ئۆگىنىشكە بېرىلمەيدىغان كىشلەرنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان چارە ئاخىرى بارلىققا كەلدى . ئۇلار پەقەت ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېىتىم يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ تىنچ مۇھىتتا سەيلە قىلىپ بەرسە ، چوڭ مېڭىنىڭ ئۆگىنش ، دىققەت كۈچىنى يىغىش ۋە ئىستېرېئولۇق تەپەككرۇ قىلىش ئىقتىدارى ئاز بولغاندىمۇ 15 پىرسەنت ئاشىدىكەن . بۇخىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى ياشانغانلارغا نىسپەتەن تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن . بۇ نۇقتا دائىم زىيادە تىنچ مۇھىتتا سەيلە قىلىدىغان ياشانغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارنى سىناشتا كۆرسىتىدىغان ئىپادىسىنىڭ كۆپ ھاللاردا باشقىلارنىڭكىدىن ياخشى بولىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ .
ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىلەر مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقارغان : 10 ياكى 11 ياشلىق بالىلارنىڭ ئارىسىدا ھەر ھەپتىدە ئۈچ ياكى تۆت قېتىم تەنھەرىكەت مەشىقىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تەنھەرىكەت مەشىقىگە قاتناشمايدىغانلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ .بۇخىل نەتىجە ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغان . ئوكسىگېن ساپلىقى يۇقىرى مۇھىتتا چېنىقىش چوڭ مېڭىگە يەتكۈزىلىدىغان ئوكسىگېننىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشقا تۈرۈتكە بولىدۇ . چوڭ مېڭىنىڭ تەنھەرىكەتكە مايىل بۇلۇشىدا يەنە بىر خىل سەۋەبمۇ بار : بەدەن چېنىقتۇرۇش چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ قايتا بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
خاتىمە: ئۆگىنشىكە قىزىقمايدىغان دوستلىرىمىز ئەقلىي قابىيلىتىڭلارنى مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يۇقىرى كۆتۈرسەڭلار بەلكىم سىنىپىڭلاردىكى ئەليۇلئەلا قاتارىغا كېرەلىشىڭلاردا گەپ يوق .
مەنبە : جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى .