ھەر بىر ئۆگەنگۈچىگە نىسپەتەن ئۆگىنىش شەكىلىنى ئۆزگەرتىش شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ( ئۆگەنگۈچىنىڭ ) يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەت قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ، ھەرخىل پۇرسەتلەردە ئۆزىمىزنى ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىشكە باشلاپ كىرىش . بەلكىم سىزنىڭ ھەم ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تېخىمۇ كۆرىنەرلىك ھەم نەتىجىلىك بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن . تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ ئۆگىنىش جەريانىمدىكى يەنە بىر كىچىككىنە خۇلاسەمنى يېزىپ چىقىشنى ئويلۇشۇپ قالدىم . بەلكىم بۇ بىر قىسىم ئۆگەنگۈچىلەرگە قىسمەن دەرىجىدە ياردىمى بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئىزدىنىشكە يېتەكلەيمىز ؟
ئىزدىنىش خاراكتېردىكى ئۆگىنىش ئادەتتە مۇنداق ئىككى خىل مەنىگە ئىگە : بىرى ، بىر خىل ئۆگىنىش شەكىلى بۇلۇپ ، قۇبۇل قىلىش شەكىلىدىكى ئۆگىنىشكە قارىغاندا ، ئاكتىپ ئىزدىنىش ، مۇستەقىل ئۆگىنىش ، بايقاش ۋە مەسلە ھەل قىلىشنى تەكىتلەيدۇ . بۇخىل ئۆگىنىش شەكىلىنى ھەرخىل ئۆگىنىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشقا بۇلىدۇ . يەنە بىر خىلى ئۆگىنىش پائالىيىتى بۇلۇپ ، بۇ خىل ئۆگنىش پائالىيىتى ئاساسلىقى ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش شەكىلىنى قوللىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتىن مەلۇم تېمىنى نۇقتا قلىپ تاللاپ ، ئېچىۋېتىلگەن مۇھىت ئاستىدىكى كۆپ خىل يوللار بىلەن ئۇچۇرغا ئىگە بولىدىغان ھەم بىلىمنى ئۇنۋېرسال ئىشلىتىپ ، ئەمەلىي مەسلىنى ھەل قىلىدىغان ئۆگىنىش شەكىلى .
1.ئىزىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتا ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كۆزىتىش قابىلىيىتىمىزنى يېتىلدۈرۈپ ، ئەتراپتىكى ھادىسىلەرنى ئەتراپلىق كۆزىتەلەيدىغان بۇلۇشىمىز كېرەك .
2. ئۆزىمىنىڭ كەسىپىگە ۋە ئەمەلىيىتمىزگە بىرلەشتۈرۈپ پەننى بىلىملەر ۋە ئىجتىمائىي مەسلىلەرگە بولغان قىزىقىشنى قوزغىشىمىز كېرەك .
3. ئۆزىمىزنىڭ كۆزىتىش ، گۇمانلىنىش ، ئىزدىنىش پىسخىك مايىللىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە يېتىلدۈرۈش .
ئاخىرىدا كىچىكىنە خۇلاسەم : بۇ خىل ئۆگنىش ئۇسۇلى بىزنىڭ ئىلگىرلەش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ، ئىجادىي ئۆگىنىش قالىبىيىتىمىزنى يېتىلدۈرىشىمىزگە پايدىلىق .