بلوگ يېزىش ھاياتىمدىكى نېمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىشتىن تۇغۇلغان ئويلار

    ھەر بىر بلوگگىر ،بلوگ ئاپتۇرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بارلىق ئىزدىنىشلىرى نېمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىش ، شۇنىڭدەك بۇ ئىككى تەرەپنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرۈش سىنىقى دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ . شۇڭا بىز بىلوگشۇناسلىقنىڭ ئۈچ مۇھىم تەركىبى قىسىمى – كۆزىتىش ، بلوگچىلىق تېخنىكىسى ۋە بلوگ يېزىش ماھارەتلىرى تەرەپلىرىنى نېمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىشنى ئەمەلدە كۆرسىتش ، تەتقىق قىلىش، ، مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەش ، ئۆرنەك قىلىش ، شۇنداقلا ئوموملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىش تارىخى دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز دەپ قارايمەن ( شۇنداق قارىساق خاتالاشقان بولمايمىز) . بلوگ ئىجادىيىتى ئەمەلىيتى ۋە نەتىجىلىرى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، بارلىق بلوگگىرلارنى ، بلوگ ئاپتۇرلىرىنى نېمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىش بۇ ئىككى تەرەپتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە نەتىجىلىرىگە ئاساسەن مۇنداق تۆت خىلغا ئايرىشقا بۇلىدۇ .( بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم)؛  بىرىنچى : نېمىنى يېزىشنى بىلىدىغان ، لېكىن قانداق يېزىشنى بىلمەيدىغانلار؛ ئىككىنچى : قانداق يېزىشنى بىلىدىغان ، نېمىنى يېزىشنى بىلمەيدىغانلار ؛ ئۈچۈنچى : نېمىنى يېزىشنىمۇ ، قانداق يېزىشنىمۇ بىلمەيدىغانلار؛ تۆتىنچى ؛ نېمىنى يېزىشنىمۇ ، قانداق يېزىشنىمۇ بىلىدىغانلار؛

  بىرىنچى خىلىدىكىلەر : ئۇلارنىڭ بلوگ يېزىش ، ئىجادىيەت ئىشلىرىغا بولغان مۇھەببىتى كۈچلۈك بۇلۇپ ، ئۇلار بلوگ يېزىشتىن ئىبارەت ئىخلاسمەنلىرى كۆپ ، جاپاسى تولا ، نەتىجە قازىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان بۇ تەۋەككۈل دەرياسىغا قېيىق سالغان . بەزىلەرنىڭ نەزەرىيىۋى بىلىمى بول،ئۇلار توغرا بولغان دۇنيا قاراش ، تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى ، بلوگ قارىشى تۇرغۇزغان . بلوگ ساھەسىنى توغرا كۆزىتىپ ، رەڭگارەڭ تور دۇنياسى رېئاللىقىدىن تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھادىسىلەرنى سۈزۈپ چىقالايدۇ . نېمىنى يېزىش ، نېمىنى يازسا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغانلىقىنى ، ئالقىشلىندىغانلىقىنى بىلىدۇ ، ئەپسۇسكى ، ئۇلاردا تەبئىي تالانت ۋە ئەدەبىي دىت كەمچىل بولغانلىقى سەۋەبلىك ، تاللىغان ئەھمىيەتلىك تېمىسىنى ئۆزىگە خاس بەدئىي شەكىللەر ئارقىلىق تېتىملىك ئىپادىلەپ بېرىشكە قۇربى يەتمەيدۇ ( قانداق يېزىش مەسلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلالمايدۇ). دەرۋەقە « چۈجە خورازمۇ بىلگىنىچە چىللايدۇ» دېگەندەك ئۇلارمۇ جاپالىق قەلەم تەۋرىتىدۇ . يازمىلىرىنى ئېلان قىلىدۇ . بەدئىي جەلىپ قىلىش كۈچى كەمچىل بولغاچقا ، خۇددى تۇزسىز تائام ياكى نائۇستا تىككۈچىنىڭ قولىدىن چىققان قوپال كىيىمدەك ، ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلالماي ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىگە ئېلىنمايدۇ .

  ئىككىنچى خىلىدىكلەر : ئۇلار داڭلىق بلوگگىر ۋە داڭلىق بلوگ ئاپتۇرى بۇلۇپ يېتىشىپ چىقىشنىڭ مۇھىم خېمىرتۇرچى ـــ ئالاھىدە تالانت ، ئىقتىدارغا ئىگە ئۇلار تور دۇنياسىنى بۇلۇپمۇ بلوگ دۇنياسىنى ھېكايە ــ چۆچەك ۋە داستانلاردەك غايىۋى يۇسۇندا تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئادەتلەنگەن . تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى  ۋە ھېسىياتى بەكرەك تەرەققىي قىلغان . ئۇزاققا سۇزۇلغان ئوقۇش ، كۆزىتىش ، ئاڭلاش ئەمەلىيتى تالانت يىلتىزىدا بەرق ئۇرۇپ ، ئىجادىيەتنىڭ خىلمۇ خىل ماھارەتلرىنى  ئۆز باغرىدا يىتىلدۈرگەن ، قانداق يېزىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ، لېكىن نېمىنى يېزىشقا ئىزچىل سەل قارىغان . بلوگ يېزىش ئىجادىيىتىدە ئىقتىدار ھەممىنى ھەل قىلىدۇ دەپ قاراپ ، ماھارەتنى بلوگ تۇرمۇشىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇۋالغان . بىرلەمچى ئوبىيكىت ـ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشى ، قۇبۇل قىلىشىغا سەل قاراپ ، مەنبەدىن ئايرىلىپ قالغان . بۇيەردە نېمىنى يېزىش مەسلىسى مەۋجۇت بۇلۇپ ، بلوگگىرلاردا مول تۇرمۇش جۇغلانمىسى ، كۆزىتىش ۋە ئىلغار بولغان دۇنيا قاراش ، ۋە قىمەت قارىشىنىڭ تەرۈتكىسىدە تاللانغان يېڭى ، ئەھمىيەتلىك تېمىلار بولمىسا ، خۇددى ھەر قانداق ئۇستا ئاشپەزمۇ گۈرۈچ ، ماي ، گۆش  قاتارلىق خۇرۇچلار بولمىسا ، ئوخشۇتۇپ پولو ئېتەلمىگەندەك ، ئۇلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرى « تەنتەنىلىك يالغان گەپ » « يالتىراق سۆز ئويۇنى » دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ خالاس .

   ئۈچۈنچى خىلىدىكىلەر ؛ بۇلار بىرىنچى ، ئىككىنچى خىلىدىكى بلوگگىرلاردا بار بولغان ئىجادىيەت ئالامەتلىرىدىن ھېچقايسسى تېپىلمايدۇ . ئالدى بىلەن ئۇلاردا بەدئىي تالانت يوق . نەزەرىيىۋى بىلىم ۋە تۇرمۇش ، كۆزىتىش ئىقتىدارى بىلىمى جەھەتتىن تەربىيلىنىشى يېتەرسىز ، ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى شۇنداق بولغاچقا ، ئامالسىزلىقتىن بلوگ يېزىش جەريانىدىكى ئاچچىق – چۈچۈكنى تېتىغانۇ ، ئۇنىڭدىن ھېچنىمىنى يەكۈنلىمىگەن ، ئەڭ مۇھىمى ئۇلاردا ئۆز ئوقۇرمەنلىرىگە بولغان ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ، مايىللىقىنى قوزغاش ، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش قارىشى يېتىلمىگەن . بلوگ يېزىش مەقسىتى مۇجىمەل ، قىممەت قارىشى ، بلوگ قارىشى بولسا مەنپەئەتپەرەسلىك ، شۆھرەتپەرەسلىكىنىڭ كۆرۈنمەس يىپلىرىدا چىڭ بۇغقۇچلانغان . ئۇلارنىڭ بلوگ يېزىش ئىجادىيىتى بىلەن شوغۇللىنىشتىكى مەقسىتى قانداقتۇر ئېسىل يازمىلىرى ئارقىلىق تور دۇنياسدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ  ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش بولماستىن ، بلوگ ئەۋزەللىكى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ زىيارەت ئېقىمى ۋە زىيارەت مىقتارىنى يەمچۈك قىلىپ تۇرۇپ تور دۇنياسى جۈملىدىن بلوگ دۇنياسىدا « يېڭى يازما ئېلان قىپتۇ ، ئىقتىدارلىق بلوگگىركەن ، داڭلىق بلوگ … » دېگەن باھاسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۈزلۈكسىز يۇقىرىغا يامىشش، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مېڭىسىنى قايمۇقتۇرۇش……

   بىزدە بۇنداقلار بەك ئاز سالماقنى ئىگەللەيدۇ . گەرچە ئۇلار بلوگ ئىجادىيىتى سېپىگە ئاچ قورساق شەھەر ئايلىنىپ يۈرگىنىدە ئويلىمىغان يەردىن بېشىغا ھۇما قۇشى قۇنۇپ شاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ قالغان تەلەيلىك تازدەك ئېزىپ – تېزىپ كىرىپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن ھوسۇل خېلىلا كۆپ. دەرۋەقە ئۇلاردىن بەزىلىرى تېگىشلىك ئۇرۇنغا ئېرىشىپ ، ئارمانى ھاسىل بولغاندىن كېيىن بۇ سەپتىن تەبئىي ھالدا چېكىندى . بەزىلىرنىڭ تەلىيى تەتۈر كېلىپ كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىگەندىن كېيىن « ئېسەككە يەتمىسە ئۇر توقۇمنى » دېگەندەك دەردىنى بىلوگگىرلاردىن چىقىرىش يولىنى تۇتۇپ « قويۇلار بلوگگىر ، ئاپتۇر ، بلوگ دېگەنلەرنى ، ئۇلارنىڭ بىر نېمىسى كەم ، شۇڭا ئۇ توپقا قېتىلماي قۇلۇمنى يۇيىۋەتتىم … » دېگەندەك پىتنە – پاساتلىرى بىلەن ئادەم سېتىپ ، پىسخىكىلىق تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشمەكتە ، بەزىلىرى بولسا ھېلىھەم ھەركەتتە …

   تۆتىنچى خىلىدىكىلەر : بۇلار ھەقىقىي بلوگگىرلار ، بلوگ ئاپتۇرلىرىدۇر. ئۇلار ئالدى بىلەن تەبئىي تالانتقا ئىگە . خېلى زامانلاردىن باشلاپ تەبىئەتنى ، ئادەملەرنى ، تۇرمۇشنى ، ئوقۇرمەنلەرنى ، بلوگنى قىزغىن سۆيۈپ ، تۇرمۇشتىن يېتەرلىك  ئۇرۇن ئالغان ، پىلانلىق ، مەقسەتلىك ھالدا كىتاپ ئوقۇپ ، خاتىرە قالدۇرۇپ ، بلوگ دۇنياسىنى كۆزىتىپ ، ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە نەزەرىيىۋى بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتكەن . تالانتىنى ئاسىراپ ، قەدىرلەپ ، ساغلام تەربىيلىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن . بلوگ يېزىش جەريانىدىكى ئاچچىق – چۈچۈكلەرنى يەتكۈچە تېتىپ پىشقان ،ۋۇجۇدىدا بلوگ يېزىشقا قارىتا ئىگىلمەس – سۇنماس ئىرادە، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋالىق روھىنى يېتىلدۈرگەن . ئەڭ مۇھىمى ، روھنى كىبىر – تەمەننا ، قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ نىجاسەتلىرىدىن يىراق تۇتۇپ ، ئەقىدىسىگە سادىق بۇلۇپ ، ئوقۇرمەنلەرنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قۇيۇپ ، ئۇلارنىڭ ھېسىياتىنى ، قىزغىنلىقىنى بىر تۈرلۈك ۋىجداننى بۇرچى ھېسابلاپ ، ئوقۇرمەنلەرگە مەسئۇل بۇلۇش مەقسىتىدە تۇرۇپ ، سوغوققانلىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلىپ تۆرىدىن ئۇرۇن ئالغان . ئۇلارنىڭ بلوگ يېزىشتىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى : ئۇلار بلوگ يېزىشنى ئابرويغا ئېرىشىشنىڭ ۋاستىسى ئەمەس بەلكى ئۆزى قىلالايدىغان ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان بىر خىل مۇقەددەس ئىش دەپ قاراپ ، ئۇنىڭغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدى ، ساختىلىق ئىشلەتمىدى . بارلىقىنى بېغىشلىدى ، بلوگ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتتى .

   يۇقىرىقى تەھلىلەردىن شۇنى خۇلاسىلەشكە بولىدۇكى : بلوگ ئىجادىيىتىدە نېمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىش ئۇقۇم جەھەتتىن ئايرىم جەريانلاردەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە مۇستەھكەم بىر گەۋدە بۇلۇپ ، بلوگ يېزىش ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغشلىغان ھەر بىر ئادەمگە نىسپەتەن ئېيتقاندا ، ئۆزىنىڭ ئورنىنى ، سالمىقىنى ، قىيىنلىق دەرىجىسىنى ، مەسئۇلىيەت ۋە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى توغرا مۆلچەرلەپ ، بۇجەھەتتىن يېتەرلىك ئىدىيىۋى تەييارلىق ۋە ئىچكى ئېنىرگىيە بۇلۇش ئىنتايىن مۇھىم . ئارماننى بۇلىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يىتەرلىك دەرمان بۇلىشى كېرەك . نۇقۇل ھالدىكى قىزغىنلققا تايىنپلا بلوگ يېزىشتەك كۇرس ئېچىش چە شاگىرتلىققا بېرىش يولى ئارقىلىق سۇنئىي ئۇسۇلدا تەربىيلەپ يىتىشتۈرگىلى بولمايدىغان ئالاھىدە كەسىپنى ئاسانلىقچە بىر باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ .

   خاتىمە : يۇقارقىلار مەن بلوگ سېپىگە قادەم باسقان بىر يېرىم يىلدىن بۇيان ئۆزۈم تېتىغان ئاچچىق –چۈچۈكلەر ۋە باشتىن ئۆتكۈزگەن تەجىرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ، شۇنداقلا ئىزچىل تۈردىكى ھەرقايسى بلوگگىرلارنىڭ بلوگلىرىنى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا تىلدىكى بلوگلارنى ئىزچىل كۆزىتىش جەريانىدا يەكۈنلەپ چىققان خۇلاسە. بەلكىم بۇ ھازىرقى ئۇيغۇر بلوگچىلىق ئەمەلىيتىدىن بىر ئاز چەتنەپ كەتكەنمۇ بۇلۇشى مۇمكىن ، بىراق يەنە شۇنداق بۇلۇشىغا ئىشەنچىم كامىلكى « ئىزتىل بلوگى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن بلوگلارنىڭ ئاپتۇرلىرى يۇقارقى بىر قانچە خىل تىپتىن مۇستەسنا ئەمەس دەپ قارايمەن . يازما جەريانىدا خاتا كەتكەن جايلار بولسا ئاتامانلارنىڭ كۆرسەتمە ۋە قىممەتلىك پىكىر – تەلەپلەرنى قالدۇرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلمەن .

                                                                              -       ئىزتىل

                                                                          2012-يىلى 16-مارت

يازما ئاپتورى:

مەن ئىزتىل- تور دۇنياسىدا ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتىنى كۆزۈتۈش جەريانىدا بايقىغان ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىكا ئاجىزلىقلار، جەمئىيەتشۇناسلىق،ئۆگىنىش تەسىراتلىرىم قاتارلىق تەرەپلەردىكى كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمدىن بىر ئىزناسىنى قالدۇرۇپ مېڭىۋاتىمەن ! ! قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ مەن يەنە مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى





باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif