يەيدىغان نەرسىلەر ئىچىدە سۈئىي ياساپ چىقىرلغان ساختا نەرسىلەردىن يەنە نېمىلەر باردۇر؟ ئالدىنقى يىللاردا بارمىقىمىز بىلەن شۇنداق ساناپ باقساق ، تۇخۇملا بار ئىكەندۇق. شۇ چاغدا ، ئادەمنىڭ تۇخۇم تۇغۇشى مۇمكىن ئەمەس،لېكىن ياساپ چىقىرىشى مۇمكىن ، يەنە بىر نەچچە يىلغا قالمايلا سۈنئىي تۇخۇمغا ئېغىز تېگىپ قالارمىز، دپ ئويلاپ قالغاندىم.
بەللى ، مانا،دەرۋەقە پەزەر قىلغىنىمىزدەك ، ئادەممۇ « تۇخۇم تۇغىدىغان » بوپتۇ.
خېبىي ئۆلكىسىنىڭ خەندەن شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئادەم يېقىندا بىر غالتەكچىدىن تۇخۇم سېتىۋېلىپ ، ئۆيگە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن قارىسا ، تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن سېرىقى پۈتۈنلەي ئارلاش ئىكەن. قازاندا قورۇغاندىن كېيىن تۇخۇم پۇرىقى چىقماپتۇ، قاينىتىپ پىشۇرۇپ كۆرسە،ناھايىتى قاتتىق قېتىپ كېتىپتۇ.
ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈپ ، تەجىربە قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن مەلۇم بوپتۇكى، ئۇ تۇخۇمنىڭ شاكىلى كالتىسىي كاربوناتتىن ياسالغان ئىكەن ؛ ئېقى بىلەن سېرىقى بولسا كىراخمال،دېۋىرقاي، ھايۋانات يىلىمى دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن خىمىيىۋى تەركىبلەر بىرلەشتۈرلۈپ ياسالغانكەن .
ھە،قانداق؟ ساختىپەزلەرنىڭ « ئەقىل – پاراسىتى » گە « بارىكاللا » دېمەي تۇرالامسىز؟ ساختىپەز ئادەملا بولدىكەن ، ھەر قانداق ساختا ، ناچار نەرسىلەرنى ياساپ چىقىرىۋېرىدۇ!
«بارىكاللا»دىن بۆلەك، مۇنداق بىر نەچچە مەسلە خيالىمغا كەچتى : ساختا تۇخۇم ياسىغان ئادەم ھەقىچان بىر نەچچىنى ياساش بىلەن بولدى قىلمايدۇ، ساختا تۇخۇم ساتىدىغان غالتەكچىمۇ پەقەت بىر بولماسلىقى مۇمكىن .شەھەردە ئولتۇرۇشلۇق ئادەملەر غالتەكچىلەردىن ساختا تۇخۇم سېتىۋالىدىكەنۇ ، ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك چارلىغۇچى خادىملارنىڭ كۆزىگە چېلىقمىغانلىقى قانداق گەپ ؟ ساختا تۇخۇم ياساشقا كالىتسىي كاربونات كېتىدىكەن ، خىمىيىۋى بىرىكمىلەر كېتىدىكەن، دېمەك ساختىلاشتۇرىدىغان تېخنىكا ۋە ھۇنەر جابدۇقلىرى لازىم بولىدىكەن، بۇنداق ئىش ئۇششاق تەنزىكەش – غالتەكچىلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ ، شۇنداق ئىكەن ، ساختا تۇخۇم ياسايدىغان غايىب ئۇۋا قەيەردە ؟ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەر شۇنداق ساختا تۇخۇملارنى بىلگەندىن كېيىن ئىز-دېرىكىنى قىلىپ ئەستايدىل تەكشۈردىمۇ ؟ پاش قىلىشقا ئادەم ئۈندىدىمۇ ؟ ياكى ساختا بازارنى ئىلكىگە ئالغاندا ھەممىسىنى بىراقلا تورغا چۈشۈرمەكچىمۇ ؟ سۇنئىي ، ساختا تۇخۇم قانداقسىگە پەيدا بۇلۇپ قالدى ۋە قانداقسىگە بازاردا سېتىلىدۇ؟ ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالدىغان مۇشۇنداق « ساختا تۇخۇم ھادىسسى » گە كىم جاۋابكار بۇلىشى كېرەك؟
لېكىن ، شۇنى ئاساسەن بىلىمىزكى،ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىدىغان تارماقلىرى ساختا ، ناچار تاۋارلارنى پەيدا قىلىشقا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىدىغانلا بولسا ، ساختىپەزلەر ساختىلىق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ؛ ساختىپەزلىك قىلىدىغان خۇمسىلارنى ئۇچىراتقاندا ئۇجۇر – بۇجۇرىنى سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈردىغان بولسا ، ساختىپەزلەر نەگىمۇ قاچالىسۇن ؟! ساختىپەزلەر قانچىلىك مەلۇم بولسا ، شۈنچىلىكى قانۇن بويىچە قازالىنىدىغان بولسا ، قارانىيەت خۇمسىلارنىڭ بازىرىمۇ تۈگەيدۇ؛ مۇبادا ساختا تۇخۇمنى پەرق ئېتىش مەسئۇلىيىتى ئىستىمالچىلارغا ، قانۇننى ئىجىرا قىلىدىغانلار ئۆزلىكىدىن يەڭ تۈرۈپ ئوتتۇرغا چىقمىسا ، ساختا تۇخۇم ئايىقى ئۈزۈلمەي ياساپ چىقرىۋېرىلىشى مۇمكىن ؛ ساختا تۇخۇم مەسلىسدە بوشاڭلىق قىلىنۋەرسە ، كىم بىلسۇن ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ساختا تۇخۇمدىنمۇ ئۆتە خەۋىپلىك بىر نەرسە پەيدا بولماي قالارمۇ ؟!
« ھارامخور تاش سانىغۇچە ، ھالال ئادەم قۇم سانايدۇ» . ساختا تۇخۇم ، سېسىق تۇخۇم، ھارام تۇخۇم دېگەندەك ساختا ، ناچار ، نەرسىلەر ئادەمدىن،ئادەملەرنىڭ كۆزىدىن قورقماي قالمايدۇ، ماھىيەتتە ، «قانۇن»دىن چۆچۈيدۇ. قانۇن-نىزام ساختىلىقىنى ئەدەپلەيدىغان «پالاق»تۇر. ساختىپەزلەر ھەرقانچە ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن ھارامزادىلىك قىلسىمۇ ، قانۇننى ئىجىرا قىلغۇچىلار «پالاق»نى ھەقىقىي يۇسۇندا قولغا ئالىدىغان ، ئاممىنى كۆز-قۇلاق بۇلۇشقا ئۈندەيدىغان بولسىلا ، ھەرقانداق ساختىپەزلەر ، ساختا نەرسىلەر قاچىدىغان يەر تاپالماي،ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەيدۇ.
ئەپسۇسكى ، شۇنىڭغىچە يەنە تېخى خېلى ۋاقىت باردەك قىلىدۇ .