بىر ئادەمنى ئەڭ زور ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۇسۇلى __ ئۇنى مەدھىيلەش ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىش ، سەمىمىي مەدھىيلەشتىن ئۈنۈم ھاسىل بۇلىدۇ ، تەنىقىد ۋە مەسخىرە ئىشنى بۇزىدۇ.
ئالەمدە ھەر قانداق ئەدەمگە ھەر قانداق ئىشنى قىلدۇرغىلى بۇلىدىغان بىرلا ئۇسۇل بار . ئازراق توختاپ بۇ ئۇسۇلنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرسىڭىز قانداق؟ توغرا ، بىرلا ئۇسۇل بار ، ئۇ بولسىمۇ كىشلەرنى چىن كۆڭلىدىن خالاپ ئىشلەش ئىمكەنىيىتىگە ئىگە قىلىش .ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، بۇنىڭدىن ئۆزگە ھېچقانداق ئۇسۇل يوق . دەرۋەقە ، بىراۋغا تاپانچا تەڭلەپ تۇرسىڭىز ، سائىتىنى سىزگە بېرىۋېتىشى مۇمكىن . بىر خىزمەتچىگە ئىشتىن بوشىتىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سالسىڭىز ، ئۇ سىز بىلەن ھەمكارلىششى مۇمكىن __ سىز ئارقىغا بۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ، بىر كىچىك بالىنى قامچىلاش ياكى قورقۇتۇش ئارقىلىق ، قىلدۇرۇىمەن دېگەن ئىشىڭىزنى قىلدۇرۇشىڭىز مۇمكىن . ئەمما بۇ قوپال ئۇسۇللاردىن ئىنتايىن يامان ئىنكاس پەيدا بۇلىدۇ.
مەن ئېيىتقان ھەر قانداق بىر ئادەمگە ھەر قانداق ئىشنى قىلدۇرغىلى بولىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل – شۇ ئادەمنى خالاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان ئۇسۇلدۇر .
ئادەملەر نېمىنى خالايدۇ ؟ خالايدىغان نەرسىسى ئانچە كۆپ ئەمەس ، ئادەملەر ئۆزى ئۈمىد قىلىدىغان بىر نەچچە خىللا نەرسىنى خالايدۇ – كىشلەر ئۈزلۈكسىز تەشنا بۇلۇۋەرسە ئۇ نەرسىلەردىن بەھىرىمان بۇلالايدۇ. نورمال ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بۇ نەرسىلەردىن بۇلۇشنى ئويلايدۇ:
1. ساغلام بەدەن ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش .
2.ئۇزۇقلۇق .
3.ئۇيقۇ.
4.پۇل ۋە سېتىۋالغىلى بولىدىغان نەرسىلەر .
5.بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتلىق .
6.بالا-چاقىلىرىنىڭ بەختى .
7.مۇھىم ئەربابلاردىن بۇلۇش تۇيغۇسى .
يۇقىرىقى ئارزۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەمەلگە ئاشىدۇ — پەقەت بىرسىدىن باشقىسى. بىراق يەنە بىر خىل تەشنالىق بار ، ئۇنىڭغا بولغان تەشنالىق ئۇزۇقلۇق ياكى ئۇيقۇغا بولغان تەشنالىققا ئوخشاشلا قاتتىق ، جىددى بۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ فرېئۇد ئېيتقان « ئۇلۇغ ئادەم بۇلۇش ئىستىكى »ۋە دۇۋېي ئېيتقان « مۇھىم ئەربابلاردىن بۇلۇش ئىستىكى » دۇر .
بىر كىشىنى كۆڭلىگە ئازار بېرىش يولى بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ ، يەنە كېلىپ بۇنداق قىلىش ھاجەتسىز . ئەڭ ئەقەللىي قائىدە شۇكى ،« كىشلەرنى سەمىمىي ماختاش ۋە قەدىرلەش كېرەك ».
مانا يۇقارقىلار سىزنىڭ باشقىلار بىلەن قانداق قىلغاندا ئەپ ئۆتۈش – ئۆتەلمەسلىك مەسلىڭىزنى ھەل قىلىدىغان ئەڭ ئاساسلىق قائىدىلەرنىڭ بىر قىسىمى . بەلكىم سىز بۇنىڭدىن ئېسىل ئۇسۇل ۋە قائىدىلەرنى ئىجاد قىلغان بۇلۇشىڭىز مۇمكىن ، ئۇنداق بولسا بۇ يەرگە تۆكمەمسىز ، بىرلىكتە پايدىلىنايلى .