ياشلىق ئۇ شۇنداق بىر پەسىل
ياشلىق ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆمىرىدە بىرلا قېتىم كېلىدىغان ، ئۆگىنىشمۇ ، ئۇيۇن – تاماشىمۇ ، كۆيۈشمۇ ، سۆيۈشمۇ … ھەممىسى يارىشىدىغان ، رېئاللىقنىڭ ھېچكىم دەپ بەرمىگەن ، دەپ بېرەلمەيدىغان سىرلىرىنى بىۋاستە ھېس قىلىپ يېتىدىغان بەكمۇ گۈزەل ھەم قىسقا پەسىلدۇر . بۇ ۋاقىتتا ئادەم مەغلۇبىيەتلەرگە قورقماي ئۆزىنى تۇتۇپ بېرەلەيدۇ . ھەر قانداق خېيىمخەتەرگە كۆكرەك كېرىپ چىقالايدۇ . شۇڭا ياشلىقىڭدىكى كۆپلىگەن مەغلۇبىيەتلەرمۇ سېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ . ياشلىقىڭدىكى كۆپلىگەن مەغلۇبىيەتلەرمۇ سېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ . ياشلىقىڭدا بىر نۇقتىدا جىم تۇرالمايسەن ، ھەرىكەت قىلىپ ھارمايسەن ، چارچىمايسەن ، چۈنكى جىسمىڭدىكى قايناپ – تېشىپ تۇرغان ھاياتى كۈچ سېنى ئىزچىل ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەپلا تۇرىدۇ . ھەممە ئىشنى ئۆزۈڭ قول سېلىپ قىلىپ باقسام دەيسەن . چوڭلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالماي ، ئاقىۋەتلەرنى ئۆزۈڭ بىۋاستە كۆرۈپ بېقىپ چۈشەنمەكچى بولىسەن . مۇمكىنچىلىكلىرىڭ دائىرىسدە پىتىرايسەن ، ئۆز ھۇجۇمىدىن قورقماي باشقىلارنىڭ ئاغىزىنى تاتىلايسەن ، قوپال چاقچاقلىشىسەن ، مۇنازىرلىشىسەن ، ھەتتا قېنىڭ قىزىپ مۇشت كۆتۈرگۈدەك دەرىجىگىمۇ بېرىپ قالىسەن . سېنى قانچىلىك ياقتۇرىدىغىنىنى ئۇقماي گۈزەل قىزلارنى پىنھان مارايسەن ، سۆيگۈ تەلىپى قويىسەن ، خيالپەرەسلىكلەر بىلەن بىر ئىشلارنى پىلانلاپ قىلىپ باقىسەن . مانا مۇشۇ تەرزدە تالاي ئەگرى – توقاي يوللارنى بېسىپ قاچانلاردا ياشلىقىڭدىن ئۇزاپ كەتكىنىڭنى بىلمەيلا قالىسەن . شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى ، خيالپەرەسلىكتىن تارتىپ ھەممىدىن سوۋۇشقىچە بولغان ئىزلىرىڭىغا بىر باققىنىڭدا ، بىردىنلا باشقىلار ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى قىلىۋېرىپ ئەمدىلىكتە ئۆزۈڭنىڭمۇ مۇستەققىل ئىش تەۋرەتسەڭ بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالىسەن – دە ، بىردىنلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېقىشقا ئۇرۇنىسەن ، كاللاڭغا كەينى – كەينىدىن بىر – بىردىن ئېسىل پىلان ، لايىھەلەر كېلىدۇ ، بۇ ئىشلارنىڭ قىلىنماي تاشلىنىپ قالغانلىقىغا قاراپ ئەتراپىڭدىكى سەندىن باشقا ھەممە ئادەملەر ساڭا يارىماس ، ئىش قىلىشنىڭ ئېپىنى ئۇقمايدىغان ياكى مۇتەئەسسىپ بۇلۇپ بىلىنىدۇ ، بۇ ئىشلارغا قانچىلىك ئەمەلىي شارائىت ، قانچىلىك ۋاقىت ، قانچىلىك ئىنچىكە مەشخۇلات كېتىدىغانلقىنى بىلەن ھېسابلىشپ ئولتۇرمايسەن ، ھېچقايسسىدىن ۋاز كەچكۈڭ كەلمەيدۇ … شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى قاينامغا تاشلايسەن … مۈشكۈلاتلارغا يۇلۇقساڭ كارايىتى چاغلىق ، يول دېگەن راۋان – دوقالسىز بولمايدۇ . بەلكىم ياشلىقتىكى ئاشۇ كىچىك – كىچىك مەغلۇبىيەتلىرىڭ سېنىڭ يېتىلگەن چېغىڭدىكى ھالاكەتلىك چوڭ مەغلۇبىيىتىڭنىڭ ئالدىنى ئالار ، چۈنكى ياشلىقنىڭ ماھىيىتى دېگەن دەل شۇ . ياشلىق بولىدىكەن ، قىلىمەن دېسەڭلار ، ھەممىنى قىلغىلى ، قىلىشقا ئۈلگۈرگىلى بولىدۇ .
شۇنداق ، ياشلىقنىڭ كۈچ – قۇدرىتى ھەقىقەتەن چەكسىزدۇر . ئەمما ئۇنى چىڭ تۇتالمىساڭ ، ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمىسەڭ ، ياشلىقىڭدا ئۆزۈڭگە لايىق چىقىش يولى تېپىپ ، ئىشلىرىڭدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىساڭ ، سەن تۈرلۈك رىقابەتلەرنىڭ ھەممىسدە مەغلۇبىيەتكە يول ئالغان بولىسەن . چۈنكى ، « نەتىجىسىز ئۆتكەن ياشلىق – مۇسىبەتتۇر (ئاباي)». ئاتاقلىق ئېينىشتىيىن مۇنداق دېگەنىدى : « ئومۇمەن 30 ياشتىن بۇرۇن چوڭ ئىلىمىي بايقىشى بولمىغانلار بىر ئۆمۈر چوڭ كەشپىياتچى بولالمايدۇ » . بۇ گەپنىڭ ھېلىھەم ئاساسىي بار دەپ قارالماقتا . ئېينىشتىيىن ئۆزىمۇ 26 يېشىدا نىسپىيىلىك نەزەرىيىسىنى ياراتقانىدى . دارۋىن 30 ياشقا كىرمەستىنلا تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى جەھەتتىكى ئۇقۇمىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بولسا ، نىيۇتۇن ئېغىرلىق كۈچىنى شەرھلىگەندە تېخى 24 ياشتا ئىدى . باشقا ساھالەردە مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ياشلىقىدا كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ . دېمەك ھەر ئىنسان ھاياتنىڭ بۇ بىباھا پۇرسىتىدە ئىزدەنمىسە ، تىرىشمىسا ، كېيىن ئېرىشىدىغىنى پۇشايمان ۋە قەدىرسىزلىك بۇلىدۇ ، خالاس . شۇڭا ياشلىقىنىڭ ئەسلى ساڭا ئاتا قىلغان ھىممەتلىك پۇرسەتلىرىنى چىڭ تۇتۇشۇڭ ، تەۋرەنمەي تىرششىڭ كېرەك.
مەنبە : ياشلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .