ئىزتىل بلوگى – ئىزتىل ئېنگىلىزتىلى YY كۇلۇبى سىناق تەرىققىسىدە ئېچىۋېتىلدى . ئاساسلىق مەقسىتىمىز ، دىيارىمىزدىكى ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ بىر يەرگە جەم بۇلۇپ ئۆز ئارا ئۆگىنىش ، تەڭ ئىلگىرلەش ،تىل ئۆگىنىش جەھەتلەردىكى تەجىرىبە ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى بىلەن ئورتاقلىشىش ، بىلمىگەنلەرگە ئۆگىتىش ، بىلمىگەننى ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىش ، تىل ئاساسىنى مۇستەھكەملەش .
ھازىرغىچە ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا نۇرغۇن كۇلۇبلار قۇرۇلدى ، مەسلەن ئۇيۇلتاش ، كۈيچى ، نۇرقۇت … دېگەندەك ، بۇ كۇلۇبلار گەرچە ئېنگىلىزتىلى دەرسىخانىسنى ئايرىم سەھىپە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ بىراق ، مەخسۇس ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىش كۇلۇبى تېخىغىچە قۇرۇلغىنى يوق ، بىز مۇشۇ نۇقتىنى چىقش قىلىپ تۇرۇپ « ئىزتىل ئېنگىلىزتىلى YY كۇلۇبى» نى قۇرۇپ چىقتۇق .
ئەگەر سىز ئېنگىلىزتىلىنى ئۆگىنىشكە ھەقىقىي ئىشتىياق باغلىغان تىلخۇمار دوستىمىز بولسىڭىز دەرھال سېپىمىزگە قېتىلىڭ . بىز بۇيەردە سىزگە ئۆز قابىلىيىتىڭىزنى نامايەن قىلىدغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش بىلەن بىرگە ، سىز ئۈچۈن ياخشى بولغان ئۆگىنىش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىمىز .
كۇلۇبىمىزنىڭ YY نۇمۇرى : 41040525 ،
مەزكۇر دېتالنى تۆۋەندىكى ئادىرستىن چۈشۈرۈڭ .
ئەگەر بۇرۇنلا نۇمۇر ئىلتىماس قىلىپ بولغان بولسىڭىز بۇيەرنى چېكىپ كۇلۇبىمىزغا بۇيەردىن بىۋاستە كىرىڭ