مۇشۇ پرېستاننىڭ ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىش ۋە پرېستاننىڭ دەرسلىكلىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ، شۇنداق بىر ئويغا كەپ قالدىم ، ئويلاپ باقسام بلوگ تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قسىمىغا ئايلانغاندىن كېيىن بلوگ يېزىش جەريانىدا ئەڭ ئاددى ساۋاتتىكى قىنچىلىقلارغا ئۇچۇرسام ئۇيغۇربەگ ، پرېستان …. قاتارلىق ئاتامانلارنى ئاۋارە قىلىپ كەپتىمەن ، ئۆزۈم بىر قوللۇق تۇتۇپ ئىزدىنىپ باقماپتىمەن ، مۇنداقلا ئىزدىنىپ باقسام ھەل قىلىپ كېتەلىگۈدەك مەسلىلەردىمۇ ئىزدىنىپ باقماپتىمەن ، « ئېلىپ » ئۆگىنىپ « -بە» نى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، شۇنداق دەپ يۇرۇپ ئاخىرى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، بۇرۇن ئۇچۇرغان قىيىنچىلىقلىرىمنى ، باشقىلارنى ئاۋارە قىلىپ كەتكەن ۋاقتلىرىمنى بىر قۇر خۇلاسىلەپ ئۆتتۈم ، مەندە مۇستەققىللىق، ئۆگىنىش روھى بەكلا كەمچىلكەن ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئاخىرى HTML ۋە CSS ئۆگىنىش ئويىغا كېلىپ قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆگىنىش باسقۇچىدا ھىس قىلغان جەريانلىرىمدىن خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىشتىن لايىق تاپتىم ، مۇشۇ ئۆگىنىش جەريانىدا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە يەنىلا موھتاج بۇلىشىم رېئاللىقتىن تامامەن يىراق ئەمەس ، دوستلارنىڭ ياردەمدە بۇلۇشىنى بىلگەنلىرىنى تەڭ ئۆگىنىپ مېڭىشىنى ، قىممەتلىك تەلەپ – پىكىرلەرنى قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، « ئۆگىنىشنىڭ كېچىكىشى يوق » دەيدىغان بىر گەپ بار ، بەلكىم مەن ھېلىھەم كېچىكمىگەندىمەن .