جەمئىيەت بىر ئادەمنىڭ ئارزۇسىغا باقمايدۇ ، تۇرمۇش ھەممە ئادەمگە بەخىت ئېلىپ كېلىۋەرمەيدۇ ، بەزى كىشلەر بەختسىزلىككە ئۇچۇرغاندا ئۈمىدسىزلىنىدۇ ، باشقىلاردىن ئاغرىنىپ ، ھەتتا روھى جەھەتتىن چۈشكىنىلىشىپ ، ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي قالىدۇ . بۇ پىسخىك جەھەتتىن ئالغاندا ، روھى ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى .
مىجەزى ئوسال ، تەرسا ئاتا تۆت ياشقا كىرگەن ئوغۇلىنىڭ كىچىسى ئورنىغا سىيىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان . چۇس مىجەز تۆمۈرچى ياسىغان سايمانلىرىنى باشقىلار ئەرزان سورىغانلىقتىن ، سەندالغا قۇيۇپ بازغان بىلەن ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرگەن . مىجەزى چۇس ، ئوسال ئادەملەرمۇ جەمئىيەتتە ياشاۋېرىدۇ ، لېكىن جەمئىيەت ، تۇرمۇش ئۇلارغا ئارام بەرمەيدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ مىجەزى داۋاملىق چۇس ، ئوسال ھالەتتە تۇرىۋېرىدىكەن ، تۇرمۇشى خاتىرجەم ئۆتمەيدۇ ، بەخىتسىزلىك يۈز بېرىدۇ . مىجەزى چۇس ، ئوسال خاراكتېرلىك ئادەملەردە ئۈمىد ، ئىشەنچ كەمچىل بۇلىدۇ . ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغۇچە ئىشلىرىنى پالاكەت باسىدۇ . ئادەمدە ئەگەر ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى بولمىغاندا ، تۈرلۈك بېسىملارغىمۇ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىمۇ بولمايدۇ . ئۇنداق ئادەم ھېچقانداق ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ .
تۇرمۇشتا ھەممە ئادەم بەخىتلىك بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ، ئەمما بەخىتسىزلىك تۇرمۇشقا ئۈن – تىنسىز بېسىپ كىرىدۇ . بۇنداق تاسادىپي ئوڭۇشسزلىقلارغا نىسپەتەن ئادەمدە ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق بۇلۇشى كېرەك . ئېغىر ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچىرىغان چاغلاردا ئۆزىنى كونتىرول قىلالمىغان كىشى تۇرمۇشىنى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتۇرالمايدۇ .
« شىجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى .