مەن بۈگۈن يەنە سېنىڭ خەۋىرىڭنى ئاڭلىدىم ،سەندىن شۇنچە يىراق قاچساممۇ لېكىن سېنىڭ خەۋەرلىرىڭ مېنى يىراق –يىراقلاردىن ئىزلەپ تاپىدۇ.مانا بۈگۈن سەن مېنى يەنە ئازاپلىدىڭ .سېنىڭ ھەربىر سۆزۈڭ ،ھەربىر قاراشلىرىڭ ،ھەتتا ئالغان نەپەسلىرىڭ مېنى شۈنچىلىك قىينايدۇكى ،سەندىن ھاياتلىقنى ،ھاۋانى تالىشىۋاتقاندەك سېنى تاشلاپ قاچىمەن .
سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى ئەرزىمەس بىر ئادەملىكىمنى بىلگەن كۈندىن ئىتبارەن ھەتتا بىرئېغىزسۆزۈڭمۇ نەشتەردەك سانچىلىپ مېنى ئازاپلايدىغان بولدى …سەندىن نەپرەتلىنىشنى خالايمەن.ئەمما سەندە نېمە گۇناھ ؟ مېنى سۆيەلمىگىنىڭ سېنىڭ گۇناھىڭمۇ ؟ياق …سېنى سۆيۈپ قالغىنىم مېنىڭ گۇناھىم …
سەن ماڭا مېنى سۆي دېمىگەن ،پەقەتلا ‹سېنى سۆيىمەن›دېگەن …مانا ئەمدى باشقىنى سۆيۈپسەن ،مەن ھەرقانچە ئازاپلانساممۇ لېكىن سەندىن قىلچە رەنجىشىم يوق .سەن بىر تەتقىتاتچى …سەن مۇھەببەتنى تەتقىق قىلىسەن .ھەربىر ساددا كۆڭۈلنى ،ھەربىر گۈزەل قىزنى تەتقىق قىلىسەن …مەن شۇلار قاتارىدىكى بىر تەجىربە ماتىريالى خالاس …
ئەمما مەن ئۈچۈن ئازاپلىنىمەن ،مۇشۇتاتقان جاپالىرىڭ بىكارغا كېتەرمۇ ؟ئەگەر مۇھەببەتكە نوبىل مۇكاپاتى بېرىلسە مەن سېنى بىرىنچى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن بولاتتىم .ئەمما مىڭ ئەپسۇس ،ئىنسانلار تەرەققىياتى تېخى ئۇباسقۇچقا بېرىپ يەتمەپتۇ.
مەن ئۆزەمنى قورقۇنچاق دەپ ئويلايتتىم ،لېكىن ،سەن مەندىممۇ قورقۇنچاق ئىكەنسەن ئەمەسمۇ ؟! سەن بىرسىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈشتىن قورقىدىكەنسەن ،سەن بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ ماڭا ئوخشاش سەۋدايى بولۇشتىن قورۇقتۇڭمۇ ؟ باشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىپ قاراشلىرىدىن قورۇقتۇڭمۇ؟ئەگەر شۇنداق بولغىنىدا سېنى سۆيۈپ قالغىنىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن ،چۈنكى مەن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن قورىقمىدىم .دېمەك سېنى سۆيۈپ قەيسەر بىر يىگىتكە ئايلىنىپتىمەن ئەمەسمۇ ~! ئەمما بىرلا نەرسىدىن قورقىمەن ،ئۇبولسىمۇ سەن …سېنىڭ ئاشۇ تىنىقلىرىڭنىڭ ئاجىز تېنىمنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىشىدىن قورقىمەن