تۇرسۇن تاماكىنى توغرا تۇتۇپ ، تۈۋرۈككە تىرەلگىنىچە تۇراتتى . تۈۋرۈككە « تاماكا تىنىڭىزگە تۈگىمەس تالاپەتلەرنى تاپىدۇ . تۇرمۇشىڭىزنىڭ تۇراقلىق . تىنىڭىزنىڭ تالاپەتسىز ، تۇرقىڭىزنىڭ تولۇندەك تۇرىشىدىن تەمە تۇتسىڭىز ، تاماكىنى تاشلاڭ » دىن تۈزۈلگەن تېزىس تۇراتتى. تۇرسۇن تېزىسقا تۈكۈرۈپ تىتىۋەتتى .
تۇرسۇنغا تاماكا تاماقتىنمۇ تاتىلىق تاتلىق تۇيۇلاتتى . تۇرسۇننىڭ تامامى تەئەللۇقاتى تۈتۈننىڭ تۈسىنى تارتاتتى . تۇرسۇننىڭ تەلەتى تۈتۈندەك تاتىرىپ ، تېنى تارتىشىپ ، تاماكىنىڭ تالاپىتى تالاپ تويغۇزدى . تېۋىپلارمۇ تۇرسۇننىڭ تېنىدىكى تالاپەتنى تارقىتالمىدى . تۇرسۇننىڭ تېنى تارتىشىپ ، تىنىقى تۇسۇلۇپ ، تالاپىتىنى تۇنۇغاندا تىنىقتىن توختىدى .
« قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى.