سىز بۈگۈن دوپپا كەيدىڭىزمۇ؟

    دوستۇم بۈگۈننىڭ قانداق كۈنلىكىنى بىلەمسىز؟ ھەقاچان بىلمەيسىزغۇ دەيمەن. ئۇنداقتا سىزگە مەن دەپ بىرەي.

بۈگۈن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ  دوپپا مەدەنيەت بايرىمىمىز.

    بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆزىمىزنىڭ كۆركەم ۋە چىرايلىق بولغان ئەنئەنىۋى كىيىم-كىچەكلىرمىز بىلەن تارختىن بۇيان باشقا ئەل خەلىقلىرىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاپ كەلگەنمىز. بىزنىڭ ئەتلەس كۆڭلەكلىرىمىز قايسى بىر  فىرانسىينىڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىملىرىدىن كەم. گەپ ئۆزىمىزنىڭ ئۇنى بايقىشىمىز ۋە قەدىرلىشىمىزدە.

     بىزىڭ كىيىم-كىچەك مەدەنيىتىمىزدىكى ئەڭ گەۋدىلىك بولغان ۋەكىل خاراكتىرلىك كىيىم-كىچەك بولسا، گۈزەل خانىمز-قىزلىرمىزنىڭ ئەتلەس كۆڭلىكى، چىمەن دوپپىسى، مەردانە يىگتلىرىمزىنىڭ بەلگىسى بولسا دەل ئۇنىڭ باشقا كەيگەن بادام دوپپىسىدۇ. خەلقىمىز ئەزەلدىن دوپپىنى ئەتىۋارلاپ كەلگەن. ھېيىت-بايراملاردا، توي-تۆكۈن،نەزىر-چىراقلاردا بولسا دوپپا كىيىش ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا تۇرۇپ كەلگەن.

     بىر مەزگىل بىزنىڭ دوپپا مەدەنيىتىمىز زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ئىدى. ئۇ چاغلاردا دوپپا كىيىش قارىلىق تۇتۇشتىن دېرەك بىردىغان سىزىشەتتۇق، مۇنداقچە ئېيىتقاندا دوپپا ئۈلۈمنىڭ بەلگىسى بۇلۇپ قالغاندى. بىزنىڭ فولىكلور ئالىملىرمىز (بۇيەردە ئۇلارغا كۆپ ۋە كۆپ تەشەككۈر ئېيىتىمەن) بۇ مەسلىنى ۋاقتىدا بايقاپ كىيىم-كىچەك مەدنيىتىمىزدىكى بۇ خىل چىكنىشكە خاتىمە بەردى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى، قان-تەرى بەدىلگە بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار مەدەنيتىمىزىنى ساقلاپ قالدى.

    دىمىسىمۇ كىيىم-كىچەك بىر مىللەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسىدۇر، باشقىلار بىزنىڭ كىيىم-كىچىكىمىزگە قاراپلا قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرىدۇ. ئاندىن تىلغا قاراپ پەرىق ئىتىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىم-كىچەككە دىققەت قىلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى دىمىسەممۇ بىزنىڭ زىھنى ئۆتكۈز ياشلىرىمىز ھىس قىلالايدۇ.  

     بىزنىڭ ياشلىرمىزدا روژسىتۇۋا بايرىمى، ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ۋە ئاللىقانداق بىز ئاڭلاپ باقمىغان چەتلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئوينايدىغان، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز بولغان نەۋرۇز بايرىمى بىلمەيدىغانلار خېلى بار. شۇڭا  بىز بىلگەنلەر تېخى بىلىپ بۇلالمىغانلارغا ئۈلگە بۇلايلى! بۇ بايراملىرمىزنى داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزەيلى.

     بۈگۈنكى بايرامغا ئۇنچىۋالا ھەشەم تارتىش بىھاجەت، پەقەت قىزلىرمىزنى چاچلىرىنى چىرايلىق ئۆرۈپ چىمەن دوپپىسىنى كىيىۋالسا، يىگىتلىرمىز ئاشۇ قۇندۇز چاچلىرىغا، كىلىشكەن قامىتىگە ياراشتۇرۇپ دوپپا كىيىۋالسىلا كۇپايە. 

     ئاخىردا ھەممىڭلارنىڭ دوپپا مەدەنيەت بايرىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

يازما ئاپتورى:

ئىزتىل گۇرۇپپىسىنىڭ يازغۇچىسى ھەم ئىزتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى . نۇپۇزلۇق ژۇرناللاردىكى ئىلغار ئىدىيىدىكى يازمىلارنى تەمىنلەيدۇ . ئاساسىي قاتلامدا مېھنەتكەش دېھقانلىرىمىز ئۈچۈن جاپا چېكىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ......





10 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئەپسۇس ، مەن ساياھەت بايرىمىغا قاتنىشىمەن دەپ كىيەلمىدىم دېسە ، بىزگە بىر تۇتاش شەپكە تارقتىپ بەردى ، مەن شەپكە كىيدىم :cry:

  • مەن بۈگۈن دوپپا كەيمىدىم، سەۋەبى ئۆتكەن يىلى مۇشۇ كۈندە دوپپا كىيىپ بىر قوساق ئاچچىق يۇتۇۋالغان. بۇ بايرام قاچانىكى قانۇنلۇق بولغۇچە دوپپا كەيمەيمەن(مۇشۇ كۈندە). قانۇنلۇق بولغان كۈنى، يەنە مۇشۇ كۈندە دوپپا كىيىپ، ماڭا قوساق كۆپۈكى يۈكلىگەنلەر ئالدىدىن مەغرۇر ئۆتىمەن

  • ئۇزۇن كىيمىگەن دوپپامنى خەقلەرنىڭ كۆزىنى چاقنىتىپ تازا كىيىۋالدىمغۇ :grin:

  • جەسۇر جاۋاب

    قۇساق كۈپۈكى تارىتتىم دەپ بايرام قىلمايدىغان ئىش نەدە بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بايرامىنى قانۇنسىز دەپ سىزگە كىم ئېيىتتى. ئەجەبا يولداشلىرىمىزنىڭ قۇشىلىشىنى كۈتۈپ ئۆزىمىزنىڭ بايرىمىمىزنىمۇ ئوينىمايمىزما! ماۋۇ گەپلىرىڭىز سەل ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈپ قويدى جۇمۇ!

    • مەن ھازىر ئوقۇشتا، يەنە كېلىپ 20 كۈنلەردە ئوقۇشمۇ پۈتىدۇ، ئۆزەمگە ئىش تاپقۇم يوق، سىز بىلمەيسز ، نورۇز بايرىمى بولغاندا، نورۇز ئېشى ئېتىپ مەكتەپتىكى باللارنى نورۇز پائالىيىتىگە تەشكىللىمەكچى بولغان«ئۇنسۇر» مېنىڭ يېقىن دوستۇمنىڭ بىر يىللىق نەتىجىسى بىكار قىلىنىپ بىر سىنىپ چۈشۈرۈلدى. شۇڭا قالدى-قاتتى گەپنى باشقا كەلگەن ئادەم بىلمىسە ،سىزنىڭ ئاچچىقلىغىنىڭىز بىكار…

      • ئىزتىل جاۋاب

        قورساق كۆپۈكىنى راسا تارتقان ئوخشايسىز قارىغاندا ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېشىڭىزدىن ئالماي كېيىۋالارسىز .

    • ئىزتىل جاۋاب

      ئاداش ، ئىشنىڭ ئالدى – كەينىنى بىلمەي تۇرۇپلا ئاچچىقلاش ياخشى ئىش ئەمەس ، بىراق سېنىڭ دېگەنلىرىڭنىڭمۇ ئاساسى باردە.

  • مەن كەيدىم .ئادەتتىمۇ دائىم دوپپا كىيىپ يۇرمەن.

  • ئىزتىل ئەپەندىم .مەن بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىڭىز . موڭداشقۇم:363739667

    • ئىزتىل جاۋاب

      بۇلىدۇ ، مەن سىز بىلەن ئالاقىلىشمەن . مۇڭداشقۇغا كېتىۋالدىم ، تورغا چىققان ھامان ماڭا خەت يازسىڭىز ،مەن جاۋاپ قايتۇرۇىمەن ، ئادەتتە ، كۈندۈزلىرى نورمال خىزمەت ۋاقتىدا كۆپۈنچە كومپىيۇتېر ئالدىدا بولىمەن .

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif