بلوگگىر __ تەتقىقاتچىغا ئايلىنىڭ ( 1-قىسىم)

تور بەت ياكى باشقا بلوگلاردا نۇرغۇن ئۇچۇر بۇلىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجىرىبىلەرمۇ بار ، ساۋاقلارمۇ بار ، يېڭى تەتقىقات مەزمۇنلىرىمۇ بار ، يېڭى تەسەۋۋۇر ،پەرەز ۋە يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ، شۇنداقلا يېڭى قاراشلار بار . بۇلار بىزنىڭ ئىلھام ئېلىشىمىزغا پايدىلىق بۇلۇپ ، بىز بۇلارنىڭ ئىچىدىن تەتقىقات تېمىلىرىنى ، نادىر يازمىلار ئۈچۈن پايدىلىق يازمىلارنى بايقىيالايمىز ۋە ئوتتۇرغا قۇيالايمىز . بلوگگىرلار بلوگ ئىسلاھاتىغا ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقىلارنىڭ تەسىراتىدىن ئەقىل تېپىشقا ماھىر بۇلىشى ، باشقىلارنىڭ نەتىجىلىرىدىن نەپكە ئېرىشىشىتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تەرتىپنى ئويلىشىپ بېقىشقا بۇلىدۇ :
1. تېما تاللاش تەرتىپى
تېما تاللاشتا تېما مۇددىئاسىنى شەكىللەندۈرۈشتىن تەتقىقات يۆنىلىشىنى تاللاشنى ئۆتۈش ، خىرە مەسلىلەردىن قەدەممۇ – قەدەم ئېنىق مەزكەزلەشتۈرۈشكە ئۆتۈش ، دەسلەپكى يۈزەكى تەسەۋۋۇردىن ئېنىق چۈشەنچىگە ، تەپەككۇر ، تەتقىقات پىكىر يولىغا ئۆتۈش ئارقىلىق تەتقىقات ، تېما يېزىش ئۇسۇلىنى بېكىتىش قاتالىق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ . بۇ جەرياننى تۆۋەندىكى تەرتىپلەرگە يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ:
1. تەتقىقات ، تەپەككۇر يۆنىلىشىنى بېكىتىش
بلوگ يېزىقچىلىقىغا ئەمدىلا قەدەم باسقاندا دائىم بلوگ نەزەرىيىسىگە ئائىت بلوگ ۋە تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىش ھەمدە باشقىلارنىڭ بلوگ ھەققىدىكى نادىر تېمىلار توپلىمىنى كۆرۈش ئارقىلىق ئىلھاملىنىپ ، مېڭىمىزدە تەسەۋۋۇر پەيدا بۇلىدۇ ياكى ئوقۇتۇش ئەمەلىيتى جەريانىدا بلوگ ھادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ تېما مۇددىئاسىغا ئىگە بۇلىمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن ، دەسلىپىدىلا بىر نەچچە خىل تېما يۆنىلىشگە تەڭلە قىزىقىپ بىر نۇقتىدا توختىيالمايمىز . بۇ تېما تاللاشنىڭ پىرىنسىپى ۋە ئىستىراتىگىيىسىگە ئاساسەن بىر نەچچە خىل تېما يۆنىلىشدە ئۆزىمىزگە ئەڭ مۇۋاپىق بولغان تېما يۆنىلىشىنى تاللاپ ، زېھنىمىزنى ئۇنىڭغا قارىتىمىز . ئادەتتە بىلوگ يازغاندا مېنىڭچە تېما يۆنىلىشنى تاللاشتا تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىنى ئويلىشىش كېرەك .
1) سىزدە ئۆزىڭىز تاللىغان تېمىغا ئائىت ئۇچۇر ۋە تېما ئاساسىڭىز تۇلۇقمۇ ، بارمۇ ؟
2) باشقا تېما يۆنىلىشىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ مۇھىت ۋە شارائىت ئەۋزەللىكى بارمۇ ؟
تېما يۆنىلىشىنى بېكىتىلگەن ھامان پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ مەسلىلەرنى ، كاشلىلارنى تۈگىتىپ ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ تېمىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق تەييارلىقىغا كىرىشش كېرەك.
2. تېما مەسلىلىرىنى كونكىرىتلاشتۇرۇش
يۆنىلىش بېكىتىلگەندىن كېيىن ، مەزكۇر يۆنىلىشتىكى تېما مەسلىلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە ۋە تاللاش ئېلىپ بېرىلىپ ، بۇ يۆنىلىشتە نۇرغۇن مەسلىلەرنى رەتلەشكە ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ شۇ تېما ئۈستىدىكى پىكىرنى ئويلىشىشىقا يەنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەزكۇر تېما ئۈستىدىكى پىسخىكىسىنى ئويلىششقا ، پىسخىك جەھەتتىكى مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا تېمىنى رەتلەپ يېزىش جەھەتتىكى مەسلىلەرنىمۇ توغرا ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ، دېمەك، يۇقىرىقى مەسلىلەرنى رەتلەپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مەسلىنى تاللاپ تېما راۋرۇس يېزىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك .
3. تېما ئارقا كۆرۈنىشىنى تەھلىل قىلىش
دەسلەپكى قەدەمدە تېما تاللىغاندىن كېيىن ، تېما ئارقا كۆرۈنىشىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مەزكۇر تېمىنى تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار – يوقىلىقنى مۇقۇملاشتۇرۇش كېرەك . بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەسلىلەرگە جاۋاپ تېپىش كېرەك :
1) مەزكۇر تېمىنىڭ قانداق نەزەرىيىۋى ۋە ئەمىلىي قىممتى بار ؟ مەزكۇر تېما قايسى خىل ھادىسە ۋە ئەمەلىيەت مەسلىسنى ھەل قىلىدۇ ؟
2) باشقا بلوگلار ( بلوگگىرلار) ئوخشاش تۈردىكى مەسلە ياكى مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەر ئۈستىدە تەھلىل ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ ، قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ؟
3) مەزكۇر تېمىنىڭ باشقىلار يېزىۋاتقان ياكى يېزىپ بولغان ئوخشاش تېمىدىكى نىشان ، ئوبيېكىت ، ئۇسۇل قاتارلىقلاردىن قانداق پەرقى بار ؟
4) مەزكۇر تېمىنى ئۆرنەك قىلىشقا بۇلامدۇ – يوق ؟
4.تېما نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش
تېما نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن تېما تەتقىقاتىنىڭ نىشانى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتلەرنىڭ نىشانىنى پەرىقلەندۈرۈش كېرەك ، ئۇنىڭدىن باشقا تەتىقىق قىلىدىغان تېمىلارنىڭ نىشانىنى كونكىرىتلاشتۇرۇش كېرەك .
5. تېما تەتقىقات ئۇسۇلىنى تاللاش
تېما تاللاش جەريانىدا تېمىنىڭ كونكىرىت تەتقىقات نىشانى ، مەزمۇنى ۋە ئوبيېكىتىنىڭ خاراكتېر – ئالاھىدىلكىگە ئاساسەن تەتقىقات ئۇسۇلى تاللىنىدۇ . تەتقىقات ئۇسۇلى ، تەتقىقات قىممىتى ۋە ئۈنۈمى ئەڭ زور چەكتە بەلگىلىنىدۇ .
مېنىڭ بلوگ يېزىش ۋە بلوگلارنى ئارلاش ، داڭلىق بلوگگىرلار بىلەن سۆھپەتتە بۇلۇش جەرياندا ھىس قىلىپ يەتكەنلىرىم ، بەلكىم مېنىڭ كۆزىتىشلىرىم يۈزەكى بۇلۇپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن ، يەنە تەھلىل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن باسقۇچ ۋە تەرەپلەر بار ، بەلكىم بۇيازمامنىڭ يېڭىدىن بلوگ ساھەسىگە قەدەم قۇيۇۋاتقانلارغا بەلگىلىك تۈردە ياردىمى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن .

يازما ئاپتورى:

مەن ئىزتىل- تور دۇنياسىدا ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتىنى كۆزۈتۈش جەريانىدا بايقىغان ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىكا ئاجىزلىقلار، جەمئىيەتشۇناسلىق،ئۆگىنىش تەسىراتلىرىم قاتارلىق تەرەپلەردىكى كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمدىن بىر ئىزناسىنى قالدۇرۇپ مېڭىۋاتىمەن ! ! قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ مەن يەنە مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى





باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif