- ۋاھ ، بۇ ئۇيۇنچۇقۇڭ نېمانداق پەيزى . ئەكىلە ، مەنمۇ ئويناپ باقاي .
- ياق ، بۇنى دادام ماڭا تۇغۇلغان كۈنۈمدە سوۋغا قىلغان ، سەنمۇ داداڭغا دە ، ئېلىپ بەرسۇن . جۈرۈڭلار بالىلار ، بىز دادىسى يوقلارنى ئۇيۇنغا قوشمايمىز . مېنىڭ دادام يوق ، ئاپام ماڭا « داداڭ كىچىكىڭدىلا ئۆلۈپ كەتكەن » دېگەن . ئەجىبا دادام بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇلار بىلەن ئويناشقا ئۇناسىپ كەلمەسمەنمۇ ؟ مەن راستىنلا …
مانا بۇ ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن ، ئاتا – ئانىسى ئاجىرشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئاپىسىنىڭ يېېنىدا تۇرىۋاتقان سەبىي بالىنىڭ خيالى .
** *** *** **
- ئاپا ، مەن كەچتە ئەنۋەر بىلەن تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان بولدۇم .
- بىللە تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغانغا ئادەم چىقىمىغاندەك نەدىكى بەدىنىنى ئاق بېسىپ كەتكەنلەر بىلەن ئۆگىنىش قىلماقچىمۇ سەن ، ئۆزۈڭگە كېسەل يۇقتۇراي دەمسەن ؟ مەكتەپتىن قايتىپ ، ئۇدۇل ئۆيگە يېنىپ كەل .
ئانا شۇنداق دېدى – دە بالىسنىڭ قولىدىن يېتلىگىنىچە بالىسىنى ئەنۋەرنىڭ يېنىدىن ئېلىپ كەتتى . مەن راستىنلا يۇقۇملۇق كېسەل بۇلۇپ قالغاندىمەنمۇ ؟ مەن مۇشۇ كېسىلىم سەۋەبلىك ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە ئۆگىنىش قىلسام بولمامدۇ ؟ مەن راستىنلا …
مانا بۇ ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىق سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىشىگە ئۆسمۈرنىڭ خىيالى .
** *** *** **
- قاراڭلار ، قاراڭلار ، نېمىدىگەن سېمىز قىز بۇ .
- ئىشتىھاسى بەك ياخشىمى نېمە ؟
- تۇغما شۇنداقمۇ يا ؟ ئۇنچىۋالامۇ سەمىرىپ كەتكەن بارمۇ ؟
قىز ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە قاراپ بىر نېمىلەرنى دەپ پىچىرلىشىېۋاتقانلىقىدىنلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىپ ، خىجىللىقتىن بېشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ ئامالسىز قالدى .
سەمىرىپ كېتىش گۇناھمىدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ھەممە ئادەم مېنىلا زاڭلىق قىلىدۇ ؟ شۇنىڭغا قارىغاندا مەن سېمىزلىكىم تۈپەيلى باشقىلار بىلەن نورمال ئالاقىدە بۇلۇش سالاھىيىتىگىمۇ ئىگە بولالمايدىغان ئوخشايمەن .
بۇ بولسا ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن ، بەش ئەزايى ساق ، نورمال يېتىلگەن ، ئەمما تەڭتۈشلىرىغا قارىغاندا سەل سەمرىپ كەتكەن قىزىنىڭ ئويلىغانلىرى .
** *** *** **
ئەلۋەتتە ، ئىنسان دۇنيادا كەمچىلىكتىن خالىي بولالىغان ئەمەس . خۇددى يۇقىرىدا مىسالغا ئېلىپ ئۆتكەندەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان نۇرغۇنلىغان تۇرمۇش كارتىنىلىرى كۈندە دېگۈدەك كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ .
ئەمەلىيەتتە ، ئاتا – ئاننىڭ ئاجىرشىپ كېتىشى ، بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قېلىش ، زىيادە سېمىزلىك قاتارلىقلار پۈتۈنلەي توغرا چۈشىنىشكە ، قۇبۇل قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋال بولسىمۇ ، ئەمما بىر قىسىم كىشلەردىكى خاتا كۆز قاراش ، كەمسىتىش ئىدىيەسىنىڭ كۈچلۈك بۇلۇشى سەۋەبلىك ، ئەسلىدە باشقىلارغا ئوخشاشلا تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش ، ھاياتتىن بەھىرلىنش ، خۇشال – خۇرام ياشاش ھوقوقىغا تامامەن ئىگە بولغان كىشلەر ، بۇلۇپمۇ ياش – ئۆسمۈرلەر بىھۇدە كەمسىتىلىشكە ، چەتكە قېقىلىشقا ئۇچىراپ ، ئۆزىنى ھەقىقەتەن جەمئىيەتتىكى كېرەكسىز ، ئارتۇقچە ئادەم قاتارىغا چىقىرىپ قويماقتا . مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇلاردا ئۆزىنى باشقىلاردىن ئېلىپ قېچىش ، ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ ۋە ئۇنى توغرا ھەل قىلالماي ، بارا- بارا باشقا ھەر خىل پىسخىك كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا .