مانا خىزمەت ئۆز يولىدا كېتىۋاتاتتى ، كۈتۈلمىگەندە ئالدىنقى كۈنى كەچتە ( يەكشەنبە) دەم ئېلىش كۈنى تېلفۇنۇم ئەنسىز سايراپ كەتتى .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەدەب بىلەن تېلفۇننى ئالدىم .
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئىزتىل ، بۈگۈن كەچتە يەنە ئىشلەيدىكەنمىز ، ئەتە ئەتىگەن ۋىلايەتتىن بىزنىڭ ئىدارىنىڭ دىنى ئىشلىرى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش ئۈچۈن كېلىدىكەن ، دەرھال ئىشخانىغا كېلىڭ .
ئەرۋايىم 40 گەز ئۆرلىدى . دەم ئېلىش كۈنىدىمۇ ئىشلىگەن ، دۆلەتتىن بەلگىلەپ بېرىلگەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ خاتىرجەم ئالامىساق .
شۇنداق قىلىپ بىر كېچە ئىشلىدۇق .
مانا بۈگۈن ئەتىگەن تەكشۈرگىچىلەر كېلىدۇ ، ئاممىدىن پىكىر ئالدۇ دەپ تەۋەلىكتىن 20 دىن ئوشۇق دىنى زاتلارنى ، ئاممىنى يىغىپ كەلگەن ، بىر سائەت ساقلاڭ ، ئىككى سائەت ساقلاڭ ، بىر كېچە دەم ئالماي قىلغان تەييارلىق ، بىر كۈن ئاۋارە قىلىپ ئەكەلگەن ئامما ئاخىرى تەكشۈرگۈچىلەرنى ساقلاپ يېرىم كۈننى ئۆتكۈزدۇق .
ئىشخانىدىكى تېلفۇن يەنە سايرىدى .
- ۋەي ، تېلفۇننى شۇنداقلا ئالدىم .
- ئىزتىلمۇ ؟
- ھەئە مەن .
- ھە ، سىلەرگە تەكشۈرۈشكە بارمايدىغان بولدۇق . كەلگەنلەرنى قايتۇرۋېتىڭلار .
مانا كۆردۈڭلارمۇ ؟ تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپ ، ئاشۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنى زاتلارنى يىغىپ ئاخىرى نېمە بولدى . بىر ئېغىز قۇرۇڭ گەپ « تەكشۈرۈشكە بارمايدىغان بولدۇق.»
مانا بۇ بىزنىڭ رېئال تۇرمۇشتىكى يالغانچىلىق . ياسالمىلىق . مەنمۇ مۇشۇ ئېقىمغا دەسسەپ كەتتىم . يەنە نەگە نېمە دەپ داد ئەيلەش كېرەك ؟ بىزدىكى ئىجتىمائىي ئۈنۈم مۇشۇنداق ئىلگىرى سۈرۈلەمدۇ ؟