پەزرەنتنى ياخشى تەربىيەلەش ئاتا – ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى . ئۇنداقتا ، پەزەنتنى قانداق تەربىيەلەش كېرەك ؟ چەت ئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار مۇۋاپىق كەلمەيدۇ :
1. پەرزەنتىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇش . ئاتا – ئانىلار دائىم باشقىلارنىڭ بالىلىرنىڭ ياخشى ئوقۇيدىغانلىقى ، نەتىجىسنىڭ ياخشىلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ ، بالىسىنى ئۇلارغا سېلىشتۇرىدۇ. بۇ پەرزەنت تەربىيەسدىكى ئەڭ خاتا ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ .
2. پەرزەنتىنىڭ شەخسى ھوقوق- مەنپەئەتىگە سەل قاراش . ئاتا – ئانىلار چۇقۇم پەرزەنتىنىڭ ھوجۇرسىغا كىرىشتىن ئاۋۋال ئىشكنى چېكىشى كېرەك ، قىسمەن ئاتا – ئانىلار پەرزەنتىنىڭ نەرسە – كېرەكلىرىنى خالىغانچە ئاختۇرۇپ ، غورورىغا تېگىدۇ .
3. پەرزەنتىنى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە تەربىيەلەش . ئاتا – ئانىلار پەرزەنتىنى ئۆز ئارزۇسى بويىچە تەربىيەلەشنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل خاتا قاراش . بالىنىڭ ئۆز قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك .
4. بالىنىڭ ئۆگنىش نەتىجىسىنى ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قاراش . ئەمەلىيەتتە ئوقۇش نەتىجىسى ناچار ئادەمدىنمۇ كەلگۈسىدە ئالىم ، داڭلىق شەخسلەر چىقىدۇ ، شۇڭا ئوقۇش نەتىجسىنى ھەممىنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالماسلىق كېرەك .
5. پەرزەنتىگە بولغان مېھرىنى تەربىيەلەشنىڭ باھانىسى قىلىش . ئاتا – ئانىلار پەرزەنتى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغانلىقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ . بۇنى باھانە قىلىپ پەرزەنتىگە قاتتىق تەلەپ قۇيىدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەخمىقانىلىق ھېسابلىنىدۇ .