ دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىش ئەھۋالىنى ئىگەللەش سەۋەبىلىك بىر نەرسە تەرجىمە قىلدىغانغا ۋاقىت چىقىرالمىدىم. شۇنداقتىمۇ گەرچە قاملاشمىغان بولسىمۇ ئىلگىرى يازغان لىرىكىلىرىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. بۇ يەردىكى مەقسەت ئورتاق بەھىرلىنىش، ئۆگىنىش ۋە تۈزىتىش.
سېغىنىش
تاپالمىدىم شۇنچە ئىزدەپمۇ،
ئىزلىرىڭنى،
ھىدلىرىڭنى
سايىلىرىڭنى.
جۇدالىق ۋە ھىجىران
ئەزدى باغرىمىنى دىلنى
ئۆتتى كۈنلىرىم تەنھا ،
ئىنتىزالىق،
كۈتۈش،
تەگسىز سېغىنىش ئىچىدە،
كۈرەلمەي،
سۈيەلمەي،
ۋەسلىڭ يىتەلمەي.
سوغۇق تۈنلەردە
دەتلىرىمنى تۆكتۈم
ئايغا يۇلتۇزغا
دالىدىكى يېشىل ياپراققا،
كۆكتە ئۇچقان قۇشلارغا
يېزىپ قويدۇم ھەمدە ئىسمىڭنى
پەيلىرىگە قاناتلىرىغا
مارجان قىلىپ ئېسىپ قويدۇم
سۈبھىدىكى شەبنەم ياپراققا.
ئۆتتى شۇنچە يىللار
تاپالمىدىم يەنىلا سىنى
ئىزلىرىڭنى
ھىدلىرىڭنى، سايىلىرىڭنى
تۇلۇنئايمۇ جاۋاپسىز ئىدى
يۇلتۇزلارمۇ چەتكە ئالدى ئۆزىنى.
قۇشلارمۇ،
شۇ كەتكەنچە كەلمىدى قايتىپ،
شەبنەملەرمۇ قۇرىدى كەتتى،
ھەم شۇنداق تەندىمۇ ماغدۇر،
ئەمما شۇ دىلدا يانغان پىراق
شۇ سېغىنىش ئاشۇ ئىشتىياق
يا ئۆچمىدى يا كۆچمىدى
چىرماپ ئالاتتى يەنىلا مىنى
ئىنتىزالىق،
كۈتۈش،
كۈتۈش بىلەن سېغىنىش.