« مەن ئاكتىپ بلوگگىر بۇلۇش ، ياخشى بلوگ بەرپا قىلىشتا ، تۇرمۇشتا ھىس قىلغانلىرىم ،ھادىسىلەر بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەن چاغدىكى تەبەسسۇمغا تايىنىمەن ( ياسالما ئەمەس ) . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، باشقا بلوگگىرلار بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىغان چاغدا شۇ بلوگگىرنىڭ توردىكى نامى ياكى تەخەللۇسىنى بىۋاستە چاقىرىشمۇ بلوگچىلىق ھاياتىمدا مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن . ( بۇنىڭدا مۇئەللىم بلوگىدا ئېلان قىلىنغان ‹ سالاھىيەت ۋە بىز › دېگەن يازمىنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن) . ئۇنڭدىن باشقا ، ئوقۇرمەنلىرىمىزمۇ كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ئاڭلىشىمىزغا موھتاج بولغاندا ، ساداقەتمەنلىك بىلەن ئاڭلىغۇچى بۇلۇشىمىز كېرەك ؛چاقچاق قىلىشمۇ بىر خىل ئۇسۇل بۇلۇپ ، مۇۋاپىق چاقچاق ئاكتىپ بلوگ بەرپا قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ ، لېكىن ھەددىدىن ئارتۇق چاقچاق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ ؛ مېنىڭچە ، مۇنداق بىر نۇقتا ئېسىمىزدە بۇلۇشى كېرەك . يەنى ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ بەرگەن پىكىر – تەلەپ ، باھالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئەڭ ياخشى سەۋەبى بۇلىدۇ . گەرچە سىز ئۇ سەۋەبلەرنى ئانچە چۈشەنمىسىڭىزمۇ ، بۇنداق بولغاندىمۇ بىر تېخىمۇ ئاكتىپ بلوگ مۇھىتىنى بەرپا قىلىشقا ياردىمى بۇلىدۇ .
مېنڭىچە ، ئاكتىپ بلوگ تەرتىپىنى بەرپا قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى : ‹ سەن باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭ ، سەنمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىل › دىن ئىبارەت .
ئەمدى سىز پىكىر قىلىپ بېقىڭ ، سىزنىڭ بلوگ باشقۇرۇش ھەققىدىكى تەسىراتىڭىز قانداق ؟