كەڭ قورساق بۇلۇش گۈزەل ئەخلاقتۇر . مەسلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا كەڭ قورساق بولساق ، نەتىجە ھامان باشقىچە چىقىدۇ . تۇرمۇشتا كەڭ قورساق بولساق ، قەلىب تىنچ – ئازادە بۇلىدۇ ؛كىشلەر ئوتتۇرسىدا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچ پەيدا بۇلۇپ ، جەمئىيەتمۇ ئېجىل – ئىناق بۇلىدۇ .
مېنڭىچە كەڭ قورساق بۇلۇشتا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ شەرتنى ئۇرۇنلاش زۆرۈر .
1. چۇقۇم ئۇرۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىش كېرەك . يەنى بىرەرسى بىلەن زىددىيەتلىشىپ ، تالاش – تارتىش قىلغاندا قارسى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسلىنى ئويلاش كېرەك . بۇنداق قىلغاندا ، قارشى تەرەپنىڭ ئويى ۋە تەسىراتىنى سېزەلىشىمىز مۇمكىن . شۇنىڭ بىلەن ، مۇناسىۋىتىمىز ياخشىلىنىپ ، چوڭقۇرلىشىدۇ ، يەنى كۆڭلىمىزدىكى تۈگۈننى يېشىپ چىقىپ ، ئۆزىمىزدىكى كەمچىلىكىنى تاپالايمىز .
2. ئاكتىپلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرىنى قۇبۇل قىلىش . ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بۇلىدۇ . ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ئوخشاش بولىمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى بۇلىدۇ، شەيئىلەرگە قارىتا كۆز قارشى ۋە پوزىتسىيەسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . بىز باشقىلارنى ئۆزىمىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ، كۆز قارىشىمىزنى قۇبۇل قىلغۇزۇشقا ئېسىلۋالماي ، قارشى تەرەپنىڭ كۆز قارىشىنى چۈشىنىپ ، ھۆرمەت قىلغان ئاساستا قۇبۇل قىلىشىمىز كېرەك .
3.سەۋىرچان بۇلۇش . ئۆزىمىزگە قاتتىق بول بۇلۇپ ، باشقىلارغا كەڭ قورساق بۇلۇشىمىز كېرەك ، بۇ چۇقۇمكىشلىك مۇناسىۋىتىمىزدىكى ئاساسلىق مىزان بۇلۇشى كېرەك . ئەتراپىمىزدىكى شاۋاقداشلار ، دوستلار ، خىزمەتداشلار بىلەن ئارلاشقاندا زىددىيەت ۋە خاتا چۈشەنچىدىن مۇستەسنا بولالمايمىز . خۇددى سەۋىرنىڭ تېگى ئالتۇن ؛ يول قويغاننىڭ كۆڭلى – كۆكىسى تىنچ بۇلۇر دېگەندەك . ئەگەر ئۆز ئارا يول قويساق ، كەڭ قورساق بولساق ، چوڭ زىددىيەتلەرنى كىچىكلىتىپ ، كىچىك زىددىيەتلەرنى يوقاتقىلى بۇلىدۇ . باشقىلارنىڭ سۆز – ھەركىتىنى دەماللىققا قۇبۇل قىلالمىسىڭىزمۇ يول قۇيۇپ ، سەۋىر قىلىپ ، باشقىلارنىڭ ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا پۇرسەت بەرسىڭىز ، ئۇلار سىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىڭىز ۋە كۆڭلى – كۆكسىڭىزنىڭ كەڭلىكىگە يول قويىدۇ .