پىكاپ مۇھىت بۇلغايدۇ ، تەخەي بۇلغۇمايدۇ .پىكاپنىڭ كېرەكسىز گاز چىقىرىشىغا ئۆلچەم بار ، لېكىن تەخەي مۇنچىلىك تەرەت قىلىشى كېرەك ، دەيدىغان تۈزۈم يوق .
تەخەيدىن بىرنى سېتىۋالسىڭىز ئۇنىڭ باھاسى ئۆسۈپ ماڭىدۇ ،لېكىن پىكاپنىڭ ئۆسمەيدۇ .
تەخەي تاغ – داۋانلاردىن ئاشالايدۇ ، لېكىن پىكاپ پەلەمپەيدىنمۇ چىقالمايدۇ .
تەخەي چوڭ بولسا تەخەيلەپ كۆپۈيەلەيدۇ ، لېكىن ھەر قانچە ئېسىل پىكاپمۇ « يەڭگىيەلمەيدۇ ».
تەخەي بىخەتەر ، چۈنكى ھازىرغىچە « تەخەي ئادەم سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇپتۇ » دەپ ئاڭلىمىغانسىز ؟!
پىكاپ ھەيدەش ئۈچۈن پىراۋا ئېلىش كېرەك ، ئەمما تەخەيگە پىراۋا كەتمەيدۇ .