جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ئىنسانلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئېشىپ ، روھىي دۇنياسى بارغانسىېرى مەنىسىزلىشىپ بارماقتا . بىز بەزىدە بىراۋلارنىڭ يەنە بىرلىرىنى « پۇلىدىن باشقا ھېچنەرسىسى يوقكەن » دېيىشىۋاتقانلىقنى ئاڭلايمىز . بۇ ئەمەلىيەتتە گېپى بۇلۇنىۋاتقان كىشلەردىكى روھىي مەنىسىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ . مەنىسىزلىك ئۇ بىر خىل پاسسىپ كەيپىيات بۇلۇپ ، ھاياتقا نىسپەتەن ئىنتىلىشچانلىق تۇيغۇسى قالماي ، روھىي دۇنياسى يېتىم قالغان ئەھۋاللاردا ئىپادىلىنىدۇ . بۇنداق كىشلەر كۈندە دېگۈدەك غەم ئەندىشە ئىچىدە ياشايدۇ.
روھىي مەنىسزلىك « قىممەت قارىشى يېتەرسىزلىك كېسىلى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ شەخسكە ، ئائىلىگە ، ھەتتا جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ . تۇرمۇشى مەنىسىز ، ئەھمىيەتسىز ئۆتىدىغان ئادەم ھامان چېچىلاڭغۇلۇق، زىرىكىش ئىچىدە ياشايدۇ . بۇ خىل ئادەملەر پاسسىپ ھالدا ئەتراپقا نەزەر سالىدۇ ، سىرىتتىن ياردەم تەمە قىلىدۇ ، ئۆزلىرىنىڭ ئازاپ ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ .
بىمەنىلىك تۇيغۇسىدىن ئىلاجىسىزلىق تۇيغۇسى تۇغۇلىدۇ . بۇ خىل كىشلەر ھەمىشە ئۆزلىرىنى بىچارە، تايانچىسىز قالغاندەك ھېس قىلىپ ، ئىچى تىتىلداپلا يۈرۈيدۇ ھەمدە باشقىلارغا دەردىنى تۆككۈسى ، ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغۇسى كېلىدۇ . لېكىن ئۇيان ئىزدەپ، بۇيان ئىزدەپ دەردىنى تۆككۈدەك مۇۋاپىق بىرىنى تاپالمايدۇ – دە ، ناھايىتى ئازاپلىنىدۇ .
كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بۇنداق مەنىسىزلىك تۇيغۇسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ .
1.غايە بۇلۇش
مەنىسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبى غايە ، ئېتىقاد ۋە ئىنتىلىشنىڭ يوقالغانلىقىدىن بۇلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىيجاناپ غايە ، ئېنىق بولغان تۇرمۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇش مەنىسىزلىك تۇيغۇسىنى تۈگىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىسى . سىز بىرەر نىشانغا قاراپ ئىلگىرلىگىنىڭىزدە ، مەنىسىزلىك تۇيغۇسىمۇ سىزدىن ئاستا- ئاستا يىراقلىشىدۇ .
2.تۇرمۇش قىزغىنلىقىنى يىتىلدۈرۈش
تۇرمۇش گۈزەل بۇلىدۇ . گەپ سىزنىڭ تۇرمۇشقا قانداق پوزىتسىيە تۇتىشىڭىزدا . ئەگەر ئوخشاش بىر مۇھىتتا ئوخشاش نەرسىلەرگە ئاكتىپ روھىي ھالەتتە تۇرۇپ قارىسىڭىز ، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ سېھرىي كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايسىز . مەنىسىزلىكىنى تۈگىتىپ تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز ، ئەستايدىللىق بىلەن ئانچە – مۇنچە ماھارەت ئۆگىنىپ، باشقىلار ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ ، ئۆز مۇۋەپپەقىيىتىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىڭ ، باشقىلارنىڭ رەھمىتىدىن خۇشال بۇلۇڭ. ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىڭ ، ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلۇش ئارقىلىق تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىڭىزنى يېتىلدۈرۈپ ، تۇرمۇشتىكى بوشلۇقنى تولدۇرسىڭىز ، زېرىكىش ۋە مەنىسىزلىك تۇيغۇلىرىغا ئورۇن قالمايدۇ .
3.ئاكتىپ ھالدا پىسخىك ساپانى ئۆستۈرۈش
بەزى چاغلاردا كىشلەر ئوخشاش بىر مۇھىتتا ياشىسىمۇ ، ئەمما پىسخىك ساپاسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئازراقلا ئوڭۇشسىزلققا ئۇچرىسا دېمى ئىچىگە چۈشۈپ ، مەنىسىزلىك پاتقىقىغا پاتىدۇ . باشقا بىر تۈركۈم كىشلەر قىيىنچىلىقتىن باش تارتمايدۇ ، ھەر ۋاقىت ئۆز كەيپىياتىنى تەڭشەپ ، خۇشال – خۇراملىق ئىچىدە ياشايدۇ . دېمەك ، مەقسەتلىك ھالدا ئۆز پىسخكىسىنى تەڭشەپ تۇرغاندىلا ، مەنىسىزلىكىنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىپ ، ئۇنىڭ ئىچكىرلەپ تاجۋۇز قىلىشدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ .
4.ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش
روھسىزلانماي،مەيۈسلەنمەي ، ئۆز – ئۆزىنى تەڭشەپ تۇرغاندا ، روھىي مەنىسىزلىكنى يەڭگەندىلا ، روھىي جەھەتتىن ئۇتۇق قازانغىلى بۇلىدۇ .
5.ئەستايدىل بۇلۇش
مەنىسىزلىك تۇيغۇسىدىن قۇتۇلاي دېسىڭىز ، « راستچىل بۇلۇش ، ساختىپەزلىك قىلماسلىق » تىن ئىبارەت تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنى تۇرغۇزىشىڭىز لازىم .
قېنى دوستۇم ، ئەگەر سىز راستىنلا روھىي مەنىسىزلىككە دۇچار بولغان بولسىڭىز يۇقارقى ئۇسۇللانى سىناپ كۆرۈڭ ، چۇقۇم پايدىسى تېگىدۇ .