بىر بلوگگىرنى باھالاش توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان ئوقۇرمەنلىرىمىز ھەرخىل ئوخشاش بولمىغان قىياسلارنى قىلىشىدۇ ، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۆز پىكىرنىڭ ئاساسى بار . ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسلە شۇ يەردىكى ئالدى بىلەن مۇنەۋۋەر بلوگ باھالاشتا شۇ بلوگ ئاپتۇرنىڭ ساپاسىنىڭ قانداقلىقىغا قاراش ، بلوگگىرنىڭ خىزمىتىگە قانداق قاراش .
بلوگگىر ئۆزىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مەنچە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن :
بلوگگىر يېڭى تېما ئېلان قىلىشتا ئالدى بىلەن ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئارزۇسىنى تۇلۇق قوزغىتىشنى مەقسەت قىلىش كېرەك . ئۇنداق بولسا ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارزۇسىغا قانداق باھا بېرىشكە بۇلىدۇ ؟ ئوقۇرمەنلەرنىڭ تېمىغا پىكىر – تەلەپ بېرىشىگە ئاكتىپ ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشقانلىقىنى قانداق باھالايمىز ؟ بۇنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە كۆرسەتكۈچتىن تەھلىل قىلىپ باقساق بۇلىدۇ :
1. ئەستايدىل ئاڭلاش .
2. ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزۈش.
3. پىكىر بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلىش .
4. يۈرەكلىك ھالدا ئىنكاس يېزىش .
5. دوستانە ھەمكارلىشىش .
6. ئاكتىپ يېڭىلىق يارىشىتقا ئىلھام بېرىش .
ئەگەر ئوقۇرمەنلەر يۇقارقى كۆرسەتكۈچ بويىچە بلوگگىرلارغا رىغبەتلەندۈرۈش ئاتا قىلسا ، بۇنىڭ مەلۇم دەرىجىدە بلوگگىرنىڭ ئۆز – ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ، ئىزدىنىش ئىرادىسىنى چېىنقتۇرۇش ، ئالغا ئىلگىرلەش قاتارلىقلارغا بولغان قىزىقىشى كۈچىيىپ ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل تېما يېزىش ، يېڭىلىق يارىتىش ، جەمئىيەتنى كۆزىتىش پائالىيىتى جەريانىغا ئاكتىپچانلىق ئىدىيىسى سىڭىپ كىرگەن بۇلىدۇ . شۇنداق بولغاندا بلوگگىر ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىك ، كەمچىللىك تەرەپلىرىنى ئاسانلا بايقىۋېلىپ ئۆزىنىڭ ساپاسىنى ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشقا ئىنتىلىدۇ .
[ يۇقارقىلار مېنىڭ بلوگ يېزىش جەريانىدا بايقىغان ھەم ھېس قىلغانلىرىم ، ئەگەر سىزمۇ ئوخشاشمىغان تەرەپلەرنى بايقىغان بولسىڭىز تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكىلىدە سۆز بايان ئەيلەپ بارلىق ئوقۇرمەنلەر ، بىلوگگىرلار بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز بۇلىدۇ .]