خۇشامەتچىلەر بۇ دۇنيادا« تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇش» دېگەن ھېكىمەتنى دائىم ئۇنتۇپ قالدۇ ، لاپ ئۇرۇش ، ئۇچۇرۇشنى شۇنچە ئاسان روياپقا چىقىرىدۇ . قەدىمىدىن ھازىرغىچە بولغان خۇشامەتچلىك تارىخىغا نەزەر سالساق ، خۇشامەتچىلەرنىڭ بوۋىلىرى ھەقىقەتەن جاپاكەش . ئۇلار ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئۆتكەللەرنى بېسىپ ئۆتكەن .تەڭرىقۇت ھەزىرەتلىرى كېلىشتۈرۈپ ماختىمىسا ، بېشىغا بالا تاپقان . بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋىرىدە بۇنداق ئىشلار كۆپ بولمىسىمۇ ، خۇشامەتچىلىكنىڭ ھۈنەرلىرى ، رەڭگى تۈرلۈك بۇلۇپ كەتتى . بەزىدە خۇشامەتچىلىك روياپقا چىققاندا ، مەنساپدار بۇلۇش مەقسىتىنى ئەستىن چىقىرىپ قويىدىغان ئەخمەقلەرمۇ يوق ئەمەس . ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمۈچىگە چوغ تارتىدىغانلار ئازايسا ، خۇشامەتچىلەرمۇ ئازىيىدۇ . كۆزىنى ئالا چەكمەن قىلىۋېتىدىغان خۇشامەتچىلەر، شۇنىڭغا ھېرىس مەنساپدارلارنىڭ قىلمىشلىرىغا بەرھەم بېرىلسە ، يامغۇردىن كېيىنكى تۇمان تارقىلىپ ،ھاۋا تازا ھەم ساپ بولىدىغانلىقى ھەقىقەتتۇر !
« فېليەتۇنلاردىن تاللانما » دىن ئېلىندى .